< 尼希米记 12 >

1 同着撒拉铁的儿子所罗巴伯和耶书亚回来的祭司与利未人记在下面:祭司是西莱雅、耶利米、以斯拉、
شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىرلىكتە [سۈرگۈنلۈكتىن] چىققان كاھىن ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: ــ [كاھىنلار] سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،
2 亚玛利雅、玛鹿、哈突、
ئامارىيا، ماللۇق، ھاتتۇش،
3 示迦尼、利宏、米利末、
شېكانىيا، رەھۇم، مەرەموت،
4 易多、近顿、亚比雅、
ئىددو، گىننىتوي، ئابىيا،
5 米雅民、玛底雅、璧迦、
مىيامىن، مائادىيا، بىلگاھ،
6 示玛雅、约雅立、耶大雅、
شېمايا، يوئارىب، يەدايا،
7 撒路、亚木、希勒家、耶大雅。这些人在耶书亚的时候作祭司和他们弟兄的首领。
ساللو، ئاموك، ھىلقىيا ۋە يەدايا. بۇلار بولسا يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىن بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
8 利未人是耶书亚、宾内、甲篾、示利比、犹大、玛他尼。这玛他尼和他的弟兄管理称谢的事。
لاۋىيلاردىن بولسا يەشۇئا، بىننۇئىي، كادمىيەل، شەرەبىيا، يەھۇدا، ماتتانىيالار؛ ماتتانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى.
9 他们的弟兄八布迦和乌尼照自己的班次与他们相对。
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باكبۇكىيا بىلەن ئۇننى نۆۋىتى بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل خىزمەتتە تۇراتتى.
10 耶书亚生约雅金;约雅金生以利亚实;以利亚实生耶何耶大;
يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى،
11 耶何耶大生约拿单;约拿单生押杜亚。
يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى.
12 在约雅金的时候,祭司作族长的西莱雅族有米拉雅;耶利米族有哈拿尼雅;
يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلاردىن جەمەت باشلىقى بولغانلار مۇنۇلار: ــ سېرايا جەمەتىگە مېرايا؛ يەرەمىيا جەمەتىگە ھانانىيا؛
13 以斯拉族有米书兰;亚玛利雅族有约哈难;
ئەزرا جەمەتىگە مەشۇللام؛ ئامارىيا جەمەتىگە يەھوھانان؛
14 米利古族有约拿单;示巴尼族有约瑟;
مېلىكۇ جەمەتىگە يوناتان؛ شەبانىيا جەمەتىگە يۈسۈپ؛
15 哈琳族有押拿;米拉约族有希勒恺;
ھارىم جەمەتىگە ئادنا؛ مېرايوت جەمەتىگە ھەلكاي؛
16 易多族有撒迦利亚;近顿族有米书兰;
ئىددو جەمەتىگە زەكەرىيا؛ گىننىتون جەمەتىگە مەشۇللام؛
17 亚比雅族有细基利;米拿民族某;摩亚底族有毗勒太;
ئابىيا جەمەتىگە زىكرى؛ مىنيامىن بىلەن موئادىيالارنىڭ جەمەتىگە پىلتاي؛
18 璧迦族有沙母亚;示玛雅族有约拿单;
بىلگاھ جەمەتىگە شاممۇئا؛ شېمايا جەمەتىگە يەھوناتان؛
19 约雅立族有玛特乃;耶大雅族有乌西;
يوئارىب جەمەتىگە ماتتىناي؛ يەدايا جەمەتىگە ئۇززى؛
20 撒来族有加莱;亚木族有希伯;
ساللاي جەمەتىگە كاللاي؛ ئاموك جەمەتىگە ئېبەر؛
21 希勒家族有哈沙比雅;耶大雅族有拿坦业。
ھىلقىيا جەمەتىگە ھاسابىيا؛ يەدايا جەمەتىگە نەتانەل.
22 至于利未人,当以利亚实、耶何耶大、约哈难、押杜亚的时候,他们的族长记在册上。波斯王大流士在位的时候,作族长的祭司也记在册上。
ئەلىياشىب، يويادا، يوھانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تىزىملانغان ۋە ئوخشاشلا، پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختتىكى چاغلارغىچە كاھىنلارمۇ تىزىملىنىپ كەلگەن.
