< לוּקָס 6 >

באחת השבתות, כשעברו ישוע ותלמידיו בשדה, קטפו התלמידים שיבולים, הפרידו את המוץ ואכלו את הגרעינים. 1
ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى.
הדבר לא מצא־חן בעיני כמה פרושים אשר באו לישוע, ואלה קראו:”מדוע תלמידיך קוטפים שיבולים בשבת? הלא הם מחללים את השבת!“ 2
لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
השיב להם ישוע:”האם מעולם לא קראתם מה עשה דוד המלך כשהוא ואנשיו היו רעבים? 3
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر ھەتتا داۋۇت [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟
דוד נכנס לאוהל מועד, לקח את לחם הפנים – שעל־פי התורה היה מיועד לכוהנים בלבד – ואכל אותו עם אנשיו.“ 4
دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، [تەۋراتتا] كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ] ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى.
ישוע עוד הוסיף:”בן האדם הוא אדון השבת.“ 5
ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.
בשבת אחרת, כשלימד ישוע בבית־הכנסת, היה בקהל אדם שידו הימנית משותקת. 6
يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.
הסופרים והפרושים רצו לראות אם ישוע ירפא את האיש בשבת, מפני שחיפשו סיבה להאשים אותו במשהו. 7
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
ישוע ידע היטב את מחשבותיהם, ולכן אמר לבעל היד המשותקת:”בוא ועמוד לפני כולם.“האיש עשה כדבריו. 8
بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى.
ישוע פנה אל הסופרים והפרושים:”יש לי שאלה אליכם: על־פי התורה, האם עלינו לעשות בשבת מעשים טובים, או מעשים רעים? האם עלינו להציל חיים בשבת, או להרסם?“ 9
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ישוע הביט בעיני הנוכחים ואחר כך אמר לאיש שידו משותקת:”הושט את ידך.“האיש הושיט את ידו והיא נרפאה כליל. 10
ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى.
מעשה זה של ישוע עורר את זעם אויביו, והם החלו להתייעץ ביניהם מה לעשות לו. 11
لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
זמן קצר לאחר מכן יצא ישוע אל ההרים להתפלל, ובילה את כל הלילה בתפילה לאלוהים. 12
شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
עם עלות השחר הוא קרא אליו את תלמידיו, ובחר מתוכם שנים־עשר איש שיהיו מלוויו הקבועים. יותר מאוחר ישוע מינה את אלה להיות שליחים. 13
تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى.
אלה שמותיהם: שמעון (ישוע קרא לו גם פטרוס), ‎אַנְדְּרֵי (אחיו של שמעון), יעקב, יוחנן, פיליפוס, בר־תלמי, 14
ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي،
מתתיהו, תומא, יעקב (בן־חלפי), שמעון (מכת הקנאים), 15
ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون،
יהודה (בן־יעקב), יהודה איש־קריות (אשר מאוחר יותר הסגיר את ישוע). 16
ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.
ישוע ירד איתם מההר, וכשהגיעו למקום נרחב הוא עמד מלכת. קהל גדול כבר ציפה לו שם; ביניהם תלמידיו הרבים ואנשים רבים שבאו ממרחקים להקשיב לדבריו ולהירפא ממחלותיהם. הם באו בהמוניהם מירושלים, מיהודה ומאזור צור וצידון. 17
ئەيسا [روسۇللىرى] بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
גם אנשים שהיו אחוזים רוחות רעות נרפאו. 18
ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى.
כל אחד ואחד מהם השתוקק לגעת בישוע, כי יצא ממנו כוח מרפא שריפא את כולם. 19
بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.
ישוע פנה אל תלמידיו ואמר:”אשריכם העניים, כי מלכות האלוהים שייכת לכם. 20
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.
אשריכם הרעבים עתה, כי תשבעו. אשריכם הבוכים עתה, כי עוד תשמחו. 21
مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر.
אשריכם אם שונאים ומנדים אתכם, ואם מקללים אתכם בגלל אמונתכם בבן־האדם. 22
كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك!
”שמחו ורקדו, כי מצפה לכם שכר רב בשמים! ואל תשכחו שכך רדפו גם את הנביאים! 23
شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى [بۇرۇنقى] پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.
אך אוי לעשירים, מפני שכבר קיבלתם את כל מה שמגיע לכם בעולם הזה. 24
ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت-پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار!
אוי לאלה שיש לכם את כל משאלות לבבכם, כי יבוא יום שבו לא יהיה לכם דבר! אוי לכם הצוחקים עתה, כי לא רחוק היום שבו תתאבלו ותבכו! 25
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر.
