< 耶利米哀歌 1 >

1 先前满有人民的城, 现在何竟独坐! 先前在列国中为大的, 现在竟如寡妇; 先前在诸省中为王后的, 现在成为进贡的。
(ئالەف) ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، ھاشارغا تۇتۇلدى!
2 她夜间痛哭,泪流满腮; 在一切所亲爱的中间没有一个安慰她的。 她的朋友都以诡诈待她, 成为她的仇敌。
(بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى.
3 犹大因遭遇苦难, 又因多服劳苦就迁到外邦。 她住在列国中,寻不着安息; 追逼她的都在狭窄之地将她追上。
(گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛
4 锡安的路径因无人来守圣节就悲伤; 她的城门凄凉; 她的祭司叹息; 她的处女受艰难,自己也愁苦。
(دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ ئۆزى بولسا، قاتتىق ئازابلانماقتا.
5 她的敌人为首; 她的仇敌亨通; 因耶和华为她许多的罪过使她受苦; 她的孩童被敌人掳去。
(خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى.
6 锡安城的威荣全都失去。 她的首领像找不着草场的鹿; 在追赶的人前无力行走。
(ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى.
7 耶路撒冷在困苦窘迫之时, 就追想古时一切的乐境。 她百姓落在敌人手中,无人救济; 敌人看见,就因她的荒凉嗤笑。
(زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى.
8 耶路撒冷大大犯罪, 所以成为不洁之物; 素来尊敬她的,见她赤露就都藐视她; 她自己也叹息退后。
(خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى.
9 她的污秽是在衣襟上; 她不思想自己的结局, 所以非常地败落, 无人安慰她。 她说:耶和华啊,求你看我的苦难, 因为仇敌夸大。
(تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! چۈنكى دۈشمەن [ھالىمدىن] ماختىنىپ كەتتى!»
10 敌人伸手,夺取她的美物; 她眼见外邦人进入她的圣所— 论这外邦人,你曾吩咐不可入你的会中。
(يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ!
11 她的民都叹息,寻求食物; 他们用美物换粮食,要救性命。 他们说:耶和华啊,求你观看, 因为我甚是卑贱。
(كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! مەن ئەرزىمەس سانالدىم.
12 你们一切过路的人哪,这事你们不介意吗? 你们要观看: 有像这临到我的痛苦没有— 就是耶和华在他发烈怒的日子使我所受的苦?
(لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى.
13 他从高天使火进入我的骨头, 克制了我; 他铺下网罗,绊我的脚, 使我转回; 他使我终日凄凉发昏。
(مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى، مېنى كەينىمگە ياندۇردى، ئۇ مېنى نابۇت قىلدى، كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى.
14 我罪过的轭是他手所绑的, 犹如轭绳缚在我颈项上; 他使我的力量衰败。 主将我交在我所不能敌挡的人手中。
(نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛ قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛ ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛ ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛ رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى.
15 主轻弃我中间的一切勇士, 招聚多人攻击我, 要压碎我的少年人。 主将犹大居民踹下, 像在酒榨中一样。
(سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛ ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە، ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى. رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك، يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى.
16 我因这些事哭泣; 我眼泪汪汪; 因为那当安慰我、救我性命的, 离我甚远。 我的儿女孤苦, 因为仇敌得了胜。
(ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛ مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛ ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛ بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى.
17 锡安举手,无人安慰。 耶和华论雅各已经出令, 使四围的人作他仇敌; 耶路撒冷在他们中间像不洁之物。
(پې) زىئون قولىنى سوزماقتا، لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛ پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن! يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى.
18 耶和华是公义的! 他这样待我,是因我违背他的命令。 众民哪,请听我的话, 看我的痛苦; 我的处女和少年人都被掳去。
(تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم! ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! دەردلىرىمگە قاراڭلار! پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى!
19 我招呼我所亲爱的, 他们却愚弄我。 我的祭司和长老正寻求食物、救性命的时候, 就在城中绝气。
(كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم، لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛ جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ، كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى.
20 耶和华啊,求你观看, 因为我在急难中。 我心肠扰乱; 我心在我里面翻转, 因我大大悖逆。 在外,刀剑使人丧子; 在家,犹如死亡。
(رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن! ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن، ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ، يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى. سىرتتا قىلىچ [ئانىسىنى بالىسىدىن] جۇدا قىلدى، ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە!
21 听见我叹息的有人; 安慰我的却无人! 我的仇敌都听见我所遭的患难; 因你做这事,他们都喜乐。 你必使你报告的日子来到, 他们就像我一样。
(شىين) [خەقلەر] ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛ لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛ سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ.
22 愿他们的恶行都呈在你面前; 你怎样因我的一切罪过待我, 求你照样待他们; 因我叹息甚多,心中发昏。
(تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن، بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر، قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى!

< 耶利米哀歌 1 >