< Amos 6 >

1 Woe to those who are at ease in Zion, and to those who are secure on the mountain of Samaria, the notable men of the chief of the nations, to whom the house of Israel come!
ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
2 Go to Calneh, and see. From there go to Hamath the great. Then go down to Gath of the Philistines. Are they better than these kingdoms? Is their border greater than your border?
[سىلەر خەلققە]: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ [دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر].
3 Alas for you who put far away the evil day, and cause the seat of violence to come near,
ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر،
4 who lie on beds of ivory, and stretch themselves on their couches, and eat the lambs out of the flock, and the calves out of the middle of the stall,
پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، پادا توپىدىن پاخلانلارنى، كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر،
5 who strum on the strings of a harp, who invent for themselves instruments of music, like David;
چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر،
6 who drink wine in bowls, and anoint themselves with the best oils, but they are not grieved for the affliction of Joseph.
شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ!
7 Therefore they will now go captive with the first who go captive. The feasting and lounging will end.
شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ.
8 “The Lord Yahweh has sworn by himself,” says Yahweh, the God of Armies: “I abhor the pride of Jacob, and detest his fortresses. Therefore I will deliver up the city with all that is in it.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛
9 It will happen that if ten men remain in one house, they will die.
ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ.
10 “When a man’s relative carries him, even he who burns him, to bring bodies out of the house, and asks him who is in the innermost parts of the house, ‘Is there yet any with you?’ And he says, ‘No;’ then he will say, ‘Hush! Indeed we must not mention Yahweh’s name.’
ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن [تۇغقىنى] يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ.
11 “For, behold, Yahweh commands, and the great house will be smashed to pieces, and the little house into bits.
سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ.
12 Do horses run on the rocky crags? Does one plow there with oxen? But you have turned justice into poison, and the fruit of righteousness into bitterness,
ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ
13 you who rejoice in a thing of nothing, who say, ‘Haven’t we taken for ourselves horns by our own strength?’
ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر.
14 For, behold, I will raise up against you a nation, house of Israel,” says Yahweh, the God of Armies; “and they will afflict you from the entrance of Hamath to the brook of the Arabah.”
چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ.

< Amos 6 >