אוי לכם המקבלים מחמאות ושבחים מכל בני־האדם, כי כך החניפו אבותיהם לנביאי השקר. 26
ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ [بۇرۇنقى] ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان».
”הקשיבו כולכם: אהבו את אויביכם, השיבו טובה לשונאיכם, 27
ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
ברכו את המקללים אתכם, והתפללו בעד אלה שלועגים לכם ומביישים אתכם. 28
سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.
”אם מישהו יסטור לך על לחי אחת, הושט לו גם את הלחי השנייה. אם מישהו ייקח מעילך אל תמנע ממנו את חולצתך. 29
بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن.
תן מה שיש לך לכל המבקש, וכאשר לוקחים ממך דבר, אל תצטער ואל תדרוש אותו חזרה. 30
بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما.
עשו לאחרים את מה שהייתם רוצים שיעשו לכם. 31
باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.
”אם אתם אוהבים רק את אלה שאוהבים אתכם, מה המיוחד בכך? גם הפושעים אוהבים את אלה שאוהבים אותם! 32
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ.
ואם אתם עושים טובה רק לאלה שעושים לכם טובה – החושבים אתם שמגיע לכם פרס? גם הפושעים מחזירים טובה תחת טובה! 33
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
אם אתם מלווים רק לאלה שיכולים להחזיר לכם, האם אתם עושים מעשה נעלה? גם הקמצנים והרשעים מלווים לאנשים כמותם תמורת שכר מלא. 34
ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ!
”עליכם לאהוב את אויביכם, לעשות מעשים טובים ולהלוות כספים בלי לצפות שיחזירו לכם. ואז שכרכם מאת אלוהים יהיה רב, וכך גם תוכיחו שאכן בניו אתם, שהרי אלוהים טוב גם לרשעים ולכפויי־טובה. 35
لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ.
”היו רחמנים כמו שאביכם שבשמים. 36
ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.
אל תמתחו ביקורת על אחרים ואל תשפטו אותם, ואז לא ימתחו ביקורת עליכם ולא ישפטו אתכם. אל תאשימו איש, ואז לא יאשימו אתכם. סלחו לאחרים, ואז ייסלח גם לכם. 37
ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر.
”אם תתנו לאחרים תקבלו חזרה מידה יפה, גדושה ושופעת, כי במידה שאתם נותנים לאחרים יינתן לכם חזרה.“ 38
بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.
ישוע סיפר להם את המשל הבא:”היכול עיוור להדריך עיוור? הלא שניהם יפלו לתוך בור! 39
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟
התלמיד אינו יודע יותר ממורו, אולם אם ילמד בשקידה ובחריצות יוכל להגיע לרמת ידיעותיו של המורה. 40
مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.
”כיצד יכול אתה לראות שביב־עץ קטן בעין חברך, ולא להבחין בקרש הגדול שבעינך? 41
ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!
איך אתה יוכל לומר לו:’אחי, הרשה לי לסלק את השביב מעינך‘, בזמן שאינך רואה את הקרש הגדול שבעינך? צבוע שכמותך! סלק תחילה את הקרש מעינך, ורק לאחר מכן תוכל לסלק את שביב העץ מעין חברך! 42
سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.
”עץ משובח אינו נותן פרי רקוב, כשם שעץ רקוב אינו נותן פרי משובח. 43
چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.
את העץ מכירים לפי הפרי שהוא נותן. הרי התאנים לעולם אינן צומחות על שיחי קוצים, וענבים לעולם אינם צומחים על חוחים. 44
ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس.
אדם טוב מפיק מעשים טובים מהטוב שבלבו, בעוד שאדם רע מפיק מעשים רעים מהרוע שבלבו, שהרי אדם מדבר מתוך הממלא את לבו. 45
ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.
”מדוע אתם קוראים לי’אדון, אדון‘, ואינכם עושים את מה שאני אומר לכם? 46
ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟
כל מי שבא אלי ואינו רק מקשיב לדברי, כי אם גם מקיים אותם, 47
ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي.
דומה לאדם שבנה את ביתו על יסודות איתנים החצובים בסלע. כשבא שיטפון, הבית עומד איתן כי נבנה היטב. 48
ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان.
אולם מי שמקשיב לדברי ואינו מקיים אותם, דומה לאדם שבנה את ביתו על אדמת־חול ללא יסודות. כשבא שיטפון הבית נהרס כליל.“ 49
لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. [كەلكۈن] ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!

< לוּקָס 6 >