< Matta 24 >

1 Eysa ibadetxanidin chiqip, aldigha kétiwatqanda, muxlisliri yénigha kélip uning diqqitini ibadetxana binalirigha tartmaqchi boldi.
ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولدى. «مات.»
2 U ulargha: — Mana bularning hemmisini körüwatamsiler? Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, bu yerde bir tal tashmu tash üstide qalmaydu, hemmisi qaldurulmay gumran qilinidu, — dédi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
3 U Zeytun téghida olturghanda, muxlisliri astighina uning yénigha kélip: — Bizge éytqinchu, bu dégenliring qachan yüz béridu? Séning [qaytip] kélishing we zamanning axirini körsitidighan qandaq alamet bolidu? — dep sorashti. (aiōn g165)
ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. (aiōn g165)
4 Eysa ulargha jawaben mundaq dédi: — Hézi bolunglarki, héchkim silerni azdurup ketmisun.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن.
5 Chünki nurghun kishiler méning namimda kélip: «Mesih men bolimen» dep, köp ademlerni azduridu.
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.
6 Siler urush xewerliri we urush shepilirini anglaysiler, bulardin alaqzade bolup ketmenglar; chünki bu ishlarning yüz bérishi muqerrer. Lékin bular axiret emes.
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس.
7 Chünki bir millet yene bir millet bilen urushqa chiqidu, bir padishahliq yene bir padishahliq bilen urushqa chiqidu. Jay-jaylarda acharchiliq, wabalar we yer tewreshler yüz béridu.
چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.
8 Lékin bu ishlarning yüz bérishi «tughutning tolghiqining bashlinishi» bolidu, xalas.
لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.
9 Andin kishiler silerni tutup azab-oqubetke sélip, öltüridu, méning namim wejidin pütkül eller silerdin nepretlinidu.
ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
10 Shuning bilen nurghunlar étiqadidin tanidu, bir-birini tutup béridu we bir-birige öchmenlik qilidu.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
11 Nurghun saxta peyghemberler meydan’gha chiqip, nurghun kishilerni azduridu.
نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ.
12 Itaetsizlik-rezilliklerning köpiyishi tüpeylidin, nurghun kishilerdiki méhir-muhebbet sowup kétidu.
ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ.
13 Lékin axirghiche berdashliq bergenler qutquzulidu.
لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
14 Barliq ellerge agah-guwahliq bolsun üchün, [Xudaning] padishahliqi heqqidiki bu xush xewer pütkül dunyagha jakarlinidu; andin zaman axiri bolidu.
بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، [خۇدانىڭ] پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ.
15 Daniyal peyghember qeyt qilghan «weyran qilghuchi yirginchlik nomussizliq»ning muqeddes jayda turghinini körgininglarda (kitabxan bu sözning menisini chüshen’gey),
دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)،
16 Yehudiye ölkiside turuwatqanlar taghlargha qachsun;
يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛
17 ögzide turghan kishi öyidiki nerse-kéreklirini alghili chüshmeyla [qachsun].
ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا [قاچسۇن].
18 Étizliqta turghan kishimu chapinini alghili öyige yanmisun.
ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن.
19 U künlerde hamilidar ayallar we bala émitiwatqanlarning haligha way!
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
20 Qachidighan waqtinglarning qish yaki shabat künige toghra kélip qalmasliqi üchün dua qilinglar.
قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
21 Chünki u chaghda dunya apiride bolghandin mushu chaghqiche körülüp baqmighan hem kelgüsidimu körülmeydighan dehshetlik azab-oqubet bolidu.
چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ.
22 U künler azaytilmisa, héchqandaq et igisi qutulalmaytti; lékin [Xudaning] Öz tallighanliri üchün u künler azaytilidu.
ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
23 Eger u chaghda birsi silerge: «Qaranglar, bu yerde Mesih bar!» yaki «[Mesih] ene u yerde!» dése, ishenmenglar.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «[مەسىھ] ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
24 Chünki saxta mesihler we saxta peyghemberler meydan’gha chiqidu, qaltis möjizilik alametler we karametlerni körsitidu; shuning bilen eger mumkin bolidighan bolsa, hetta [Xuda] tallighanlarnimu azduratti.
چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى.
25 Mana, men bu ishlar yüz bérishtin burun silerge uqturup qoydum.
مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
26 Shuning üchün, birsi silerge: «Qaranglar, u chöl-bayawanda!» dése, u yerge barmanglar. «Qaranglar, u ichkiridiki öylerde!» dése, ishenmenglar.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
27 Chünki chaqmaq sherqtin gherbke yalt-yult qilip qandaq chaqqan bolsa, Insan’oghlining kélishi shundaq bolidu.
چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ.
