< 那鸿书 2 >

1 尼尼微啊,那打碎邦国的上来攻击你。 你要看守保障,谨防道路, 使腰强壮,大大勉力。 (
بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!
2 耶和华复兴雅各的荣华, 好像以色列的荣华一样; 因为使地空虚的, 已经使雅各和以色列空虚, 将他们的葡萄枝毁坏了。)
(چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى).
3 他勇士的盾牌是红的, 精兵都穿朱红衣服。 在他预备争战的日子, 战车上的钢铁闪烁如火, 柏木把的枪也抡起来了。
[بىتچىت قىلغۇچىنىڭ] پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛
4 车辆在街上急行, 在宽阔处奔来奔去, 形状如火把, 飞跑如闪电。
جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ.
5 尼尼微王招聚他的贵胄; 他们步行绊跌, 速上城墙,预备挡牌。
[سەردار] ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، [باشلىرىغا] بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ.
6 河闸开放,宫殿冲没。
«دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، [پادىشاھنىڭ] ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ.
7 王后蒙羞,被人掳去; 宫女捶胸,哀鸣如鸽。 此乃命定之事。
خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ [دۈشمەن] تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ، مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ.
8 尼尼微自古以来充满人民, 如同聚水的池子; 现在居民却都逃跑。 虽有人呼喊说:站住!站住! 却无人回顾。
نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك [تىنچ] بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... ئەي توختا! ئەي توختا! ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ.
9 你们抢掠金银吧! 因为所积蓄的无穷, 华美的宝器无数。
كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر.
10 尼尼微现在空虚荒凉, 人心消化,双膝相碰, 腰都疼痛,脸都变色。
ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ.
11 狮子的洞和少壮狮子喂养之处在哪里呢? 公狮母狮小狮游行、无人惊吓之地在哪里呢?
قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟
12 公狮为小狮撕碎许多食物, 为母狮掐死活物, 把撕碎的、掐死的充满它的洞穴。
شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى.
13 万军之耶和华说:“我与你为敌,必将你的车辆焚烧成烟,刀剑也必吞灭你的少壮狮子。我必从地上除灭你所撕碎的,你使者的声音必不再听见。”
مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ.

< 那鸿书 2 >