23 利未人作族长的记在历史上,直到以利亚实的儿子约哈难的时候。
جەمەت باشلىقى بولغان لاۋىيلار تاكى ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى يوھاناننىڭ ۋاقتىغىچە تەزكىرىنامىدە تىزىملىنىپ كەلگەن.
24 利未人的族长是哈沙比雅、示利比、甲篾的儿子耶书亚,与他们弟兄的班次相对,照着神人大卫的命令一班一班地赞美称谢。
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان ھاسابىيا، شەرەبىيا، كادمىيەلنىڭ ئوغلى يەشۇئالار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە-مۇناجات، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىپ تۇراتتى.
25 玛他尼、八布迦、俄巴底亚、米书兰、达们、亚谷是守门的,就是在库房那里守门。
ماتتانىيا، باكبۇكىيا، ئوبادىيا، مەشۇللام، تالمون بىلەن ئاككۇبلار دەرۋازىۋەنلەر بولۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ ئامبارلىرىغا قارايتتى.
26 这都是在约撒达的孙子、耶书亚的儿子约雅金和省长尼希米,并祭司文士以斯拉的时候,有职任的。
بۇ كىشىلەر يوزاداكنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە، شۇنىڭدەك ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.
27 耶路撒冷城墙告成的时候,众民就把各处的利未人招到耶路撒冷,要称谢、歌唱、敲钹、鼓瑟、弹琴,欢欢喜喜地行告成之礼。
يېرۇسالېم سېپىلىنى [خۇداغا] ئاتاپ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، جامائەت لاۋىيلارنى تۇرغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش، چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلارنى چېلىشقا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئاتاپ تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى.
28 歌唱的人从耶路撒冷的周围和尼陀法的村庄与伯·吉甲,又从迦巴和押玛弗的田地聚集,因为歌唱的人在耶路撒冷四围为自己立了村庄。
غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتىن، نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن،
بەيت-گىلگالدىن، گېبا بىلەن ئازماۋەت ئېتىزلىقلىرىدىن يىغىلغانىدى؛ چۈنكى غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرىگە مەھەللە-قىشلاقلار قۇرۇۋالغانىدى.
30 祭司和利未人就洁净自己,也洁净百姓和城门,并城墙。
كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئاندىن خەلقنى ۋە سېپىل دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىلنىڭ ئۆزىنىمۇ پاكلىدى.
31 我带犹大的首领上城,使称谢的人分为两大队,排列而行:第一队在城上往右边向粪厂门行走,
مەن [نەھەمىيا] يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى باشلاپ سېپىلغا چىقىپ، تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ ئەترەت ئادەمنى ئۇيۇشتۇردۇم، بىر ئەترەت سېپىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تېزەك قوۋۇقى»غا قاراپ ماڭدى،
32 在他们后头的有何沙雅与犹大首领的一半,
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھوشايا بىلەن يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى؛
33 又有亚撒利雅、以斯拉、米书兰、
يەنە ئازارىيا، ئەزرا، مەشۇللام،
34 犹大、便雅悯、示玛雅、耶利米。
يەھۇدا، بىنيامىن، شېمايا، يەرەمىيامۇ ماڭدى؛
35 还有些吹号之祭司的子孙,约拿单的儿子撒迦利亚。约拿单是示玛雅的儿子;示玛雅是玛他尼的儿子;玛他尼是米该亚的儿子;米该亚是撒刻的儿子;撒刻是亚萨的儿子;
شۇنىڭدەك كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى قوللىرىغا كاناي ئالغان ھالدا ماڭدى: ــ ئۇلاردىن يوناتاننىڭ ئوغلى زەكەرىيا بار ئىدى (يوناتان شېمايانىڭ ئوغلى، شېمايا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى).
36 又有撒迦利亚的弟兄示玛雅、亚撒利、米拉莱、基拉莱、玛艾、拿坦业、犹大、哈拿尼,都拿着神人大卫的乐器,文士以斯拉引领他们。
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا، ئازارەل، مىلالاي، جىلالاي، مائايى، نەتانەل، يەھۇدا، ھانانىيالار بار ئىدى؛ ئۇلار قوللىرىغا خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ سازلىرىنى ئېلىشقانىدى؛ تەۋراتشۇناس ئەزرا ئۇلارنىڭ بېشىدا ماڭغانىدى.
