وای بر شهر فتنه انگیز نجس ظلم کننده! | ۱ 1 |
ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي! |
آواز را نمی شنود و تادیب را نمی پذیردو بر خداوند توکل نمی نماید و بر خدای خودتقرب نمی جوید. | ۲ 2 |
ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى. |
سرورانش در اندرونش شیران غران و داورانش گرگان شب که چیزی تاصبح باقی نمی گذارند. | ۳ 3 |
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛ |
انبیایش مغرور وخیانتکارند. کاهنانش قدس را نجس میسازند وبه شریعت مخالفت میورزیدند. | ۴ 4 |
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار. |
خداوند دراندرونش عادل است و بیانصافی نمی نماید. هربامداد حکم خود را روشن میسازد و کوتاهی نمی کند، اما مرد ظالم حیا را نمی داند. | ۵ 5 |
ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ. |
امتها رامنقطع ساختهام که برجهای ایشان خراب شده است و کوچه های ایشان را چنان ویران کردهام که عبور کنندهای نباشد. شهرهای ایشان چنان منهدم گردیده است که نه انسانی و نه ساکنی باقیمانده است. | ۶ 6 |
ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان. |
و گفتم: کاش که از من میترسیدی وتادیب را میپذیرفتی. تا آنکه مسکن او معدوم نمی شد، موافق هرآنچه بر او تعیین نموده بودم. لکن ایشان صبح زود برخاسته، اعمال خود رافاسد گردانیدند. | ۷ 7 |
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى. |
بنابراین خداوند میگوید: برای من منتظرباشید تا روزی که به جهت غارت برخیزم زیرا که قصد من این است که امتها را جمع نمایم وممالک را فراهم آورم تا غضب خود و تمامی حدت خشم خویش را بر ایشان بریزم زیرا که تمامی جهان به آتش غیرت من سوخته خواهدشد. | ۸ 8 |
شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. |
زیرا که در آن زمان، زبان پاک به امتها بازخواهم داد تا جمیع ایشان اسم یهوه را بخوانند وبه یک دل او را عبادت نمایند. | ۹ 9 |
چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن، |
از ماورای نهرهای حبش پرستندگانم یعنی دخترپراکندگانم هدیهای برای من خواهندآورد. | ۱۰ 10 |
چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ. |
درآن روز از همه اعمالت که به من عصیان ورزیدهای خجل نخواهی شد زیرا که در آن زمان آنانی را که از تکبر تو مسرورند، از میانت دورخواهم کرد و بار دیگر در کوه مقدس من تکبرنخواهی نمود. | ۱۱ 11 |
شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛ |
اما در میان تو قومی ذلیل ومسکین باقی خواهم گذاشت و ایشان بر اسم خداوند توکل خواهند نمود. | ۱۲ 12 |
ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ. |
و بقیه اسرائیل بیانصافی نخواهند نمود و دروغ نخواهند گفت ودر دهان ایشان زبان فریبنده یافت نخواهد شدزیرا که ایشان چرا کرده، به آرامی خواهندخوابید و ترسانندهای نخواهد بود. | ۱۳ 13 |
ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. |
ای دختر صهیون ترنم نما! ای اسرائیل آواز شادمانی بده! ای دختر اورشلیم به تمامی دلشادمان شو و وجد نما! | ۱۴ 14 |
يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى! |
خداوند عقوبت های تو را برداشته و دشمنانت را دور کرده است. یهوه پادشاه اسرائیل در میان تو است پس بار دیگر بلا را نخواهی دید. | ۱۵ 15 |
پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. |
در آن روز به اورشلیم گفته خواهد شد که مترس! ای صهیون دستهای توسست نشود! | ۱۶ 16 |
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن! |
یهوه خدایت در میان تو قدیراست و نجات خواهد داد. او بر تو شادی بسیارخواهد نمود و در محبت خود آرامی خواهدیافت و با سرودها بر تو شادی خواهد نمود. | ۱۷ 17 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ. |
آنانی را که به جهت عیدها محزون میباشند واز آن تو هستند جمع خواهم نمود که عار برایشان بار سنگین میبود. | ۱۸ 18 |
جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى. |
اینک در آن زمان بر همه آنانی که بر تو ظلم میکردند، مکافات خواهم رسانید و لنگان را خواهم رهانید و رانده شدگان را جمع خواهم کرد و آنانی را که عارایشان در تمامی زمین میبود محل تسبیح و اسم خواهم گردانید. | ۱۹ 19 |
مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى [ئۆزۈمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن. |
در آن زمان شما را در خواهم آورد و در آنزمان شما را جمع خواهم کرد زیراخداوند میگوید: حینی که اسیران شما را بنظرشما باز آورم آنگاه شما را در میان تمامی قوم های زمین محل اسم و تسبیح خواهم گردانید. | ۲۰ 20 |
مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى [ئۆيگە] ئېپكېلىمەن؛ چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، [ئۆزەمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |