< Matta 2 >

1 Eysa Hérod padishah höküm sürgen künlerde Yehudiye ölkisining Beyt-Lehem yézisida dunyagha kelgendin kéyin, mana bezi danishmenler meshriqtin Yérusalémgha yétip kélip, puqralardin:
ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن:
2 Yehudiylarning [yéngidin] tughulghan padishahi qeyerde? Chünki biz uning yultuzining kötürülgenlikini körduq. Shunga, uninggha sejde qilghili kelduq, — déyishti.
يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى.
3 Buni anglighan Hérod padishah, shuningdek pütkül Yérusalém xelqimu alaqzadilikke chüshti.
بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى.
4 U pütkül bash kahinlar we xelqning Tewrat ustazlirini chaqirip, ulardin «Mesih qeyerde tughulushi kérek?» — dep soridi.
ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى.
5 Ular: «Yehudiyediki Beyt-Lehem yézisida bolushi kérek, — chünki peyghember arqiliq shundaq pütülgen: —
ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ
6 «I Yehudiye zéminidiki Beyt-Lehem, Xelqing Yehudiye yétekchilirining arisida eng kichiki bolmaydu; Chünki sendin bir yétekchi chiqidu, U xelqim Israillarning baqquchisi bolidu» — déyishti.
«ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى.
7 Buning bilen, Hérod danishmelerni mexpiy chaqirtip, yultuzning qachan peyda bolghanliqini sürüshtürüp biliwaldi.
بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى.
8 Andin: «Bérip balini sürüshte qilip tépinglar. Tapqan haman qaytip manga xewer qilinglar, menmu uning aldigha bérip sejde qilip kéley» — dep, ularni Beyt-Lehemge yolgha saldi.
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى.
9 Danishmenler padishahning sözini anglap yolgha chiqti; we mana, ular sherqte körgen héliqi yultuz ularning aldida yol bashlap mangdi we bala turghan yerge kélip toxtidi.
دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى.
10 Ular héliqi yultuzni körginidin intayin qattiq shadlinishti
ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى
11 hem öyge kirip, balini anisi Meryem bilen körüp, yerge yiqilip uninggha sejde qilishti. Andin, xezinilirini échip, altun, mestiki, murmekki qatarliq sowghatlarni sunushti.
ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى.
12 Ulargha chüshide Hérodning yénigha barmasliq toghrisidiki wehiy kelgenliki üchün, ular bashqa yol bilen öz yurtigha qaytishti.
ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى.
13 Ular yolgha ketkendin kéyin, Perwerdigarning bir perishtisi Yüsüpning chüshide körünüp: Ornungdin tur! Bala we anisi ikkisini élip Misirgha qach. Men sanga uqturghuche u yerde turghin. Chünki Hérod balini yoqitishqa izdep kélidu — dédi.
ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى.
14 Shuning bilen u ornidin turup, shu kéchila bala we anisi ikkisini élip Misirgha qarap yolgha chiqti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى.
15 U Hérod ölgüche shu yerde turdi. Shundaq boldiki, Perwerdigarning peyghember arqiliq aldin éytqan: «Oghlumni Misirdin Men chaqirdim» dégen sözi emelge ashuruldi.
ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
16 Hérod bolsa danishmenlerdin aldan’ghanliqini bilip, qattiq ghezeplendi. U danishmenlerdin éniqlighan waqitqa asasen, ademlerni ewetip Beyt-Lehem yézisi we etrapidiki ikki yash we uningdin töwen yashtiki oghul balilarning hemmisini öltürguzdi.
ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى.
17 Shu chaghda Yeremiya peyghember arqiliq éytilghan munu söz emelge ashuruldi: —
شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ
18 «Ramah shehiride bir sada, Achchiq yigha-zarning pighani anglinar, Bu Rahilening baliliri üchün kötürgen ah-zarliri; Balilirining yoq qiliwétilgini tüpeylidin, Tesellini qobul qilmay pighan kötüridu».
«راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ».
19 Emdi Hérod ölgendin kéyin, Xudaning bir perishtisi Misirda turghan Yüsüpning chüshide körünüp uninggha: —
ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ
20 Ornungdin tur! Bala we anisini élip Israil zéminigha qayt! Chünki balining jénini almaqchi bolghanlar öldi, — dédi.
ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى.
21 Buning bilen Yüsüp ornidin turup bala we anisini élip Israil zéminigha qaytti.
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى.
22 U Arxélausning atisi Hérod padishahning ornigha textke olturup Yehudiye ölkisige hökümranliq qiliwatqinidin xewer tépip, u yerge qaytishtin qorqti; we chüshide uninggha bir wehiy kélip, Galiliye zéminigha bérip,
ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ،
23 Nasaret dep atilidighan bir yézida olturaqlashti. Shuning bilen peyghemberler arqiliq: «U Nasaretlik dep atilidu» déyilgini emelge ashuruldi.
ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

< Matta 2 >