< اشعیا 58 >

آواز خود را بلند کن و دریغ مدار و آوازخود را مثل کرنا بلند کرده، به قوم من تقصیر ایشان را و به خاندان یعقوب گناهان ایشان را اعلام نما. ۱ 1
ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن.
و ایشان هر روز مرا می‌طلبند و ازدانستن طریق های من مسرور می‌باشند. مثل امتی که عدالت را بجا آورده، حکم خدای خود را ترک ننمودند. احکام عدالت را از من سوال نموده، ازتقرب جستن به خدا مسرور می‌شوند ۲ 2
بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان، مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛ ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛ ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.
(ومی گویند): چرا روزه داشتیم و ندیدی و جانهای خویش را رنجانیدیم و ندانستی. اینک شما درروز روزه خویش خوشی خود را می‌یابید و برعمله های خود ظلم می‌نمایید. ۳ 3
[ئاندىن ئۇلار]: ــ «بىز روزا تۇتتۇق، ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟ بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق، ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ [دەپ سورايدۇ]. ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر، خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛
اینک به جهت نزاع و مخاصمه روزه می‌گیرید و به لطمه شرارت می‌زنید. «امروز روزه نمی گیرید که آواز خود رادر اعلی علیین بشنوانید. ۴ 4
سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟ قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر!
آیا روزه‌ای که من می‌پسندم مثل این است، روزی که آدمی جان خود را برنجاند و سر خود را مثل نی خم ساخته، پلاس و خاکستر زیر خود بگستراند؟ آیا این راروزه و روز مقبول خداوند می‌خوانی؟ ۵ 5
مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟
«مگر روزه‌ای که من می‌پسندم این نیست که بندهای شرارت را بگشایید و گره های یوغ را بازکنید و مظلومان را آزاد سازید و هر یوغ رابشکنید؟ ۶ 6
مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
مگر این نیست که نان خود را به گرسنگان تقسیم نمایی و فقیران رانده شده را به خانه خود بیاوری و چون برهنه را ببینی او رابپوشانی و خود را از آنانی که از گوشت تومی باشند مخفی نسازی؟ ۷ 7
ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
آنگاه نور تو مثل فجرطالع خواهد شد و صحت تو بزودی خواهدرویید و عدالت تو پیش تو خواهد خرامید وجلال خداوند ساقه تو خواهد بود. ۸ 8
شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ.
آنگاه دعاخواهی کرد و خداوند تو را اجابت خواهد فرمودو استغاثه خواهی نمود و او خواهد گفت که اینک حاضر هستم. اگر یوغ و اشاره کردن به انگشت وگفتن ناحق را از میان خود دور کنی، ۹ 9
سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، تەڭلەيدىغان بارماقنى، ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ،
و آرزوی جان خود را به گرسنگان ببخشی و جان ذلیلان راسیر کنی، آنگاه نور تو در تاریکی خواهددرخشید و تاریکی غلیظ تو مثل ظهر خواهد بود. ۱۰ 10
جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛
و خداوند تو را همیشه هدایت نموده، جان تورا در مکان های خشک سیر خواهد کرد واستخوانهایت را قوی خواهد ساخت و تو مثل باغ سیرآب و مانند چشمه آب که آبش کم نشودخواهی بود. ۱۱ 11
ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛
و کسان تو خرابه های قدیم را بناخواهند نمود و تو اساسهای دوره های بسیار رابرپا خواهی داشت و تو را عمارت کننده رخنه هاو مرمت کننده کوچه‌ها برای سکونت خواهندخواند. ۱۲ 12
سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن، شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى، كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن.
«اگر پای خود را از سبت نگاه داری وخوشی خود را در روز مقدس من بجا نیاوری وسبت را خوشی و مقدس خداوند و محترم بخوانی و آن را محترم داشته، به راههای خودرفتار ننمایی و خوشی خود را نجویی و سخنان خود را نگویی، ۱۳ 13
ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ، يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي، شاباتنى «خۇشاللىق»، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ، ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ،
آنگاه در خداوند متلذذخواهی شد و تو را بر مکان های بلند زمین سوارخواهم کرد. و نصیب پدرت یعقوب را به توخواهم خورانید» زیرا که دهان خداوند این راگفته است. ۱۴ 14
ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن، ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛ ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى.

< اشعیا 58 >