< 以西结书 29 >

1 第十年十月十二日,耶和华的话临到我说:
ئونىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 “人子啊,你要向埃及王法老预言攻击他和埃及全地,
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارىتىپ ئۇنى ۋە مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دېگىن: ــ
3 说主耶和华如此说: 埃及王法老啊, 我与你这卧在自己河中的大鱼为敌。 你曾说:这河是我的, 是我为自己造的。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن!
4 我—耶和华必用钩子钩住你的腮颊, 又使江河中的鱼贴住你的鳞甲; 我必将你和所有贴住你鳞甲的鱼, 从江河中拉上来,
مەن قارماقلارنى ئېڭەكلىرىڭگە سېلىپ، دەريالىرىڭدىكى بېلىقلارنى ئۆز قاسىراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرۇپ سېنى دەريالىرىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىمەن؛ دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلار قاسىراقلىرىڭغا چاپلىشىدۇ.
5 把你并江河中的鱼都抛在旷野; 你必倒在田间, 不被收殓,不被掩埋。 我已将你给地上野兽、空中飞鸟作食物。
مەن سېنى، يەنى سەن ۋە دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلارنى چۆل-باياۋانغا تاشلايمەن؛ سەن دالاغا چۈشۈپ يىقىلىسەن. ھېچكىم سېنى يىغمايدۇ، دەپنە قىلمايدۇ؛ مەن سېنى يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولۇشقا تەقدىم قىلىمەن.
6 “埃及一切的居民,因向以色列家成了芦苇的杖,就知道我是耶和华。
شۇنىڭ بىلەن مىسىردا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىگە «قومۇش ھاسا» بولغان.
7 他们用手持住你,你就断折,伤了他们的肩;他们倚靠你,你就断折,闪了他们的腰。
ئۇلار سېنى قول بىلەن تۇتقاندا، سەن يېرىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۈرىلىرىنى تىلىۋەتتىڭ؛ ئۇلار ساڭا تايانغاندا، سەن سۇنۇپ، پۈتكۈل بەللىرىنى مىتكۇت قىلىۋەتتىڭ».
8 所以主耶和华如此说:我必使刀剑临到你,从你中间将人与牲畜剪除。
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بىر قىلىچ چىقىرىپ، سەندىكى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى قىرىۋېتىمەن.
9 埃及地必荒废凄凉,他们就知道我是耶和华。 “因为法老说:‘这河是我的,是我所造的’,
مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى.
10 所以我必与你并你的江河为敌,使埃及地,从色弗尼塔直到古实境界,全然荒废凄凉。
شۇڭا مانا، مەن ساڭا ھەم سېنىڭ دەريالىرىڭغا قارشىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە پۈتۈنلەي خارابە-ۋەيرانە قىلىۋېتىمەن.
11 人的脚、兽的蹄都不经过,四十年之久并无人居住。
قىرىق يىل ئىچىدە، ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ ئايىغى ئۇنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ.
12 我必使埃及地在荒凉的国中成为荒凉,使埃及城在荒废的城中变为荒废,共有四十年。我必将埃及人分散在列国,四散在列邦。”
مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن؛ ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ؛ مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن».
13 主耶和华如此说:“满了四十年,我必招聚分散在各国民中的埃及人。
بىراق رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قىرىق يىلنىڭ ئاخىرىدا مەن مىسىرلىقلارنى تارقىتىلغان ئەللەردىن يىغىپ قايتۇرىمەن؛
14 我必叫埃及被掳的人回来,使他们归回本地巴忒罗。在那里必成为低微的国,
مەن مىسىرنى سۈرگۈندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پاتروس زېمىنىغا، يەنى تۇغۇلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار شۇ يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەملىكەت بولىدۇ.
15 必为列国中最低微的,也不再自高于列国之上。我必减少他们,以致不再辖制列国。
ئۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى باشقا ئەللەر ئۈستىگە كۆتۈرمەيدۇ؛ مەن ئۇلارنى پەسەيتىمەنكى، ئۇلار قايتىدىن باشقا ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.
16 埃及必不再作以色列家所倚靠的;以色列家仰望埃及人的时候,便思念罪孽。他们就知道我是主耶和华。”
[مىسىر] قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ».
17 二十七年正月初一日,耶和华的话临到我说:
يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
18 “人子啊,巴比伦王尼布甲尼撒使他的军兵大大效劳,攻打泰尔,以致头都光秃,肩都磨破;然而他和他的军兵攻打泰尔,并没有从那里得什么酬劳。
ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر باش تاقىر بولۇپ كەتتى، ھەربىر مۈرە سۈركىلىپ يېغىر بولۇپ كەتتى؛ بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى؛
19 所以主耶和华如此说:我必将埃及地赐给巴比伦王尼布甲尼撒;他必掳掠埃及群众,抢其中的财为掳物,夺其中的货为掠物,这就可以作他军兵的酬劳。
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مىسىر زېمىنىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارغا تەقدىم قىلىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئولجىسىنى بۇلاپ، غەنىمىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ بۇلار ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن ئىش ھەققى بولىدۇ.
20 我将埃及地赐给他,酬他所效的劳,因王与军兵是为我勤劳。这是主耶和华说的。
مەن ئۇنىڭغا [تۇرغا] جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار مېنى دەپ ئەجىر قىلدى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
21 “当那日,我必使以色列家的角发生,又必使你—以西结在他们中间得以开口;他们就知道我是耶和华。”
ــ مەن شۇ كۈندە ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بىر مۈڭگۈز ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن، ۋە سەن [ئەزاكىيالنىڭ] ئاغزىڭنى ئۇلار ئارىسىدا ئاچىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.

< 以西结书 29 >