< Yǝxua 21 >

1 U waⱪitta Lawiy jǝmǝtlirining kattiwaxliri kaⱨin Əliazar, Nunning oƣli Yǝxua wǝ Israil ⱪǝbililirining kattiwaxlirining ⱪexiƣa berip,
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ،
2 Ⱪanaan zeminidiki Xiloⱨda ularƣa: — Musaning wasitisi arⱪiliⱪ Pǝrwǝrdigar biz toƣruluⱪ: «Ularƣa turuxⱪa xǝⱨǝrlǝrni, malliri üqün yaylaⱪlarni ⱪoxup bǝrgin», dǝp eytⱪan, dedi.
قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدا ئۇلارغا: ــ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەرۋەردىگار بىز توغرۇلۇق: «ئۇلارغا تۇرۇشقا شەھەرلەرنى، ماللىرى ئۈچۈن يايلاقلارنى قوشۇپ بەرگىن»، دەپ ئېيتقان، دېدى.
3 Xuni dewidi, Israillar Pǝrwǝrdigarning ǝmri boyiqǝ ɵz miras ülüxliridin munu xǝⱨǝrlǝr bilǝn yaylaⱪlarni ⱪoxup Lawiylarƣa bǝrdi: —
شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى: ــ
4 birinqi taxlanƣan qǝk Koⱨat jǝmǝtlirigǝ qiⱪti; qǝk taxlinip, Lawiylar iqidiki kaⱨin Ⱨarunning ǝwladliriƣa Yǝⱨuda ⱪǝbilisi, Ximeon ⱪǝbilisi wǝ Binyamin ⱪǝbilisining zeminliridin on üq xǝⱨǝr bekitildi;
بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛
5 Andin Koⱨatning ⱪalƣan ǝwladliriƣa qǝk taxlinip, Əfraim ⱪǝbilǝ-jǝmǝtlirining zeminidin, Dan ⱪǝbilisining zeminidin wǝ Manassǝⱨ yerim ⱪǝbilisining zeminliridin on xǝⱨǝr bekitildi.
ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى.
6 Gǝrxonning ǝwladliriƣa qǝk taxlinip, Issakar ⱪǝbilǝ-jǝmǝtlirining zeminidin, Axir ⱪǝbilisining zeminidin, Naftali ⱪǝbilisining zeminidin wǝ Manassǝⱨning yǝnǝ bir yerim ⱪǝbilisining zeminidin on üq xǝⱨǝr bekitildi.
گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى.
7 Mǝrarining ǝwladliriƣa, jǝmǝt-aililiri boyiqǝ qǝk taxlinip, Rubǝn ⱪǝbilisining zeminidin, Gad ⱪǝbilisining zeminidin wǝ Zǝbulun ⱪǝbilisining zeminidin on ikki xǝⱨǝr bekitildi.
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى.
8 Bu tǝriⱪidǝ Pǝrwǝrdigar Musaning wasitisi bilǝn buyruƣinidǝk Israillar qǝk taxlap bu xǝⱨǝrlǝr bilǝn yaylaⱪlirini ⱪoxup, Lawiylarƣa bǝrdi.
بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى.
9 Ular Yǝⱨudaning ⱪǝbilisi bilǝn Ximeonning ⱪǝbilisining zeminidin tɵwǝndǝ tizimlanƣan munu xǝⱨǝrlǝrni bǝrdi: —
ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى: ــ
10 (qǝk taxlanƣanda, Lawiylarning nǝsli bolƣan Koⱨatlar jǝmǝtidiki Ⱨarunning ǝwladliriƣa birinqi qǝk qiⱪⱪaqⱪa munu xǝⱨǝrlǝr berildi): —
(چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى): ــ
11 ularƣa Yǝⱨudaning taƣliⱪ rayonidiki Kiriat-Arba (Arba Anakning atisi idi), yǝni Ⱨebron bilǝn ǝtrapidiki yaylaⱪlarni ⱪoxup bǝrdi.
ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات-ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى.
12 Lekin xǝⱨǝrgǝ tǝwǝ etizlar bilǝn kǝnt-ⱪixlaⱪlarni Yǝfunnǝⱨning oƣli Kalǝbkǝ miras ⱪilip bǝrdi.
لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت-قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى.
