< 耶利米书 12 >

1 耶和华啊,我与你争辩的时候, 你显为义; 但有一件,我还要与你理论: 恶人的道路为何亨通呢? 大行诡诈的为何得安逸呢?
مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟
2 你栽培了他们, 他们也扎了根, 长大,而且结果。 他们的口是与你相近, 心却与你远离。
سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛
3 耶和华啊,你晓得我,看见我, 察验我向你是怎样的心。 求你将他们拉出来, 好像将宰的羊, 叫他们等候杀戮的日子。
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن.
4 这地悲哀, 通国的青草枯干,要到几时呢? 因其上居民的恶行, 牲畜和飞鸟都灭绝了。 他们曾说:他看不见我们的结局。
زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «[خۇدا] ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ.
5 耶和华说:你若与步行的人同跑, 尚且觉累, 怎能与马赛跑呢? 你在平安之地,虽然安稳, 在约旦河边的丛林要怎样行呢?
ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ [ماڭا] ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟
6 因为连你弟兄和你父家都用奸诈待你。 他们也在你后边大声喊叫, 虽向你说好话, 你也不要信他们。
چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!»
7 我离了我的殿宇, 撇弃我的产业, 将我心里所亲爱的交在她仇敌的手中。
ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.
8 我的产业向我如林中的狮子, 她发声攻击我, 因此我恨恶她。
مېنىڭ مىراسىم [بولغان خەلق] بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن.
9 我的产业向我岂如斑点的鸷鸟呢? 鸷鸟岂在她四围攻击她呢? 你们要去聚集田野的百兽, 带来吞吃吧!
مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار!
10 许多牧人毁坏我的葡萄园, 践踏我的分, 使我美好的分变为荒凉的旷野。
نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛
11 他们使地荒凉; 地既荒凉,便向我悲哀。 全地荒凉,因无人介意。
ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ.
12 灭命的都来到旷野中一切净光的高处; 耶和华的刀从地这边直到地那边尽行杀灭。 凡有血气的都不得平安。
چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ.
13 他们种的是麦子, 收的是荆棘; 劳劳苦苦却毫无益处。 因耶和华的烈怒, 你们必为自己的土产羞愧。
[خەلقىم] بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا [ناچار] مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر.
14 耶和华如此说:“一切恶邻,就是占据我使百姓以色列所承受产业的,我要将他们拔出本地,又要将犹大家从他们中间拔出来。
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛
15 我拔出他们以后,我必转过来怜悯他们,把他们再带回来,各归本业,各归故土。
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن.
16 他们若殷勤学习我百姓的道,指着我的名起誓说:‘我指着永生的耶和华起誓’,正如他们从前教我百姓指着巴力起誓,他们就必建立在我百姓中间。
شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن [مۇقىم] ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ.
17 他们若是不听,我必拔出那国,拔出而且毁灭。这是耶和华说的。”
بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< 耶利米书 12 >