< حَجّای 1 >

در روز اول ماه ششم از سال دوم داریوش پادشاه، کلام خداوند به واسطه حجی نبی وبه زربابل بن شالتیئیل والی یهودا و به یهوشع بن یهوصادق رئیس کهنه رسیده، گفت: ۱ 1
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ
یهوه صبایوت تکلم نموده، چنین می‌فرماید: این قوم می‌گویند وقت آمدن ما یعنی وقت بنا نمودن خانه خداوند نرسیده است. ۲ 2
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ.
پس کلام خداوند به واسطه حجی نبی نازل شده، گفت: ۳ 3
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
آیا وقت شماست که شما در خانه های مسقف خود ساکن شوید و این خانه خراب بماند؟ ۴ 4
بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟
پس حال یهوه صبایوت چنین می‌گوید دل خود را به راههای خویش مشغول سازید. ۵ 5
مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار!
بسیار کاشته‌اید و اندک حاصل می‌کنید. می‌خورید اما سیر نمی شوید ومی نوشید لیکن سیراب نمی گردید. (رخت )می پوشید اما گرم نمی شوید و آنکه مزد می‌گیرد، مزد خویش را در کیسه سوراخ دار می‌گذارد. ۶ 6
تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛ يەيسىلەر، بىراق تويمايسىلەر؛ ئىچىسىلەر، بىراق قانمايسىلەر؛ كىيىسىلەر، بىراق ھېچقانداق ئىللىمايسىلەر؛ ئىش ھەققى ئالغۇچى بولسا، خۇددى ئىش ھەققىنى تۆشۈك ھەميانغا سالغانغا ئوخشاشتۇر.
پس یهوه صبایوت چنین می‌گوید: دل خود را به راههای خود مشغول سازید. ۷ 7
ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار!
به کوه برآمده وچوب آورده، خانه را بنا نمایید و خداوندمی گوید: از آن راضی شده، جلال خواهم یافت. ۸ 8
تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
منتظر بسیار بودید و اینک کم شد و چون آن رابه خانه آوردید من بر آن دمیدم. یهوه صبایوت می‌پرسد که سبب این چیست؟ سبب این است که خانه من خراب می‌ماند و هرکدام از شما به خانه خویش می‌شتابید. ۹ 9
ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ــ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ خارابە بولغىنىغا قارىماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى [سېلىشقا] يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر.
از این سبب، آسمانها بخاطر شما از شبنم باز داشته می‌شود و زمین ازمحصولش بازداشته می‌گردد. ۱۰ 10
شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛
و من بر زمین وبر کوهها و بر غله و عصیر انگور و روغن زیتون وبر هر‌آنچه زمین می‌رویاند و بر انسان و بهایم وتمامی مشقت های دستها خشکسالی را خواندم.» ۱۱ 11
مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم.
آنگاه زربابل بن شالتیئیل و یهوشع بن یهوصادق رئیس کهنه و تمامی بقیه قوم به قول یهوه خدای خود و به کلام حجی نبی چنانکه یهوه خدای ایشان او را فرستاده بود گوش دادند، و قوم از خداوند ترسیدند. ۱۲ 12
شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى.
و حجی، رسول خداوند، پیغام خداوند را برای قوم بیان کرده، گفت: خداوند می‌گوید که من با شما هستم. ۱۳ 13
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ: ــ «مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېدى.
وخداوند روح زربابل بن شالتیئیل والی یهودا وروح یهوشع بن یهوصادق، رئیس کهنه، و روح تمامی بقیه قوم را برانگیزانید تا بروند و در خانه یهوه صبایوت خدای خود به‌کار پردازند. ۱۴ 14
ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى.
درروز بیست و چهارم ماه ششم از سال دوم داریوش پادشاه، این واقع شد. ۱۵ 15
بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى.

< حَجّای 1 >