< ג'ון 6 >

ויהי אחרי כן ויצא ישוע אל עבר ים הגליל אשר לטיבריה׃ 1
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.
וילכו אחריו המון עם רב כי ראו אותתיו אשר עשה עם החולים׃ 2
زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
ויעל ישוע על ההר וישב שם הוא ותלמידיו׃ 3
ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى.
וימי הפסח חג היהודים קרבו לבוא׃ 4
ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى.
וישא ישוע את עיניו וירא עם רב בא אליו ויאמר אל פילפוס מאין נקנה להם לחם לאכל׃ 5
ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدى
ואך למען נסות אתו דבר זאת כי הוא ידע את אשר יעשה׃ 6
(لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى).
ויען אתו פילפוס לחם מאתים דינר לא ימצא להם לקחת לו איש איש מעט׃ 7
فىلىپ جاۋابەن: ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ!
ויאמר אליו אחד מתלמידיו אנדרי אחי שמעון פטרוס׃ 8
مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا:
יש פה נער אשר לו חמש ככרות לחם שערים ושני דגים אך אלה מה המה לעם רב כזה׃ 9
ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى.
ויאמר ישוע צוו את העם לשבת ארצה וירק דשא לרב היה במקום ההוא וישבו לארץ כחמשת אלפי איש במספר׃ 10
ئەيسا: ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى.
ויקח ישוע את ככרות הלחם ויברך ויתן לתלמידיו והתלמידים אל המסבים וככה גם מן הדגים כאות נפשם׃ 11
ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى.
ויהי כאשר שבעו ויאמר אל תלמידיו אספו את פתותי לחם הנותרים למען לא יאבד מאומה׃ 12
ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، ــ دېدى.
ויאספו וימלאו שנים עשר סלים בפתותי חמש ככרות לחם השערים הנותרים לאכליהם׃ 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى.
ויהי כראות האנשים את האות הזה אשר עשה ישוע ויאמרו הנה זה הוא באמת הנביא הבא לעולם׃ 14
ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.
וידע ישוע כי יבאו ויתפשהו להמליך אותו וימלט עוד הפעם אל ההר הוא לבדו׃ 15
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى.
ויהי בערב וירדו תלמידיו אל הים ויבאו באניה ויעברו אל עבר הים אל כפר נחום׃ 16
كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى.
ויכס אתם החשך וישוע לא בא אליהם׃ 17
ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى).
ויסער הים כי רוח גדולה נושבת׃ 18
قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.
והם חתרו במשוטיהם כדרך עשרים וחמש או שלשים ריס ויראו את ישוע מתהלך על הים הלוך וקרב אל האניה וייראו׃ 19
مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى.
ויאמר אליהם אני הוא אל תיראו׃ 20
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
ויואילו לקחת אתו אל האניה ורגע הגיעה האניה לארץ אשר הם הלכים שמה׃ 21
شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى.
ויהי ממחרת וירא המון העם העמד מעבר לים כי לא היתה אניה בזה בלתי אחת אשר ירדו בה תלמידיו וכי ישוע לא בא עם תלמידיו אל האניה אך תלמידיו לבדם נסעו מזה׃ 22
ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق [ئالدىنقى كۈنى] ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.
ואניות אחרות באו מטיברים קרוב למקום אשר אכלו שם את הלחם בברכת האדון׃ 23
ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.
ויהי כראות המון העם כי ישוע איננו שם אף לא תלמידיו וירדו גם הם באניות ויבאו אל כפר נחום לבקש את ישוע׃ 24
شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى.
וכאשר מצאו אתו מעבר הים ויאמרו אליו רבי מתי באת הלם׃ 25
ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ ــ دەپ سوراشتى.
ויען אתם ישוע ויאמר אמן אמן אני אמר לכם לא על ראותכם את האתות תבקשוני כי אם על אשר אכלתם מן הלחם ותשבעו׃ 26
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر.
אל תעמלו במאכל אשר יאבד כי אם במאכל הקים לחיי עולמים אשר בן האדם יתננו לכם כי בו חתם חותמו אביו האלהים׃ (aiōnios g166) 27
بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. (aiōnios g166)
ויאמרו אליו מה נעשה לפעל פעלות אלהים׃ 28
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىگە ئىنتىلىپ ئىشلىسەك ئاندىن خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىگەن بولىمىز؟ ــ دەپ سوراشتى.
ויען ישוע ויאמר אליהם זאת פעלת אלהים כי תאמינו בזה אשר הוא שלחו׃ 29
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى.
ויאמרו אליו מה אפוא האות אשר תעשה למעננראה ונאמין בך מה תפעל׃ 30
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە: ــ ئۇنداق بولسا سەن بىزنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگۈدەك قانداق مۆجىزىلىك ئالامەت يارىتىسەن؟ زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىسەن؟
אבותינו אכלו את המן במדבר כאשר כתוב לחם מן השמים נתן למו לאכל׃ 31
ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، [زەبۇردا]: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى.
ויאמר אליהם ישוע אמן אמן אני אמר לכם לא משה נתן לכם את הלחם מן השמים כי אם אבי נתן לכם את הלחם מן השמים האמתי׃ 32
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ [ھازىرمۇ] سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ.
כי לחם אלהים הוא היורד מן השמים ונתן חיים לעולם׃ 33
چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.
