< מארק 1 >

כך מתחיל הסיפור על ישוע המשיח בן־האלוהים. 1
خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى:
בספרי הנביאים הודיע לנו אלוהים שהוא עומד לשלוח אלינו את בנו, אולם לפני כן ישלח שליח מיוחד אשר יכין את העולם לקראת בואו של בן־האלוהים. 2
يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك: ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.
ישעיהו הנביא ניבא:”קול קורא במדבר פנו דרך ה׳, ישרו מסילותיו.“ 3
ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ».
שליח זה היה יוחנן המטביל. יוחנן גר במדבר והכריז שכל אחד צריך להיטבל במים, לאות חרטה על מעשיו וכדי שאלוהים יסלח לו עליהם. 4
كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا [پەيعەمبەر] چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى.
אנשים רבים מירושלים ומכל אזור יהודה באו להקשיב לדברי יוחנן, ולאחר שהתוודו על מעשיהם הרעים הוא הטביל אותם בנהר הירדן. 5
پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.
בגדיו היו עשויים שער גמלים והייתה לו חגורת עור; הוא נהג לאכול ארבה ודבש־בר. 6
يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
המסר של יוחנן היה זה:”בקרוב יבוא אדם גדול ונעלה ממני; הוא כה נעלה עד כי איני ראוי אפילו להסיר את נעליו! 7
ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: ــ مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
אני הטבלתי אתכם במים, אולם הוא יטביל אתכם ברוח הקודש של אלוהים!“ 8
مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
יום אחד בא ישוע מנצרת שבגליל, ויוחנן הטביל אותו בנהר הירדן. 9
شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.
כאשר יצא ישוע מהמים נפתחו השמים, ורוח אלוהים בדמות יונה ירדה ונחתה עליו, 10
ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
וקול מן השמים קרא:”אתה בני אהובי, ובך אני חפץ.“ 11
شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
רוח אלוהים נשא מיד את ישוע אל המדבר, שם הוא נשאר לבדו עם חיות המדבר ארבעים יום, והשטן ניגש לנסותו. לאחר מכן באו המלאכים לשרת אותו. 12
ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى.
13
ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى.
זמן מה לאחר שאסר המלך הורדוס את יוחנן, בא ישוע אל הגליל כדי להכריז על בשורת אלוהים. 14
ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.
”העת הגיעה!“קרא ישוע.”מלכות אלוהים קרבה, שובו מדרככם הרעה והאמינו לבשורה!“ 15
יום אחד כשהתהלך ישוע על חוף הכינרת, ראה את האחים שמעון ו‎אַנְדְּרֵי דגים בעזרת רשתות. הם היו דייגים במקצועם. 16
[شۇ كۈنلەردە] ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمون بىلەن ئىنىسى ئاندرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى.
”בואו אחרי!“קרא אליהם ישוע.”אני אעשה אתכם לדייגי אדם!“ 17
ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار, مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى.
שני האחים עזבו מיד את הרשתות שלהם והלכו אחריו. 18
ئۇلار شۇئان تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
לא הרחק משם ראה ישוע את יעקב ויוחנן בני־זבדי יושבים בסירת דיג ומתקנים את הרשתות. 19
ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.
ישוע קרא להם, והשניים הצטרפו מיד אל החבורה, לאחר שהשאירו את זבדי אביהם בסירה עם מספר דייגים שכירים. 20
ئۇ شۇئان ئۇلارنىمۇ چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى.
ישוע ומלוויו הגיעו לכפר־נחום. בשבת בבוקר הלכו לבית־הכנסת, וישוע לימד את הקהל. 21
ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
היהודים בבית־הכנסת נדהמו מהדרשה שלו, מפני שדיבר אליהם בסמכות רבה ולא כמו הסופרים. 22
خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.
בבית־הכנסת היה איש אחוז שד טמא, והלה צעק לפתע: 23
سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ:
”מדוע אתה מטריד אותנו, ישוע מנצרת, האם באת להשמיד את השדים? אני מכיר אותך; אתה בנו הקדוש של אלוהים!“ 24
ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى.
