< Rimliqlargha 16 >

1 Kenxria shehiridiki jamaetning xizmetchisi singlimiz Fibini silerge tewsiye qilip tonushturimen;
كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛
2 uni muqeddes bendilerge layiq Rebning muhebbitide qobul qilip kütüwalghaysiler, uning herqandaq ishta silerge hajiti chüshse, uninggha yardem qilghaysiler. Chünki u özimu nurghun kishilerge, jümlidin mangimu chong yardemchi bolghan.
ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان.
3 Men bilen birge ishligen, Mesih Eysada bolghan xizmetdashlirim Priska bilen Akwilagha salam éytqaysiler
مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر
4 (ular méni dep öz hayatining xéyim-xetirige qarimidi. Hem yalghuz menla emes, belki ellerdiki barliq jamaetlermu ulardin minnetdardur).
(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر).
5 Ularning ailiside jem bolidighan jamaetkimu salam éytqaysiler. Asiya ölkisidin Mesihke étiqadta eng deslepki méwe bolup chiqqan, söyümlüküm Épenitke salam éytqaysiler.
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر.
6 Siler üchün köp ejir singdürgen Meryemge salam éytqaysiler.
سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.
7 Men bilen zindandash bolghan, Yehudiy qérindashlirim Andronikus we Yunyagha salam éytqaysiler. Ular mendin awwal Mesihte bolghan bolup, rosullar arisidimu abruyluqtur.
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر.
8 Rebbimizde bolghan söyümlüküm Ampliyatqa salam éytqaysiler.
رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.
9 Biz birge ishligen Mesihte bolghan xizmetdishimiz Urbanus we söyümlüküm Staxuslargha salam éytqaysiler.
بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
10 Sinaqlardin ötken, Mesihte sadiq ispatlinip kelgen Apélisqa salam éytqaysiler. Aristowulusning ailisidikilerge salam éytqaysiler.
سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.
11 Yehudiy qérindishim Hérodiyon’gha, Narkisning ailisidikilerdin Rebde bolghanlargha salam éytqaysiler.
يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
12 Rebning xizmitide japa tartiwatqan Triféna we Trifosa xanimgha salam éytqaysiler. Rebning xizmitide nurghun japa tartqan söyümlük [singlim] Persisqa salam éytqaysiler.
رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك [سىڭلىم] پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر.
13 Rebde tallan’ghan Rufusqa we uning mangimu ana bolghan anisigha salam éytqaysiler.
رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر.
14 Asinkritus, Filigon, Hermis, Patrobas, Hérmas we ularning yénidiki qérindashlargha salam éytqaysiler.
ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
15 Filologus we Yulyagha, Nérius we singlisigha, Olimpas we ularning yénidiki barliq muqeddes bendilerge salam éytqaysiler.
فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.
16 Bir-biringlar bilen pak söyüshler bilen salamlishinglar. Mesihning hemme jamaetliridin silerge salam!
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!
17 Qérindashlar, silerdin shuni ötünimenki, siler ögen’gen telimge qarshi chiqqan, aranglarda ixtilaplarni peyda qilidighan we ademni étiqad yolidin téyilduridighan kishilerdin pexes bolunglar, ulardin néri bolunglar.
قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار.
18 Bundaq kishiler Rebbimiz Mesihke emes, belki öz qarnigha qul bolidu; ular siliq-sipaye gepler we xushamet sözliri bilen saddilarning qelbini azduridu.
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.
19 Silerning Rebke bolghan itaetmenlikinglardin hemmeylen xewer tapti. Shunga ehwalinglardin shadlinimen; shundaqtimu, yaxshi ishlar jehette aqil bolushunglarni, yaman ishlargha nisbeten nadan bolushunglarni xalaymen.
سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.
20 Amanliq-xatirjemlik Igisi bolghan Xuda uzun ötmey Sheytanni ayagh astinglarda yenjiydu. Rebbimiz Eysaning méhir-shepqiti silerge yar bolghay!
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
21 Xizmetdishim Timotiy, Yehudiy qérindashlirim Lukyus, Yason we Sospatirlardin silerge salam.
خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام.
22 (ushbu xetke qelem tewretküchi menki Tertiymu Rebde silerge salam yollaymen).
(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن).
23 Manga we öyide daim yighilidighan pütün jamaetke sahibxanliq qilidighan Gayustin silerge salam. Sheherning xezinichisi Érastus silerge salam yollaydu, qérindishimiz Kuwartusmu shundaq.
ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق.
24 Rebbimiz Eysa Mesihning méhir-shepqiti hemminglargha yar bolghay! Amin!
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
25 Uzun zamanlardin buyan sükütte saqlinip kelgen sirning wehiy qilinishi boyiche, méning arqiliq yetküzülgen bu xush xewer, yeni Eysa Mesihning jakarlinishi bilen silerni mustehkemleshke qadir Bolghuchigha [shan-sherep bolghay]! (aiōnios g166)
ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! (aiōnios g166)
26 Sir bolsa insanlarni étiqadtiki itaetmenlik yoligha élip bérish üchün, menggü hayat Xudaning emrige binaen hem biwasite hem burunqi peyghemberlerning yézip qaldurghanliri arqiliq, hazir barliq ellerge wehiy qilindi; (aiōnios g166)
سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ (aiōnios g166)
27 shundaq qilghan birdinbir dana Bolghuchi Xudagha Eysa Mesih arqiliq shan-sherep ebedil’ebed bolghay! Amin! (aiōn g165)
شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)

< Rimliqlargha 16 >