< Rimliqlargha 14 >

1 Étiqadi ajizlarni qobul qilinglar, lékin ular bilen pikirde talash-tartish qilmanglar.
ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار.
2 Birsi herqandaq yémeklikni yéyishke bolidighinigha ishinidu; lékin yene étiqadi ajiz birsi peqet köktatlarnila yeydu.
بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ.
3 Herqandaq yémekliklerni yeydighan kishi yémeydighan kishini kemsitmisun; hemde [bezi nersini] yémeydighan kishi herqandaq yémekliklerni yeydighan kishi üstidin höküm qilmisun. Chünki Xuda uni qobul qilghan.
ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە [بەزى نەرسىنى] يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان.
4 Bashqa birsining xizmetkari üstidin höküm qilghuchi sen kim iding? Xizmetkarning tik turushi yaki yiqilip kétishige peqetla öz xojayini mes’uldur. Hemde [shu xizmetkarmu] tik turidighan qilinidu — chünki [xujayini] Reb uni tik turghuzushqa qadirdur.
باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە [شۇ خىزمەتكارمۇ] تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى [خۇجايىنى] رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر.
5 Melum birsi melum bir künni yene bir kündin üstün köridu, yene birsi hemme künni oxshash dep qaraydu. Herkim özining közqarishigha toluq ishenchi bolsun.
مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن.
6 Melum künni qedirleydighan kishi buning bilen Rebbining hörmitide uni qedirleydu. Bir nersini yeydighan kishimu Rebbining hörmitide yeydu, chünki u öz rizqi üchün Xudagha teshekkür éytidu. Melum nersini yémeydighan kishi yémeydighanliqi bilen özining Rebbining hörmitide yémeydu, umu shundaqla Xudagha teshekkür éytidu.
مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
7 Chünki héchqaysimiz özimiz üchün yashimaymiz we héchqaysimiz özimiz üchün ölmeymiz;
چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛
8 Belki eger yashisaq, Rebbimiz üchün yashaymiz; ölsek, Rebbimiz üchün ölimiz. Shuning üchün yashisaqmu, ölsekmu Rebbimizge mensupturmiz.
بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز.
9 Chünki Mesihning ölüshi we tirilishi del shu meqset bilen boldiki, Uning ölüklerning hem tiriklerning Rebbi bolushi üchündur.
چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر.
10 Undaqta, sen néme üchün qérindishing üstidin höküm qilisen? Yaki néme üchün qérindishingni mensitmeysen? Chünki hemmimiz Xudaning soraq texti aldida turishimiz kérek bolidu.
ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ.
11 Chünki [muqeddes yazmilarda] éytilghinidek: — «Perwerdigar deyduki: — Öz hayatim bilen qesem ichimenki, Manga barliq tizlar pükülidu, Barliq tillar Méni étirap qilip medhiye oquydu».
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ».
12 Shunga, herbirimiz Xuda aldida özimiz toghruluq hésab bérimiz.
شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز.
13 Shuning üchün, bir-birimizning üstidin höküm qilghuchi ikkinchi biri bolmayli. Buning ornigha shundaq höküm-qarargha kélinglarki, herqandaq qérindashqa gunahqa yiqitidighan bir nersini yaki tuzaqni qoymasliq kérek.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك.
14 Rebbimiz Eysada bolghanliqimdin shuninggha qet’iy ishendürülüp bilimenki, herqandaq nerse özlikidin haram emestur; lékin bir nersini haram dep qarighan kishi üchün, u uninggha haramdur.
رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر.
15 Eger yémekliking tüpeylidin qérindishingni azabqa qoyghan bolsang, méhir-muhebbet yolida mangmighan bolisen. Mesih uning üchün Öz jénini pida qilip ölgen, bu [qérindishingni] yémekliking bilen nabut qilma!
ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ [قېرىندىشىڭنى] يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما!
16 Emdi siler yaxshi dep qarighan ishlarning yaman déyilishige sewebchi bolup qalmanglar.
ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار.
17 Chünki Xudaning padishahliqi yémek-ichmekte emes, belki Muqeddes Rohta bolghan heqqaniyliq, inaqliq-xatirjemlik we shadliqtidur.
چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر.
18 Bularda yashap Mesihke xizmet qilghuchi kishi Xudani xursen qilidu we insanlarning teriplishige sazawer bolidu.
بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ.
19 Shuning üchün özimizni inaqliqni ilgiri süridighan we bir-birimizning étiqadini qurup chiqidighan ishlargha atayli.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى.
20 Yémeklikni dep Xudaning ejrini nabut qilmanglar. Hemme nerse derweqe halaldur; biraq birsi yégini bilen [étiqadida] putlashsa, u uninggha yaman hésablinidu.
يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن [ئېتىقادىدا] پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ.
21 Shuning üchün gösh yéyish, sharab ichish, shundaqla bashqa herqandaq ishlarni qilishing qérindishingni gunahqa téyilduridighan, azabqa qoyidighan yaki uni ajizlashturidighan bolsa, bularni qilmighining tüzük.
شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك.
22 Séning [melum bir ishni qilishqa] ishenching barmu? Emdi bu ishench Xuda bilen séning arangdiki ishtur. Özi qiliwatqan ishni toghra dep qarighan, shuningdin wijdanimu eyibke buyrulmighan kishi némidégen bextlik-he!
سېنىڭ [مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا] ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
23 Lékin [yémekliktin] gumanlinip turup yene shuni yégen kishi eyibke buyrulidu, chünki buni ishench bilen yémigen. Ishenchtin bolmighan herqandaq ish gunahtur.
لېكىن [يېمەكلىكتىن] گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە شۇنى يېگەن كىشى ئەيىبكە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئىشەنچ بىلەن يېمىگەن. ئىشەنچتىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.

< Rimliqlargha 14 >