< Hosea 13 >

1 When Ephraim spoke, there was trembling. He exalted himself in Israel, but when he became guilty through Baal, he died.
[بۇرۇن] ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى.
2 Now they sin more and more, and have made themselves molten images of their silver, even idols according to their own understanding, all of them the work of the craftsmen. They say of them, ‘They offer human sacrifice and kiss the calves.’
ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ.
3 Therefore they will be like the morning mist, like the dew that passes away early, like the chaff that is driven with the whirlwind out of the threshing floor, and like the smoke out of the chimney.
شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك [تېزدىن] يوقاپ كېتىدۇ.
4 “Yet I am Yahweh your God from the land of Egypt; and you shall acknowledge no god but me, and besides me there is no savior.
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر.
5 I knew you in the wilderness, in the land of great drought.
مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛
6 According to their pasture, so were they filled; they were filled, and their heart was exalted. Therefore they have forgotten me.
ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان.
7 Therefore I am like a lion to them. Like a leopard, I will lurk by the path.
ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛
8 I will meet them like a bear that is bereaved of her cubs, and will tear the covering of their heart. There I will devour them like a lioness. The wild animal will tear them.
كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ.
9 You are destroyed, Israel, because you are against me, against your helper.
سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر.
10 Where is your king now, that he may save you in all your cities? And your judges, of whom you said, ‘Give me a king and princes’?
ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ
11 I have given you a king in my anger, and have taken him away in my wrath.
مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم.
12 The guilt of Ephraim is stored up. His sin is stored up.
ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛
13 The sorrows of a travailing woman will come on him. He is an unwise son, for when it is time, he doesn’t come to the opening of the womb.
تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان!
14 I will ransom them from the power of Sheol. I will redeem them from death! Death, where are your plagues? Sheol, where is your destruction? “Compassion will be hidden from my eyes. (Sheol h7585)
مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! (Sheol h7585)
15 Though he is fruitful among his brothers, an east wind will come, the breath of Yahweh coming up from the wilderness; and his spring will become dry, and his fountain will be dried up. He will plunder the storehouse of treasure.
[ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ.
16 Samaria will bear her guilt, for she has rebelled against her God. They will fall by the sword. Their infants will be dashed in pieces, and their pregnant women will be ripped open.”
سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ.

< Hosea 13 >