کلامی که از جانب خداوند به ارمیا نازل شده، گفت: | ۱ 1 |
پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ |
«به دروازه خانه خداوندبایست و این کلام را در آنجا ندا کرده، بگو: ای تمامی یهودا که به این دروازهها داخل شده، خداوند را سجده مینمایید کلام خداوند رابشنوید. | ۲ 2 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن. |
یهوه صبایوت خدای اسرائیل چنین میگوید: طریقها و اعمال خود را اصلاح کنید ومن شما را در این مکان ساکن خواهم گردانید. | ۳ 3 |
ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. |
به سخنان دروغ توکل منمایید و مگویید که هیکل یهوه، هیکل یهوه، هیکل یهوه این است. | ۴ 4 |
«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. |
زیرا اگر به تحقیق طریقها و اعمال خود را اصلاح کنید و انصاف را در میان یکدیگر بعمل آورید، | ۵ 5 |
ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، |
و بر غریبان و یتیمان و بیوهزنان ظلم ننمایید وخون بیگناهان را در این مکان نریزید و خدایان غیر را به جهت ضرر خویش پیروی ننمایید، | ۶ 6 |
ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ |
آنگاه شما را در این مکان در زمینی که به پدران شما از ازل تا به ابد دادهام ساکن خواهم گردانید. | ۷ 7 |
شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن. |
اینک شما به سخنان دروغی که منفعت نداردتوکل مینمایید. | ۸ 8 |
لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر. |
آیا مرتکب دزدی و زنا و قتل نمی شوید و به دروغ قسم نمی خورید و برای بعل بخور نمی سوزانید؟ و آیا خدایان غیر را که نمی شناسید پیروی نمی نمایید؟ | ۹ 9 |
ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، |
و داخل شده، به حضور من در این خانهای که به اسم من مسمی است میایستید و میگویید که به گردن تمام این رجاسات سپرده شدهایم. | ۱۰ 10 |
ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! |
آیا این خانهای که به اسم من مسمی است در نظر شمامغاره دزدان شده است؟ و خداوند میگوید: اینک من نیز این را دیدهام. | ۱۱ 11 |
مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
لکن به مکان من که در شیلو بود و نام خود را اول در آنجا قرار داده بودم بروید و آنچه را که بهسبب شرارت قوم خود اسرائیل به آنجا کردهام ملاحظه نمایید. | ۱۲ 12 |
شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! |
پس حال خداوند میگوید: از آنرو که تمام این اعمال را بجا آوردید با آنکه من صبح زودبرخاسته، به شما تکلم نموده، سخن راندم امانشنیدید و شما را خواندم اما جواب ندادید. | ۱۳ 13 |
ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ |
ازاین جهت به این خانهای که به اسم من مسمی است و شما به آن توکل دارید و به مکانی که به شما و به پدران شما دادم به نوعی که به شیلو عمل نمودم عمل خواهم کرد. | ۱۴ 14 |
ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ |
و شما را از حضورخود خواهم راند به نوعی که جمیع برادران شما یعنی تمام ذریت افرایم را راندم. | ۱۵ 15 |
مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن. |
پس تو برای این قوم دعا مکن و به جهت ایشان آواز تضرع واستغاثه بلند منما و نزد من شفاعت مکن زیرا که من تو را اجابت نخواهم نمود. | ۱۶ 16 |
ئەمدى سەن، [يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ [گۇناھلىرىنى] ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. |
آیا آنچه را که ایشان در شهرهای یهودا و کوچه های اورشلیم میکنند نمی بینی؟ | ۱۷ 17 |
ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟ |
پسران، هیزم جمع میکنندو پدران، آتش میافروزند و زنان، خمیرمی سرشند تا قرصها برای ملکه آسمان بسازند وهدایای ریختنی برای خدایان غیر ریخته مرامتغیر سازند. | ۱۸ 18 |
بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. |
اما خداوند میگوید آیا مرامتغیر میسازند؟ نی بلکه خویشتن را تا رویهای خود را رسوا سازند. | ۱۹ 19 |
ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ |
بنابراین خداوند یهوه چنین میگوید: اینک خشم و غضب من بر این مکان برانسان و بر بهایم و بر درختان صحرا و برمحصول زمین ریخته خواهد شد و افروخته شده، خاموش نخواهد گردید. | ۲۰ 20 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. |
«یهوه صبایوت خدای اسرائیل چنین میگوید: قربانی های سوختنی خود را بر ذبایح خویش مزید کنید و گوشت بخورید. | ۲۱ 21 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! |
زیرا که به پدران شما سخن نگفتم و در روزی که ایشان رااز زمین مصر بیرون آوردم آنها را درباره قربانی های سوختنی و ذبایح امر نفرمودم. | ۲۲ 22 |
چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛ |
بلکه ایشان را به این چیز امر فرموده، گفتم که قول مرابشنوید ومن خدای شما خواهم بود و شما قوم من خواهید بود و بهر طریقی که به شما حکم نمایم سلوک نمایید تا برای شما نیکو باشد. | ۲۳ 23 |
بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. |
اماایشان نشنیدند و گوش خود را فرا نداشتند بلکه برحسب مشورتها و سرکشی دل شریر خود رفتارنمودند و به عقب افتادند و پیش نیامدند. | ۲۴ 24 |
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. |
ازروزی که پدران شما از زمین مصر بیرون آمدند تا امروز جمیع بندگان خود انبیا را نزد شما فرستادم بلکه هر روز صبح زود برخاسته، ایشان را ارسال نمودم. | ۲۵ 25 |
ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم. |
اما ایشان نشنیدند و گوش خود را فرانداشتند بلکه گردن خویش را سخت نموده، ازپدران خود بدتر عمل نمودند. | ۲۶ 26 |
لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. |
پس تو تمامی این سخنان را به ایشان بگو اما تو را نخواهند شنیدو ایشان را بخوان اما ایشان تو را جواب نخواهندداد. | ۲۷ 27 |
سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى [توۋا قىلىشقا] چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ. |
و به ایشان بگو: اینان قومی میباشند که قول یهوه خدای خویش را نمی شنوند و تادیب نمی پذیرند زیرا راستی نابود گردیده و از دهان ایشان قطع شده است. | ۲۸ 28 |
ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى. |
(ای اورشلیم ) موی خود را تراشیده، دور بینداز و بر بلندیها آوازنوحه برافراز زیرا خداوند طبقه مغضوب خود رارد و ترک نموده است. | ۲۹ 29 |
چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. |
«چونکه خداوند میگوید بنی یهودا آنچه را که در نظر من ناپسند است بعمل آوردند ورجاسات خویش را در خانهای که به اسم من مسمی است برپانموده، آن را نجس ساختند. | ۳۰ 30 |
چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ |
ومکان های بلند خود را در توفت که در وادی ابن حنوم است بنا نمودند تا پسران و دختران خویش را در آتش بسوزانند که من اینکار را امر نفرموده بودم و بخاطر خویش نیاورده. | ۳۱ 31 |
ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. |
بنابراین خداوند میگوید: اینک روزها میآید که آن باردیگر به توفت و وادی ابن حنوم مسمی نخواهدشد بلکه به وادی قتل و در توفت دفن خواهند کردتا جایی باقی نماند. | ۳۲ 32 |
شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. |
و لاشهای این قوم خوراک مرغان هوا و جانوران زمین خواهد بود وکسی آنهارا نخواهد ترسانید. | ۳۳ 33 |
بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. |
و از شهرهای یهودا و کوچه های اورشلیم آواز شادمانی و آواز خوشی و صدای داماد و صدای عروس را نابود خواهم ساخت زیرا که آن زمین ویران خواهد شد.» | ۳۴ 34 |
مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ. |