< Samu'il 1 4 >

1 U waⱪitta Israil Filistiylǝr bilǝn jǝng ⱪilƣili qiⱪip Əbǝn-Əzǝrgǝ yeⱪin jayda bargaⱨ-qedirlarni tikti. Filistiylǝr bolsa Afǝk degǝn jayda bargaⱨ-qedirlarni tikti.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپ ئەبەن-ئەزەرگە يېقىن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى. فىلىستىيلەر بولسا ئافەك دېگەن جايدا بارگاھ-چېدىرلارنى تىكتى.
2 Filistiylǝr Israillar bilǝn soⱪuxⱪili sǝp tizip turdi. Jǝng kengǝygǝndǝ Israil Filistiylǝr aldida tarmar boldi; Filistiylǝr ularning jǝng sǝpliridin tɵt mingqǝ adǝmni ɵltürdi.
فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشقىلى سەپ تىزىپ تۇردى. جەڭ كېڭەيگەندە ئىسرائىل فىلىستىيلەر ئالدىدا تارمار بولدى؛ فىلىستىيلەر ئۇلارنىڭ جەڭ سەپلىرىدىن تۆت مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈردى.
3 Halayiⱪ bargaⱨⱪa yenip kǝlgǝndǝ, Israilning aⱪsaⱪalliri: — Nemixⱪa Pǝrwǝrdigar bügün bizni Filistiylǝr tǝripidin tarmar ⱪildurdi? Biz Xiloⱨdin Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini ⱪeximizƣa elip kelǝyli; u arimizda bolsa, bizni düxminimizning ⱪolidin ⱪutⱪuzidu, dedi.
خالايىق بارگاھقا يېنىپ كەلگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى: ــ نېمىشقا پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنى فىلىستىيلەر تەرىپىدىن تارمار قىلدۇردى؟ بىز شىلوھدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمىنىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى.
4 Xu gǝptin keyin halayiⱪ Xiloⱨƣa adǝm mangdurup, xu yǝrdin kerublarning otturisida olturƣan samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪini elip kɵtürüp kǝldi. Xuningdǝk Əlining ikki oƣli Hofniy bilǝn Finiⱨasmu Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi bilǝn billǝ kǝldi.
شۇ گەپتىن كېيىن خالايىق شىلوھغا ئادەم ماڭدۇرۇپ، شۇ يەردىن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇنىڭدەك ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى.
5 Wǝ xundaⱪ boldiki, Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪi lǝxkǝrgaⱨⱪa elip kelingǝndǝ pütkül Israil yǝrni tǝwrǝtküdǝk küqlük bir quⱪan kɵtürüxti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى لەشكەرگاھقا ئېلىپ كېلىنگەندە پۈتكۈل ئىسرائىل يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك بىر چۇقان كۆتۈرۈشتى.
6 Filistiylǝr küqlük tǝntǝnǝ awazini anglap: — Ibraniylarning lǝxkǝrgaⱨidin anglanƣan bu küqlük quⱪan nemǝ wǝjidin qiⱪⱪandu, dǝp eytixti. Arⱪidinla ular Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining ularning lǝxkǝrgaⱨiƣa kǝltürülginini bilip yǝtti.
فىلىستىيلەر كۈچلۈك تەنتەنە ئاۋازىنى ئاڭلاپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ لەشكەرگاھىدىن ئاڭلانغان بۇ كۈچلۈك چۇقان نېمە ۋەجىدىن چىققاندۇ، دەپ ئېيتىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەلتۈرۈلگىنىنى بىلىپ يەتتى.
7 Xuning bilǝn Filistiylǝr ⱪorⱪup: — Ilaⱨlar ularning lǝxkǝrgaⱨiƣa kǝptu, ⱨalimizƣa way! Mundaⱪ ix bu waⱪitⱪiqǝ ⱨeq bolƣan ǝmǝs, deyixti.
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر قورقۇپ: ــ ئىلاھلار ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! مۇنداق ئىش بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ بولغان ئەمەس، دېيىشتى.
8 Ⱨalimizƣa way! Bizni bu ⱪudrǝtlik ilaⱨlarning ⱪolidin kim ⱪutⱪuzidu? Mana bayawanda misirliⱪlarni türlük bala-wabalar bilǝn urƣan ilaⱨlar dǝl xulardur!
ھالىمىزغا ۋاي! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ مانا باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالا-ۋابالار بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار دەل شۇلاردۇر!
9 I Filistiylǝr, ɵzliringlarni jǝsur kɵrsitip ǝrkǝktǝk turunglar. Bolmisa, ibraniylar bizgǝ ⱪul bolƣandǝk biz ularƣa ⱪul bolimiz; ǝrkǝktǝk bolup jǝng ⱪilinglar! — dedi.
ئى فىلىستىيلەر، ئۆزلىرىڭلارنى جەسۇر كۆرسىتىپ ئەركەكتەك تۇرۇڭلار. بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىز ئۇلارغا قۇل بولىمىز؛ ئەركەكتەك بولۇپ جەڭ قىلىڭلار! ــ دېدى.
10 Xuning bilǝn Filistiylǝr Israillar bilǝn jǝng ⱪildi. Israil tarmar ⱪilinip, ⱨǝrbiri tǝrǝp-tǝrǝpkǝ ɵz qedirigǝ bǝdǝr ⱪaqti. Jǝngdǝ ⱪattiⱪ ⱪirƣinqiliⱪ bolup, Israildin ottuz ming piyadǝ ǝskǝr ɵltürüldi.
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىل تارمار قىلىنىپ، ھەربىرى تەرەپ-تەرەپكە ئۆز چېدىرىگە بەدەر قاچتى. جەڭدە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئىسرائىلدىن ئوتتۇز مىڭ پىيادە ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.