ישוע נזף בשד וציווה עליו:”שתוק וצא החוצה!“ 25
لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! ــ دېدى.
השד טלטל את האיש המסכן מצד אל צד ויצא ממנו בקול צעקה. 26
ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى.
כל הנוכחים השתוממו והחלו לשוחח זה עם זה על המקרה.”האם זוהי תורה חדשה?“שאלו בהתרגשות.”ראו, גם השדים שומעים בקולו!“ 27
خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى.
עד מהרה התפשטו השמועות על מעשי ישוע והתפרסמו בכל אזור הגליל. 28
بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى.
ישוע ותלמידיו יצאו מבית־הכנסת והלכו לביתם של שמעון ו‎אַנְדְּרֵי. 29
ئۇلار سىناگوگدىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى.
כאשר נכנסו אל הבית מצאו את חמותו של שמעון שוכבת שם חולה עם חום גבוה. התלמידים פנו מיד אל ישוע וביקשו את עזרתו. 30
ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى [ئەيساغا] ئېيتتى.
ישוע ניגש אל מיטת החולה, אחז בידה ועזר לה לשבת. החום נעלם מיד, היא קמה ממיטתה והכינה להם אוכל. 31
ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى.
עם שקיעת השמש התמלאה חצר הבית בחולים ואנשים אחוזי שדים, אשר הובאו אל ישוע כדי שירפא אותם. ליד הבית התאספו כל אנשי העיירה מתוך סקרנות. 32
كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.
33
پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى.
ישוע ריפא אנשים רבים שהיו חולים במחלות שונות, וגירש שדים רבים (אולם הוא לא הרשה לשדים לדבר, משום שידעו מי הוא). 34
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
למחרת בבוקר, עוד לפני זריחת השמש, קם ישוע והלך למקום שקט ומבודד כדי להתפלל. 35
ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، [شەھەردىن] چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
שמעון והאחרים יצאו בעקבותיו, וכשמצאו אותו קראו:”לאן אתה הולך? כולם מחפשים אותך!“ 36
سىمون بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى ئىزدەپ چىقتى.
37
ئۇنى تاپقاندا: ــ ھەممە ئادەم سېنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى.
”איננו יכולים להישאר כל הזמן במקום אחד“, השיב ישוע.”עלינו ללכת גם למקומות אחרים, כדי לספר לאנשים על מלכות אלוהים; הרי לשם כך באתי!“ 38
ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقا يەرلەرگە، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ سۆز-كالامنى جاكارلىشىم ئۈچۈن بارايلى. چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم، ــ دېدى.
ישוע עבר בכל רחבי הגליל, לימד בבתי־הכנסת וגירש שדים מהרבה אנשים. 39
شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى.
פעם בא אליו אדם חולה צרעת והתחנן לפניו שירפא אותו.”אם רק תרצה, תוכל לרפא אותי“, אמר האיש. 40
ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى.
ישוע חש חמלה רבה, ועל כן נגע במצורע ואמר:”ודאי שאני רוצה. הירפא!“ 41
ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى،
הצרעת נעלמה מיד, והאדם נרפא כליל! 42
شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى.
”לך מהר להיבדק אצל הכוהן“, אמר ישוע לאיש בתוקף. 43
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ [مەسئۇل] كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان [قۇربانلىقلارنى] سۇنغىن، ــ دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى.
”אל תשכח לקחת איתך קורבן טהרה, כפי שציווה משה על בני־ישראל, כדי שכולם יראו שנרפאת. אל תעצור בדרך לדבר עם איש!“ 44
אבל האיש לא שמע בקול ישוע, והלך והכריז לכולם שהוא בריא. הוא סיפר לכולם שישוע ריפא אותו ממחלת הצרעת, וכתוצאה מכך שוב לא יכול היה ישוע להיכנס לעיר בגלוי, כי אנשים רבים הלכו אחריו לכל מקום ולא נתנו לו מנוחה. על כן הוא החליט לשבת מחוץ לעיר, אך גם זה לא הועיל, כי תוך זמן קצר מצא אותו ההמון והקיף אותו מכל עבר. 45
بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى.

< מארק 1 >