ויאמרו אליו אדני תנה לנו תמיד את הלחם הזה׃ 34
ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
ויאמר להם ישוע אנכי הוא לחם החיים כל הבא אלי לא ירעב ואשר יאמין בי לא יצמא עוד׃ 35
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
ואני הנה אמרתי לכם כי גם חזיתם אתי ולא תאמינו׃ 36
لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.
כל אשר יתננו לי אבי יבוא אלי והבא אלי לא אהדפנו החוצה׃ 37
ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
כי ירדתי מן השמים לא לעשות רצוני כי אם רצון שלחי׃ 38
چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
וזה רצון האב אשר שלחני כי כל אשר נתן לי לא יאבד לי כי אם אקימנו ביום האחרון׃ 39
مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت.
וזה רצון שלחי אשר כל הראה את הבן ומאמין בו יהיו לו חיי עולמים ואני אקימנו ביום האחרון׃ (aiōnios g166) 40
چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن. (aiōnios g166)
וילנו עליו היהודים על אמרו אנכי הוא הלחם הירד מן השמים׃ 41
ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى:
ויאמרו הלא זה הוא ישוע בן יוסף אשר אנחנו ידעים את אביו ואת אמו ואיך יאמר מן השמים באתי׃ 42
ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار.
ויען ישוע ויאמר אליהם אל תלינו איש אל רעהו׃ 43
ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مېنىڭ توغرامدا] ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار.
לא יוכל איש לבוא אלי בלתי אם ימשכהו אבי אשר שלחני ואני אקימנו ביום האחרון׃ 44
مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
הלא כתוב בנביאים וכל בניך למודי יהוה לכן כל אשר שמע מן האב ולמד יבא אלי׃ 45
پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ [سۆزىنى] تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
לא כאלו ראה איש את האב בלתי הבא מאת האלהים הוא ראה את האלהים׃ 46
بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر.
אמן אמן אני אמר לכם המאמין בי לו חיי עולמים׃ (aiōnios g166) 47
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. (aiōnios g166)
אנכי הוא לחם החיים׃ 48
ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن.
אבותיכם אכלו את המן במדבר וימתו׃ 49
ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى.
זה הוא הלחם הירד מן השמים למען יאכל איש ממנו ולא ימות׃ 50
لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ.
אנכי הלחם החי הירד מן השמים איש כי יאכל מן הלחם הזה יחיה לעולם והלחם אשר אתננו הוא בשרי אשר אני נתן בעד חיי העולם׃ (aiōn g165) 51
ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن. (aiōn g165)
ויתוכחו היהודים איש עם רעהו לאמר איכה יוכל זה לתת לנו את בשרו לאכל׃ 52
بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ: ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت-تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.
ויאמר אליהם ישוע אמן אמן אני אמר לכם אם לא תאכלו את בשר בן האדם ושתיתם את דמו אין לכם חיים בקרבכם׃ 53
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ.
האכל את בשרי והשתה את דמי יש לו חיי עולמים ואני אקימנו ביום האחרון׃ (aiōnios g166) 54
ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. (aiōnios g166)
כי בשרי באמת הוא מאכל ודמי באמת הוא משקה׃ 55
چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.
האכל את בשרי ושתה את דמי הוא ילין בי ואני בו׃ 56
ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.
כאשר שלחני האב החי ואנכי חי בגלל אבי כן האכל אתי גם הוא יחיה בגללי׃ 57
ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ.
זה הוא הלחם הירד מן השמים לא כאשר אכלו אבותיכם את המן וימתו האכל את הלחם הזה יחיה לעולם׃ (aiōn g165) 58
مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «[ماننا]»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «[ماننا]»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! (aiōn g165)
כזאת דבר בבית הכנסת בלמדו בכפר נחום׃ 59
بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.
ורבים מתלמידיו כשמעם אמרו קשה הדבר הזה מי יוכל לשמע אתו׃ 60
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
ויבן ישוע בלבו כי תלמידיו מלינים על זאת ויאמר אליהם הזאת לכם למכשול׃ 61
بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟
מה אפוא אם תראו את בן האדם עלה אל אשר היה שם לפנים׃ 62
ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟!
הרוח הוא הנתן חיים והבשר אין בו מועיל הדברים אשר אני דברתי אליכם רוח המה וחיים המה׃ 63
[ئىنسانغا] ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر.
אך יש מכם אשר לא יאמינו כי ישוע ידע מראש מי הם אשר אינם מאמינים ומי המוסר אתו׃ 64
لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى).
ויאמר על כן אמרתי לכם כי לא יוכל איש לבוא אלי בלתי אם נתן לו מאת אבי׃ 65
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ!
מן העת הזאת רבים מתלמידיו נסגו אחור ולא יספו להתהלך אתו׃ 66
شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى.
ויאמר ישוע אל שנים העשר היש את נפשכם גם אתם לסור ממני׃ 67
شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن: ــ سىلەرمۇ، ھەم [مەندىن] كېتىشنى خالامسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ויען אתו שמעון פטרוס אדני אל מי נלך דברי חיי עולמים עמך׃ (aiōnios g166) 68
سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر! (aiōnios g166)
ואנחנו האמנו ונדע כי אתה המשיח בן אל חי׃ 69
ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى.
ויען אתם ישוע הלא בחרתי אני בכם שנים העשר ואחד מכם שטן הוא׃ 70
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى
זאת אמר על יהודה בן שמעון איש קריות כי עתיד היה למסרו והוא אחד משנים העשר׃ 71
(ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدانى كۆرسەتكەنىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى بولغىنى بىلەن، كېيىن ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدۇ).

< ג'ון 6 >