11 Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪi olja bolup kǝtti wǝ Əlining ikki oƣli Hofniy bilǝn Finiⱨasmu ɵltürüldi.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
12 Xu küni bir Binyaminliⱪ jǝng mǝydanidin ⱪeqip kiyim-keqǝkliri yirtiⱪ, üstibexi topa-qang ⱨalda Xiloⱨƣa yügürüp kǝldi.
شۇ كۈنى بىر بىنيامىنلىق جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كىيىم-كېچەكلىرى يىرتىق، ئۈستىبېشى توپا-چاڭ ھالدا شىلوھغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
13 U yetip kǝlgǝndǝ, mana Əli yolning qetidǝ ɵz orunduⱪida olturup taⱪiti-taⱪ bolup kütüwatatti; uning kɵngli Pǝrwǝrdigarning ǝⱨdǝ sanduⱪining ƣemidǝ pǝrixan idi. U kixi hǝwǝrni yǝtküzgili xǝⱨǝrgǝ kirgǝndǝ, pütkül xǝⱨǝr pǝryad-quⱪan kɵtürdi.
ئۇ يېتىپ كەلگەندە، مانا ئەلى يولنىڭ چېتىدە ئۆز ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تاقىتى-تاق بولۇپ كۈتۈۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ غېمىدە پەرىشان ئىدى. ئۇ كىشى خەۋەرنى يەتكۈزگىلى شەھەرگە كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر پەرياد-چۇقان كۆتۈردى.
14 Əli pǝryad sadasini anglap: — Bu zadi nemǝ warang-qurung? dǝp soridi. U kixi aldirap kelip ǝligǝ hǝwǝr bǝrdi
ئەلى پەرياد ساداسىنى ئاڭلاپ: ــ بۇ زادى نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ ئەلىگە خەۋەر بەردى
15 (Əli toⱪsan sǝkkiz yaxⱪa kirgǝn, kɵzliri ⱪetip ⱪalƣan bolup, kɵrmǝytti).
(ئەلى توقسان سەككىز ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرمەيتتى).
16 U kixi Əligǝ: — Mǝn jǝngdin ⱪaytip kǝlgǝn kiximǝn, bügün jǝng mǝydanidin ⱪeqip kǝldim, dedi. Əli: — I oƣlum, nemǝ ix yüz bǝrdi? — dǝp soridi.
ئۇ كىشى ئەلىگە: ــ مەن جەڭدىن قايتىپ كەلگەن كىشىمەن، بۈگۈن جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كەلدىم، دېدى. ئەلى: ــ ئى ئوغلۇم، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ــ دەپ سورىدى.
17 Hǝwǝrqi jawab berip: — Israil Filistiylǝrning aldidin bǝdǝr ⱪaqti. Hǝlⱪ arisida ⱪattiⱪ ⱪirƣinqiliⱪ boldi! Sening ikki oƣlung, Hofniy bilǝn Finiⱨasmu ɵldi ⱨǝmdǝ Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪimu olja bolup kǝtti, dedi.
خەۋەرچى جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچتى. خەلق ئارىسىدا قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدى! سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ، خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلدى ھەمدە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئولجا بولۇپ كەتتى، دېدى.
18 Wǝ xundaⱪ boldiki, hǝwǝrqi Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini tilƣa alƣanda, Əli dǝrwazining yenidiki orunduⱪtin kǝynigǝ yiⱪilip qüxüp, boyni sunup ɵldi; qünki u ⱪerip, bǝdinimu eƣirlixip kǝtkǝnidi. U ⱪiriⱪ yil Israilning ⱨakimi bolƣanidi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، خەۋەرچى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلى دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتىن كەينىگە يىقىلىپ چۈشۈپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ قېرىپ، بەدىنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ قىرىق يىل ئىسرائىلنىڭ ھاكىمى بولغانىدى.
19 Uning kelini, yǝni Finiⱨasning ayali ⱨamilidar bolup tuƣuxⱪa az ⱪalƣanidi. U Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪining olja bolup kǝtkǝnliki wǝ ⱪiyinatisi bilǝn eriningmu ɵlgǝnlik hǝwirini angliƣanda, birdinla ⱪattiⱪ tolƣaⱪ tutup, pükülüp balini tuƣdi.
ئۇنىڭ كېلىنى، يەنى فىنىھاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئولجا بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە قىيىنئاتىسى بىلەن ئېرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، بىردىنلا قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، پۈكۈلۈپ بالىنى تۇغدى.
20 U ɵlǝy dǝp ⱪalƣanda, qɵrisidǝ turƣan ayallar: — Ⱪorⱪmiƣin, sǝn oƣul bala tuƣdung, dedi. Lekin u buningƣa jawabmu bǝrmidi ⱨǝm kɵngül bɵlmidi.
ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا، چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: ــ قورقمىغىن، سەن ئوغۇل بالا تۇغدۇڭ، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابمۇ بەرمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلمىدى.
21 U: «Xan-xǝrǝp Israildin kǝtti» dǝp baliƣa «Ihabod» dǝp isim ⱪoydi; qünki Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi olja bolup kǝtkǝn ⱨǝm ⱪeyinatisi bilǝn erimu ɵlgǝnidi.
ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا «ئىخابود» دەپ ئىسىم قويدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتكەن ھەم قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىمۇ ئۆلگەنىدى.
22 U yǝnǝ: — Xan-xǝrǝp Israildin kǝtti; qünki Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi olja bolup kǝtti! — dedi.
ئۇ يەنە: ــ شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى! ــ دېدى.

< Samu'il 1 4 >