28 Chünki jeset qaysi yerde bolsa, u yerdimu quzghunlar toplishidu!
چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!
29 U künlerdiki azab-oqubetler ötüp ketken haman, quyash qariyidu, ay yoruqluqini bermeydu, yultuzlar asmandin tökülüp chüshidu, asmandiki küchler lerzige kélidu.
ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ.
30 Andin Insan’oghlining alamiti asmandin körünidu; yer yüzidiki pütkül qebililer yigha-zar kötürüshidu. Ular Insan’oghlining küch-qudret we ulugh shan-sherep ichide asmandiki bulutlar üstide kéliwatqanliqini köridu.
ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
31 U perishtilirini zor jarangliq bir kanay sadasi bilen ewetidu, ular uning tallighanlirini dunyaning töt bulungidin, asmanning bir chétidin yene bir chétigiche heryerdin yighip bir yerge jem qilidu.
ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
32 Enjür derixidin mundaq temsilni biliwélinglar: — Uning shaxliri kökirip yopurmaq chiqarghanda, yazning yéqinlap qalghanliqini bilisiler.
ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.
33 Xuddi shuningdek, [men baya dégenlirimning] hemmisini körgininglarda, uning yéqinlap qalghanliqini, hetta ishik aldida turuwatqanliqini biliwélinglar.
خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار.
34 Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, bu alametlerning hemmisi emelge ashurulmay turup, bu dewr ötmeydu.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ.
35 Asman-zémin yoqilidu, biraq méning sözlirim hergiz yoqalmaydu.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
36 Lékin shu küni we waqit-saitining xewirini bolsa, héchkim bilmeydu — hetta ershtiki perishtilermu bilmeydu, uni peqet Atamla bilidu.
لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ.
37 Emdi Nuh peyghemberning künliride qandaq bolghan bolsa, Insan’oghli [qaytip] kelgendimu shundaq bolidu.
ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى [قايتىپ] كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
38 Chünki topan kélishidin ilgiriki künlerde, Nuh kémige kirip olturghan kün’giche, [shu zamandiki] kishiler yep-ichip, öylinip we yatliq bolup kelgenidi.
چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى.
39 Topan tuyuqsiz kélip hemmisini gherq qilghuche, kishiler bu ishning uningdin xewersiz bolup turghan’gha oxshash, Insan’oghlining qaytip kélishimu shundaq bolidu.
توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
40 U küni, étizda ikki kishi turghan bolidu; ulardin biri élip kétilidu, yene biri qaldurulidu;
ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛
41 ikki ayal tügmen béshida turup un tartiwatqan bolidu; ulardin biri élip kétilidu, yene biri qaldurulidu.
ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.
42 Shuning üchün, hoshyar bolunglar, chünki Rebbinglarning qaytip kélidighan waqti-saitini bilmeysiler.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر.
43 Lékin shuni bilinglarki, eger öy igisi oghrining kéchisi qaysi jésekte kélidighanliqini bilgen bolsa, segek turup oghrining öyni téship kirishige hergiz yol qoymaytti.
لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى.
44 Shuninggha oxshash, silermu teyyar turunglar. Chünki Insan’oghli siler oylimighan waqit-saette qaytip kélidu!
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ!
45 Xojayini öz öyidikilerge mes’ul qilip, ulargha ozuq-tülükini waqti-waqtida teqsim qilip bérishke teyinligen ishenchlik we pemlik chakar kim bolidu?
خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟
46 Xojayin [öyige] qaytqanda, chakirining shundaq qiliwatqinining üstige kelse, bu chakarning bextidur!
خوجايىن [ئۆيىگە] قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر!
47 Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, xojayin uni pütün igilikini bashqurushqa qoyidu.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.
48 Lékin mubada shu chakar rezil bolup könglide: «Xojayinim hayal bolup qalidu» dep oylap,
لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ،
49 bashqa chakar buraderlirini bozek qilishqa we haraqkeshlerge hemrah bolup yep-ichishke bashlisa,
باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا،
50 shu chakarning xojayini kütülmigen bir küni, oylimighan bir waqitta qaytip kélidu
شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ
51 we uni késip ikki parche qilip, uning nésiwisini saxtipezler bilen oxshash teqdirde békitidu. Shu yerde yigha-zarlar kötürülidu, chishlirini ghuchurlitidu.
ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

< Matta 24 >