13 Xundaⱪ ⱪilip ular Ⱨarun kaⱨinning ǝwladliriƣa adǝm ɵltürgǝn kixilǝr panaⱨlinidiƣan xǝⱨǝr Ⱨebron wǝ yaylaⱪlirini, yǝnǝ ularƣa Libnaⱨ bilǝn yaylaⱪlirini,
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى،
14 Yattir bilǝn yaylaⱪlirini, Əxtǝmoa bilǝn yaylaⱪlirini,
ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى،
15 Ⱨolon bilǝn yaylaⱪlirini, Dǝbir bilǝn yaylaⱪlirini,
ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى،
16 Ayin bilǝn yaylaⱪlirini, Yuttaⱨ bilǝn yaylaⱪlirini, Bǝyt-Xǝmǝx bilǝn yaylaⱪlirini bǝrdi; bu ikki ⱪǝbilining zeminliridin jǝmiy toⱪⱪuz xǝⱨǝrni bǝrdi.
ئايىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت-شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى.
17 Mundin baxⱪa ularƣa Binyamin ⱪǝbilisining zeminidin Gibeon bilǝn yaylaⱪlirini, Geba bilǝn yaylaⱪlirini,
مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى،
18 Anatot bilǝn yaylaⱪlirini, Almon bilǝn yaylaⱪlirini ⱪoxup jǝmiy tɵt xǝⱨǝr bǝrdi.
ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى.
19 Bu tǝriⱪidǝ kaⱨinlar, yǝni Ⱨarunning ǝwladliriƣa berilgǝn xǝⱨǝrlǝr on üq boldi; bular ǝtrapidiki yaylaⱪliri bilǝn berildi.
بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
20 Ular yǝnǝ Lawiylarning nǝslidin bolƣan Koⱨatning ⱪalƣan jǝmǝtlirigimu xǝⱨǝrlǝrni bǝrdi. Qǝk taxlax bilǝn ularƣa bekitilgǝn xǝⱨǝrlǝr munular: — ularƣa Əfraim ⱪǝbilisining zeminidin
ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار: ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن
21 Əfraimning taƣliⱪ rayonidiki adǝm ɵltürgǝn kixilǝr panaⱨlinidiƣan xǝⱨǝr Xǝkǝm bilǝn yaylaⱪlirini, yǝnǝ Gǝzǝr bilǝn yaylaⱪliri,
ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى،
22 Kibzaim bilǝn yaylaⱪliri wǝ Bǝyt-Ⱨoron bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi;
كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت-ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛
23 buningdin baxⱪa Dan ⱪǝbilisining zeminidin Əltǝkǝⱨ bilǝn yaylaⱪliri, Gibbeton bilǝn yaylaⱪliri,
بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى،
24 Ayjalon bilǝn yaylaⱪliri wǝ Gat-Rimmon bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi.
ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
25 Buningdin baxⱪa Manassǝⱨ yerim ⱪǝbilisining zeminidin Taanaⱪ bilǝn yaylaⱪliri, Gat-Rimmon bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy ikki xǝⱨǝrni bǝrdi.
بۇنىڭدىن باشقا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناق بىلەن يايلاقلىرى، گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى.
26 Bu tǝriⱪidǝ Koⱨatlarning ⱪalƣan jǝmǝtlirigǝ berilgǝn xǝⱨǝrlǝr on boldi; bular ǝtrapidiki yaylaⱪliri bilǝn berildi.
بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
27 Lawiylarning jǝmǝtliridin bolƣan Gǝrxonlarƣa bolsa ular Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisining zeminidin adǝm ɵltürgǝn kixilǝr panaⱨlinidiƣan xǝⱨǝr Baxandiki Golan bilǝn yaylaⱪlirini, xundaⱪla Bǝǝxteraⱨ bilǝn yaylaⱪlirini, jǝmiy ikki xǝⱨǝrni bǝrdi;
لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛
28 yǝnǝ Issakar ⱪǝbilisining zeminidin Kixion bilǝn yaylaⱪliri, Dabirat bilǝn yaylaⱪliri,
يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى،
29 Yarmut bilǝn yaylaⱪliri wǝ Ən-Gannim bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi;
يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن-گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛
30 buningdin baxⱪa Axir ⱪǝbilisining zeminidin Mixal bilǝn yaylaⱪliri, Abdon bilǝn yaylaⱪliri,
بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى،
31 Ⱨǝlkat bilǝn yaylaⱪliri wǝ Rǝⱨob bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy bolup tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi;
ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛
32 buningdin baxⱪa Naftali ⱪǝbilisining zeminidin adǝm ɵltürgǝn kixilǝr panaⱨlinidiƣan xǝⱨǝr Galiliyǝdiki Kǝdǝx bilǝn yaylaⱪlirini, yǝnǝ Ⱨammot-Dor bilǝn yaylaⱪliri wǝ Kartan bilǝn ǝtrapidiki yaylaⱪliri bolup, jǝmiiy üq xǝⱨǝrni bǝrdi.
بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت-دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى.
33 Bu tǝriⱪidǝ Gǝrxonlarƣa berilgǝn xǝⱨǝrlǝr on üq boldi; bular ǝtrapidiki yaylaⱪliri bilǝn berildi.
بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
34 Ⱪalƣan Lawiylarƣa, yǝni Mǝrarilar jǝmǝtlirigǝ Zǝbulun ⱪǝbilisining zeminidin Yokneam bilǝn yaylaⱪliri, Kartaⱨ bilǝn yaylaⱪliri,
قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى،
35 Dimnaⱨ bilǝn yaylaⱪliri wǝ Naⱨalal bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi.
دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
36 Buningdin baxⱪa Rubǝn ⱪǝbilisining zeminidin Bǝzǝr bilǝn yaylaⱪliri, Yaⱨaz bilǝn yaylaⱪliri,
بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى،
37 Kǝdǝmot bilǝn yaylaⱪliri wǝ Mǝfaat bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi.
كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
38 Buningdin baxⱪa Gad ⱪǝbilisining zeminidin adǝm ɵltürgǝn kixilǝr panaⱨlinidiƣan xǝⱨǝr Gileadtiki Ramot bilǝn yaylaⱪlirini, yǝnǝ Maⱨanayim bilǝn yaylaⱪliri,
بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى،
39 Ⱨǝxbon bilǝn yaylaⱪliri wǝ Jaazǝr bilǝn yaylaⱪliri bolup, jǝmiy tɵt xǝⱨǝrni bǝrdi.
ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
40 Bular bolsa ⱪalƣan Lawiylarning jǝmǝtlirigǝ, yǝni Mǝrarilar jǝmǝtlirigǝ berilgǝn barliⱪ xǝⱨǝrlǝrdur; ularƣa qǝk taxlinix bilǝn berilgǝn ülüxi on ikki xǝⱨǝr idi.
بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى.
41 Israillarning zemini iqidin Lawiylarƣa bekitip berilgǝn xǝⱨǝrlǝr jǝmiy ⱪiriⱪ sǝkkiz idi; bular ǝtrapidiki yaylaⱪliri bilǝn berildi.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
42 Bu xǝⱨǝrlǝrning ⱨǝrbirining ǝtrapida yaylaⱪliri bar idi; xǝⱨǝrlǝrning ⱨǝmmisi xundaⱪ idi.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى.
43 Pǝrwǝrdigar xu tǝriⱪidǝ Israillarning ata-bowiliriƣa berixkǝ ⱪǝsǝm bilǝn wǝdǝ ⱪilƣan pütkül zeminni ularƣa bǝrdi; ular kelip uni igilǝp, u yǝrdǝ olturdi.
پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى.
44 U waⱪitta Pǝrwǝrdigar ilgiri ularning ata-bowiliriƣa ⱪǝsǝm bilǝn wǝdǝ ⱪilƣinidǝk, ularƣa ⱨǝr ǝtrapida tinq-aramliⱪ bǝrdi; ularning düxmǝnliridin ⱨeqⱪandiⱪi ularning aldida ⱪǝddini ruslap tik turalmaytti; bǝlki Pǝrwǝrdigar ⱨǝmmǝ düxmǝnlirini ularning ⱪoliƣa tapxurdi.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
45 Pǝrwǝrdigarning Israilning jǝmǝtigǝ wǝdǝ ⱪilƣan ⱨimmǝtliridin ⱨeqbiri ⱪaldurulmay ǝmǝlgǝ axuruldi.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىگە ۋەدە قىلغان ھىممەتلىرىدىن ھېچبىرى قالدۇرۇلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

< Yǝxua 21 >