< 诗篇 109 >

1 大卫的诗,交与伶长。 我所赞美的 神啊, 求你不要闭口不言。
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما!
2 因为恶人的嘴和诡诈人的口已经张开攻击我; 他们用撒谎的舌头对我说话。
مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى.
3 他们围绕我,说怨恨的话, 又无故地攻打我。
نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە.
4 他们与我为敌以报我爱, 但我专心祈祷。
مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم.
5 他们向我以恶报善, 以恨报爱。
ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى.
6 愿你派一个恶人辖制他, 派一个对头站在他右边!
ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرسۇن.
7 他受审判的时候, 愿他出来担当罪名! 愿他的祈祷反成为罪!
ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىقسۇن، دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانسۇن.
8 愿他的年日短少! 愿别人得他的职分!
كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن.
9 愿他的儿女为孤儿, 他的妻子为寡妇!
بالىلىرى يېتىم قالسۇن، خوتۇنى تۇل بولسۇن.
10 愿他的儿女漂流讨饭, 从他们荒凉之处出来求食!
ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ.
11 愿强暴的债主牢笼他一切所有的! 愿外人抢他劳碌得来的!
جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن.
12 愿无人向他延绵施恩! 愿无人可怜他的孤儿!
ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن.
13 愿他的后人断绝, 名字被涂抹,不传于下代!
ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن.
14 愿他祖宗的罪孽被耶和华记念! 愿他母亲的罪过不被涂抹!
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن.
15 愿这些罪常在耶和华面前, 使他的名号断绝于世!
بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
16 因为他不想施恩, 却逼迫困苦穷乏的和伤心的人, 要把他们治死。
چۈنكى [رەزىل كىشى] مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى.
17 他爱咒骂,咒骂就临到他; 他不喜爱福乐,福乐就与他远离!
ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ.
18 他拿咒骂当衣服穿上; 这咒骂就如水进他里面, 像油入他的骨头。
ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛
19 愿这咒骂当他遮身的衣服, 当他常束的腰带!
بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانسۇن.
20 这就是我对头和用恶言议论我的人 从耶和华那里所受的报应。
بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولسۇن! مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولسۇن!
21 主—耶和华啊,求你为你的名恩待我; 因你的慈爱美好,求你搭救我!
بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
22 因为我困苦穷乏, 内心受伤。
چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، قەلبىم خەستە بولدى.
23 我如日影渐渐偏斜而去; 我如蝗虫被抖出来。
مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم.
24 我因禁食,膝骨软弱; 我身上的肉也渐渐瘦了。
روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ.
25 我受他们的羞辱, 他们看见我便摇头。
شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە.
26 耶和华—我的 神啊,求你帮助我, 照你的慈爱拯救我,
ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
27 使他们知道这是你的手, 是你—耶和华所行的事。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن.
28 任凭他们咒骂,惟愿你赐福; 他们几时起来就必蒙羞, 你的仆人却要欢喜。
ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرسۇن، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالسۇن، بىراق قۇلۇڭ شادلانسۇن!
29 愿我的对头披戴羞辱! 愿他们以自己的羞愧为外袍遮身!
مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنسۇن، ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنسۇن.
30 我要用口极力称谢耶和华; 我要在众人中间赞美他;
ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛
31 因为他必站在穷乏人的右边, 要救他脱离审判他灵魂的人。
چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ.

< 诗篇 109 >