37 他们经过泉门往前,从大卫城的台阶随地势而上,在大卫宫殿以上,直行到朝东的水门。
ئۇلار «بۇلاق قوۋۇقى»غا كېلىپ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، «داۋۇتنىڭ ئوردىسى»دىن ئۆتۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»غا كەلدى.
38 第二队称谢的人要与那一队相迎而行。我和民的一半跟随他们,在城墙上过了炉楼,直到宽墙;
تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككىنچى ئەترەت سول تەرەپ بىلەن ماڭدى، مەن ۋە جامائەتنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ، سېپىل ئۈستىدە «خۇمدانلار مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «كەڭ سېپىل»غىچە مېڭىپ،
39 又过了以法莲门、古门、鱼门、哈楠业楼、哈米亚楼,直到羊门,就在护卫门站住。
«ئەفرائىم قوۋۇقى»، «كونا قوۋۇق»، «بېلىق قوۋۇقى» ئۈستىدىن ئۆتۈپ، «ھانانىيەل مۇنارى» ۋە «يۈزنىڭ مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «قوي قوۋۇقى»غا كېلىپ، ئاندىن «قاراۋۇللار قوۋۇقى»دا توختىدۇق.
40 于是,这两队称谢的人连我和官长的一半,站在 神的殿里。
ئاندىن تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى ئەترەت ئادەم خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇردى؛ مەن بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ شۇ يەردە تۇردۇق؛
41 还有祭司以利亚金、玛西雅、米拿民、米该雅、以利约乃、撒迦利亚、哈楠尼亚吹号;
كاھىنلاردىن ئېلىئاكىم، مائاسېياھ، مىنيامىن، مىگايا، ئەليويىناي، زەكەرىيا بىلەن ھانانىيالار كارنايلىرىنى ئېلىپ تۇرۇشتى؛
42 又有玛西雅、示玛雅、以利亚撒、乌西、约哈难、玛基雅、以拦,和以谢奏乐。歌唱的就大声歌唱,伊斯拉希雅管理他们。
يەنە مائاسېياھ، شېمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوھانان، مالكىيا، ئېلام بىلەن ئېزەرمۇ تۇرۇشتى؛ غەزەلكەشلەر يىزراقىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە جاراڭلىق غەزەل ئوقۇشتى.
43 那日,众人献大祭而欢乐;因为 神使他们大大欢乐,连妇女带孩童也都欢乐,甚至耶路撒冷中的欢声听到远处。
شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى.
44 当日,派人管理库房,将举祭、初熟之物和所取的十分之一,就是按各城田地,照律法所定归给祭司和利未人的分,都收在里头。犹大人因祭司和利未人供职,就欢乐了。
ئۇ چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر كۆتۈرمە قۇربانلىقلار، دەسلەپكى پىشقان ھوسۇللار ۋە ئۆشرىلەرنى ساقلايدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەندى؛ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىزلىقلاردىن، تەۋرات قانۇنىدا كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۈلۈشلەر شۇ يەردە ساقلىناتتى. چۈنكى يەھۇدا خەلقى ئۆز خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن خۇشال ئىدى.
45 祭司利未人遵守 神所吩咐的,并守洁净的礼。歌唱的、守门的,照着大卫和他儿子所罗门的命令也如此行。
[كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار]، غەزەلكەشلەر بىلەن دەرۋازىۋەنلەرمۇ، ئۆز خۇداسىنىڭ تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى ۋە شۇنىڭدەك پاكلاش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆتەيتتى.
46 古时,在大卫和亚萨的日子,有歌唱的伶长,并有赞美称谢 神的诗歌。
چۈنكى قەدىمدە، داۋۇتنىڭ ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە، غەزەلكەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ھەم خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا كۈيلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكچىلەر بولغانىدى.
47 当所罗巴伯和尼希米的时候,以色列众人将歌唱的、守门的,每日所当得的分供给他们,又给利未人当得的分;利未人又给亚伦的子孙当得的分。
زەرۇببابەلنىڭ كۈنلىرىدە ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە غەزەلكەشلەرنىڭ ۋە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى، ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بېرەتتى؛ ئۇلار يەنە لاۋىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى؛ لاۋىيلارمۇ مۇقەددەس ھىسابلانغان نەرسىلەردىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىپ تۇراتتى.

< 尼希米记 12 >