< Rimliqlargha 4 >

1 Undaqta, biz [Yehudiylarning] jismaniy jehettiki atimiz Ibrahimning érishkini toghrisida néme deymiz?
ئۇنداقتا، بىز [يەھۇدىيلارنىڭ] جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟
2 Eger Ibrahim emelliri bilen heqqaniy dep jakarlan’ghan bolsa, uningda maxtan’ghudek ish bolatti (beribir Xudaning aldida uning maxtinish heqqi yoq idi).
ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى).
3 Chünki muqeddes yazmilarda néme déyilgen? — «Ibrahim Xudagha étiqad qildi; Bu uning heqqaniyliqi hésablandi» déyilidu.
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ.
4 Ishligüchige bérilidighan heq «méhir-shepqet» hésablanmaydu, belki birxil «qerz qayturush» hésablinidu.
ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ.
5 Biraq, héch ish-emel qilmay, peqet nomussiz gunahkarlarni heqqaniy qilghuchi Xudagha étiqad qilidighan kishining bolsa, uning étiqadi heqqaniyliq dep hésablinidu!
بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!
6 Xuda qilghan emellirige qarimay, heqqaniy dep hésablighan kishining bexti toghruluq Dawut [peyghembermu] mundaq dégen: —
خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: ــ
7 «Itaetsizlikliri kechürüm qilin’ghan, Gunahliri yépilghan kishi némidégen bextliktur!
«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
8 Perwerdigar gunahliri bilen héch hésablashmaydighanlar némidégen bextliktur!».
پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!».
9 Emdi bext yalghuz xetne qilin’ghanlarghila mensup bolamdu, yaki xetne qilinmighanlarghimu mensup bolamdu? Chünki: «Ibrahimning étiqadi uning heqqaniyliqi dep hésablandi» dewatimiz.
ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز.
10 Heqqaniyliq qandaq ehwalda uninggha hésablandi? Xetne qilinishtin ilgirimu yaki xetne qilinishtin kéyinmu? U xetne qilin’ghan halda emes, belki xetne qilinmighan halda hésablandi!
ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى!
11 Uning xetnini qobul qilghini bolsa, uni xetne qilinishtin burunla étiqadi arqiliq ige bolghan heqqaniyliqqa möhür belgisi süpitide bolghanidi. Démek, u xetnisiz turup Xudagha étiqad qilghuchilarning hemmisining atisi boldi — ularmu [étiqadi bilen] heqqaniy hésablinidu!
ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ [ئېتىقادى بىلەن] ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ!
12 U yene xetne qilin’ghanlarningmu atisidur; démek, xetne qilin’ghan bolushi bilen tengla xetne qilinmighan waqtidimu étiqadliq yol mangghan atimiz Ibrahimning izlirini bésip mangghanlarningmu atisi bolghandur.
ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر.
13 Chünki [Xudaning] Ibrahimgha we neslige dunyagha mirasxor bolush toghrisidiki wede bérishi Ibrahimning Tewrat qanunigha emel qilishqa intilginidin emes, belki étiqadtin bolghan heqqaniyliqtin kelgen.
چۈنكى [خۇدانىڭ] ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن.
14 Chünki eger qanun’gha intilidighanlar mirasxor bolidighan bolsa étiqad bikar nerse bolup qalatti, Xudaning wedisimu yoqqa chiqirilghan bolatti.
چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى.
15 Chünki Tewrat qanuni [Xudaning] ghezipini élip kélidu; chünki qanun bolmisa, itaetsizlik dégen ishmu bolmaydu.
چۈنكى تەۋرات قانۇنى [خۇدانىڭ] غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ.
16 Shuning üchün, Xudaning wedisining [peqet] Öz méhir-shepqiti arqiliq emelge ashurulushi üchün, u étiqadqila asaslinidu. Buning bilen u wede Ibrahimning barliq ewladlirigha, peqet Tewrat qanuni astida turidighanlarghila emes, belki Ibrahimche étiqad qilghuchilarning hemmisigimu kapaletlik qilin’ghan. Chünki muqeddes yazmilarda: «Séni nurghun qowmning atisi qildim» dep yézilghinidek, Ibrahim hemmimizning atisidur. Derheqiqet, u ölüklerni tirildüridighan, mewjut bolmighanni bar dep mewjut qilidighan, özi étighad baghlighan Xuda aldida hemmimizning atisi boldi.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ [پەقەت] ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى.
18 Héchqandaq ümid qalmisimu u yenila ümidte étiqad qildi we shuning bilen uninggha: «Séning nesling [san-sanaqsiz] bolidu» dep aldin éytilghandek nurghun qowmning atisi boldi.
ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ [سان-ساناقسىز] بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى.
19 U yüz yashqa yéqinlap, ténini ölgen hésablisimu, shundaqla ayali Sarahningmu baliyatqusini öldi dep qarisimu, yenila étiqadta ajizlashmidi;
ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛
20 Xudaning wedisige nisbeten étiqadsizliq qilip héch ikkilenmidi, eksiche u étiqadi arqiliq kücheytildi we Xudani ulughlidi,
خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى،
21 «U némini wede qilghan bolsa shuni emelge ashurush qudritige Igidur» dep toluq ishendürüldi.
«ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى.
22 Shuning bilen bu «uning heqqaniyliqi hésablandi».
شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى».
23 Bu, «Uning heqqaniyliqi hésablandi» dégen söz yalghuz uning üchünla emes,
بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ [مەسىھ] بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.
24 belki Rebbimiz Eysani ölümdin tirildürgen Xudagha étiqad qilishimiz bilen heqqaniy hésablinidighan bizler üchünmu yézilghan;
25 [Mesih] bolsa itaetsizliklirimiz üchün pida yoligha tapshuruldi we heqqaniy qilinishimiz üchün tirildürüldi.

< Rimliqlargha 4 >