< Markus 8 >

1 Shu künlerde, yene zor bir top xalayiq yighilghanidi. Ularning yégüdek héchnémisi bolmighachqa, u muxlislirini yénigha chaqirip:
شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
2 — Bu xalayiqqa ichim aghriydu. Chünki ular méning yénimda turghili üch kün boldi, ularda yégüdek héchnersimu qalmidi.
ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى.
3 Ularni öylirige ach qorsaq qaytursam, yolda halidin kétishi mumkin. Chünki beziliri yiraqtin kelgeniken, — dédi.
ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، ــ دېدى.
4 Muxlisliri buninggha jawaben: — Bundaq xilwet bir jayda bu kishilerni toydurghudek nanni nedin tapqili bolsun? — déyishti.
مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ ــ دېيىشتى.
5 — Qanche néninglar bar? — dep soridi u. Yette, — déyishti ular.
ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، ــ دېيىشتى ئۇلار.
6 Buning bilen u xelqni yerde olturushqa buyrudi. Andin yette nanni qoligha aldi we [Xudagha] teshekkür-medhiye éytip oshtup, köpchilikke tutushqa muxlislirigha berdi. Ular xalayiqqa üleshtürüp berdi.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
7 [Muxlislar]da yene birqanche kichik béliqmu bar idi. U Xudagha teshekkür éytip ularni beriketlep, muxlislirigha üleshtürüp bérishni éytti.
[مۇخلىسلاردا] يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى.
8 Xalayiq toyghuche yédi; ular éship qalghan parchilarni yette séwetke tériwaldi.
خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى.
9 Yégenler töt mingche kishi idi. U ularni yolgha saldi,
يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى،
10 andin muxlisliri bilen bille derhal kémige chüshüp, Dalmanuta tereplirige bardi.
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى.
11 Perisiyler chiqip, uni sinash meqsitide uningdin bizge asmandin bir möjizilik alamet körsetseng, dep telep qiliship, uning bilen munazirileshkili turdi.
پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى.
12 U ichide bir ulugh-kichik tinip: — Bu dewr némishqa bir «möjizilik alamet»ni istep yüridu? Shuni silerge berheq éytip qoyayki, bu dewrge héchqandaq möjizilik alamet körsitilmeydu, — dédi.
ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى.
13 Andin ulardin ayrilip, yene kémige chiqip, déngizning u chétige ötüp ketti.
ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى.
14 Muxlislar nan élip kélishni untughan bolup, kémide bir tal nandin bashqa yeydighini yoq idi.
مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى.
15 U ularni agahlandurup: — Éhtiyat qilinglar, Perisiylerning échitqusi we Hérodning échitqusidin hézi bolunglar, — dédi.
ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى.
16 Muxlislar özara mulahiziliship: — Uning bundaq déyishi nan ekelmigenlikimizdin bolsa kérek, — déyishti.
مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى.
17 Eysa ularning néme [déyishiwatqanliqini] bilip: — Némishqa nan yoqluqi toghrisida mulahize qilisiler? Siler téxiche pem-paraset yaki chüshenchige ige bolmidinglarmu? Qelbliringlar téximu bixudliship kétiwatamdu?
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ: ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم-پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟
18 Közünglar turup körmeywatamsiler? Quliqinglar turup anglimaywatamsiler? Ésinglarda yoqmu?
كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟
19 Besh ming kishige besh nanni oshtughinimda, parchilargha liq tolghan qanche kichik séwetni yighiwaldinglar? — dédi. — On ikkini, — jawab berdi ular.
بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار.
20 — Yette nanni töt ming kishige oshtughinimda, parchilargha liq tolghan qanche séwetni yighiwaldinglar? — dédi u. — Yettini, — Jawab berdi ular.
ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار.
21 U ulargha: — Undaqta, qandaqsige siler téxi chüshenmeysiler? — dédi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى.
22 Ular Beyt-Saida yézisigha keldi; xalayiq bir kor ademni uning aldigha élip kélip, uninggha qolungni tegküzüp qoysang, dep ötündi.
ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى.
23 U kor ademning qolidin tutup yézining sirtigha yétilep bardi; uning közlirige tükürüp, üstige qollirini tegküzüp: — Birer nerse körüwatamsen? — dep soridi.
ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
24 U béshini kötürüp: — Kishilerni körüwatimen; ular xuddi méngip yürüwatqan derexlerdek körünüwatidu, — dédi.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى.
25 Andin u qaytidin qollirini u ademning közlirige tegküzdi. U közlirini échiwidi, közliri eslige kélip, hemme nersini éniq kördi.
ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.
26 Eysa uni öyige qayturup: — Yézighimu kirme, yaki yézidiki héchkimge bu ishni uqturma, — dep tapilidi.
ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ: ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى.
27 Eysa muxlisliri bilen chiqip Qeyseriye-Filippi rayonigha qarashliq kent-yézilargha bardi. Yolda u muxlisliridin: — Kishiler méni kim deydu? — dep soridi.
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت-يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
28 Ular uninggha: — Beziler séni Chömüldürgüchi Yehya, beziler Ilyas [peyghember] we yene beziler ilgiriki peyghemberlerdin biri dep qaraydiken, — dep jawab bérishti.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
29 U ulardin: — Emdi silerchu, siler méni kim dep bilisiler? — dep soridi. Pétrus jawaben: — Sen Mesihdursen, — dédi.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى.
30 U ulargha özi toghruluq héchkimge tinmasliqni jiddiy tapilidi.
ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى.
31 Shuning bilen u Insan’oghlining nurghun azab-oqubet tartishi, aqsaqallar, bash kahinlar we Tewrat ustazliri teripidin chetke qéqilishi, öltürülüshi we üch kündin kéyin tirildürülüshi muqerrer ikenlikini [muxlislirigha] ögitishke bashlidi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى.
32 U bu ishni ochuq-ashkara sözlep berdi. Buning bilen Pétrus uni bir chetke tartip, uni eyibleshke bashlidi.
ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.
33 Lékin u burulup muxlislirigha qarap, Pétrusni eyiblep: — Arqamgha öt, Sheytan! Séning oylighanliring Xudaning ishliri emes, insanning ishliridur, — dédi.
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى.
34 Andin muxlisliri bilen xalayiqnimu chaqirip mundaq dédi: — Kimdekim manga egishishni niyet qilsa, özidin kéchip, özining kréstini kötürüp manga egeshsun!
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
35 Chünki kimdekim öz jénini qutquzay dése, choqum uningdin mehrum bolidu; lékin kimdekim men üchün we xush xewer üchün öz jénidin mehrum bolsa, uni qutquzidu.
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ.
36 Chünki bir adem pütkül dunyagha ige bolup, jénidin mehrum qalsa, buning néme paydisi bolsun?!
چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
37 U némisini jénigha tégishsun?!
ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!
38 Chünki kimdekim zinaxor we gunahkar bu dewr aldida mendin we méning sözlirimdin nomus qilsa, Insan’oghlimu atisining shan-sheripi ichide muqeddes perishtiler bilen bille kelginide, uningdin nomus qilidu.
چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.

< Markus 8 >