< Amos 2 >

1 Yahweh says: “For three transgressions of Moab, yes, for four, I will not turn away its punishment, because he burned the bones of the king of Edom into lime;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى.
2 but I will send a fire on Moab, and it will devour the palaces of Kerioth; and Moab will die with tumult, with shouting, and with the sound of the trumpet;
ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ.
3 and I will cut off the judge from among them, and will kill all its princes with him,” says Yahweh.
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4 Yahweh says: “For three transgressions of Judah, yes, for four, I will not turn away its punishment, because they have rejected Yahweh’s law, and have not kept his statutes, and their lies have led them astray, after which their fathers walked;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى.
5 but I will send a fire on Judah, and it will devour the palaces of Jerusalem.”
ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
6 Yahweh says: “For three transgressions of Israel, yes, for four, I will not turn away its punishment, because they have sold the righteous for silver, and the needy for a pair of sandals;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛
7 They trample the heads of the poor into the dust of the earth and deny justice to the oppressed. A man and his father use the same maiden, to profane my holy name.
ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ.
8 They lay themselves down beside every altar on clothes taken in pledge. In the house of their God they drink the wine of those who have been fined.
ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە.
9 Yet I destroyed the Amorite before them, whose height was like the height of the cedars, and he was strong as the oaks; yet I destroyed his fruit from above, and his roots from beneath.
بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم.
10 Also I brought you up out of the land of Egypt and led you forty years in the wilderness, to possess the land of the Amorite.
ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم.
11 I raised up some of your sons for prophets, and some of your young men for Nazirites. Isn’t this true, you children of Israel?” says Yahweh.
سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
12 “But you gave the Nazirites wine to drink, and commanded the prophets, saying, ‘Don’t prophesy!’
بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار.
13 Behold, I will crush you in your place, as a cart crushes that is full of grain.
مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛
14 Flight will perish from the swift. The strong won’t strengthen his force. The mighty won’t deliver himself.
ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ.
15 He who handles the bow won’t stand. He who is swift of foot won’t escape. He who rides the horse won’t deliver himself.
ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ يەلتاپان قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ.
16 He who is courageous among the mighty will flee away naked on that day,” says Yahweh.
پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Amos 2 >