< Wehiy 17 >

1 Yette chinisi bar yette perishtining biri kélip, manga sözlep: — Bu yerge kel, nurghun sular üstide olturghan chong pahishe ayalning tartidighan jazasini sanga körsitip qoyay.
يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي.
2 Yer yüzidiki padishahlar uning bilen buzuqluq ötküzdi, yer yüzidikiler uning buzuqluqining sharabidin mest bolushti, — dédi.
يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى.
3 Shuning bilen u perishte méni Rohning ilkidiki halette bir chölge élip bardi. U yerde yette bashliq, on münggüzlük, pütün ezayini kupurluq namliri qaplighan bir toq qizil diwining üstide olturghan bir ayalni kördüm.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.
4 Ayal sösün we toq qizil kiyim kiygen bolup, altun, qimmetlik yaqut we merwayitlar bilen perdazlan’ghanidi. Qolida yirginchlik nomussizliqlar we öz buzuqluqining nijasetliri bilen tolghan bir altun qedeh bar idi.
ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.
5 Péshanisige bir sir — «Katta Babil, pahishilerning we dunyadiki pütkül yirginchlik nomussizliqlarning anisi» dégen nam pütüklük idi.
پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى.
6 Men ayalning muqeddes bendilerning qéni we Eysagha guwahliq bergüchilerning qéni bilen mest bolghanliqini kördüm. Uni körüp tolimu teejjüp qilip intayin heyran qaldim.
مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.
7 Perishte manga mundaq dédi: — «Némige heyran qalding? Ayalning we uni kötürüp turghan yette bashliq, on münggüzlük diwining sirini sanga éytip bérey.
پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.
8 Sen körgen diwe bir zamanlarda bar idi, hazir yoq; uzun ötmey tégi yoq hangdin chiqip, halaketke qarap mangidu. Yer yüzide turuwatqanlar — dunya apiride bolghandin buyan isimliri hayatliq deptirige pütülmigen kishiler diwini körüp intayin heyran qalidu. Chünki u bir zamanlarda bar idi, hazir yoq, lékin yene peyda bolidu. (Abyssos g12)
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. (Abyssos g12)
9 Mana buni chüshinishke lazim bolghan hékmet: — yette bash bolsa u ayal olturghan yette taghqa, shundaqla yette padishahqa wekillik qilidu.
مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
10 Bularning beshi yiqilghan, birsi bar, yene biri téxi kelmidi. U kelgende peqet azla waqit turalaydu.
بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ.
11 Burun bar bolghan, emdi hazir yoq bolghan diwining özi sekkizinchi padishahdur, shundaqla u hem yettisidin biri bolup halaketke qarap mangidu.
بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.
12 Sen körgen on münggüz on padishahdur. Ularning padishahliqliri téxi yoq, emdi ulargha diwe bilen bille bir saetlik padishahliq hoquqi bérilidu.
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.
13 Bu padishahlar bir oy, bir niyette bolup öz qudriti we hoquqlirini diwige bérishidu.
بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ.
14 Diwe we padishahlar birliship Qozigha qarshi jeng qilidu. Qoza ularning üstidin ghalib kélidu, chünki U reblerning Rebbi, padishahlarning Padishahidur. Uning bilen birge turghanlar bolsa chaqirilghan, tallan’ghan we Uninggha sadiq bolghanlardur».
دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».
15 Perishte manga yene: — Pahishe ayal üstide olturghan, sen körgen sular bolsa milletler, özara toplashqan nurghun kishiler, eller we her xil tillarda sözlishidighan kishilerdur.
پەرىشتە ماڭا يەنە: ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
16 Sen körgen on münggüz we diwe bu pahishe ayaldin nepretlinidu, uni talan-taraj qilip yalingachlap qoyidu, uning göshini yep, özini otta köydüridu.
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.
17 Chünki Xuda Öz söz-kalamliri emelge ashquche, ashu [on padishahning] könglige Öz iradisini ijra qilip, bir qararda toxtiship padishahliq hoquqini diwige bérish niyitini saldi.
چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ [ئون پادىشاھنىڭ] كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى.
18 Sen körgen ayal yer yüzidiki padishahlar üstidin hökümranliq qilidighan katta sheherdur, — dédi.
سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى.

< Wehiy 17 >