< Markus 13 >

1 U ibadetxanidin chiqiwatqanda, muxlisliridin biri uninggha: — Ustaz, qara, bu némidégen heywetlik tashlar we imaretler-he! — dédi.
ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى.
2 Eysa uninggha jawaben: — Sen bu heywetlik imaretlerni kördüngmu? Bir tal tashmu tash üstide qalmaydu, hemmisi qaldurulmay gumran qilinidu, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
3 U Zeytun téghida, yeni ibadetxanining udulida olturghanda, Pétrus, Yaqup, Yuhanna we Andriyaslar uningdin astighina:
ئۇ زەيتۇن تېغىدا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئاندرىياسلار ئۇنىڭدىن ئاستىغىنا:
4 — Bizge éytqinchu, bu ishlar qachan yüz béridu? Bu barliq weqelerning yüz béridighanliqini körsitidighan néme alamet bolidu? — dep sorashti.
ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
5 Eysa ulargha jawaben söz bashlap mundaq dédi: — Hézi bolunglarki, héchkim silerni azdurup ketmisun.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن.
6 Chünki nurghun kishiler méning namimda kélip: «Mana özüm shudurmen!» dep, köp ademlerni azduridu.
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.
7 Siler urush xewerliri we urush shepilirini anglighininglarda, bulardin alaqzade bolup ketmenglar; chünki bu ishlarning yüz bérishi muqerrer. Lékin bu zaman axiri yétip kelgenliki emes.
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس.
8 Chünki bir millet yene bir millet bilen urushqa chiqidu, bir padishahliq yene bir padishahliq bilen urushqa chiqidu. Jay-jaylarda yer tewreshler yüz béridu, acharchiliqlar we qalaymiqanchiliqlar bolidu. Mana bu ishlarning yüz bérishi «tughutning tolghiqining bashlinishi» bolidu, xalas.
چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.
9 Siler bolsanglar, özünglargha pexes bolunglar; chünki kishiler silerni tutqun qilip sot mehkimilirige tapshurup béridu, sinagoglarda qamchilinisiler. Siler méning sewebimdin emirler we padishahlar aldigha élip bérilip, ular üchün bir guwahliq bolsun dep soraqqa tartilisiler.
سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر.
10 Lékin bulardin awwal xush xewer pütkül ellerge jakarlinishi kérek.
لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك.
11 Emdi ular silerni apirip [soraqqa] tapshurghanda, néme déyish heqqide ne endishe ne mulahize qilmanglar, belki shu waqit-saitide silerge qaysi gep bérilse, shuni éytinglar; chünki sözligüchi siler emes, Muqeddes Rohtur.
ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر.
12 Qérindash qérindishigha, ata balisigha xainliq qilip ölümge tutup béridu. Balilarmu ata-anisi bilen zitliship, ularni ölümge mehkum qilduridu.
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ.
13 Shundaqla siler méning namim tüpeylidin hemme ademning nepritige uchraysiler, lékin axirghiche berdashliq bergenler qutquzulidu.
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
14 «Weyran qilghuchi yirginchlik nomussizliq»ning özi turushqa tégishlik bolmighan yerde turghinini körgininglarda, (kitabxan bu sözning menisini chüshen’gey) Yehudiye ölkiside turuwatqanlar taghlargha qachsun.
«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن.
15 Ögzide turghan kishi öyige chüshmey yaki öyidiki birer némini alghili ichige kirmey [qachsun].
ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي [قاچسۇن].
16 Étizlarda turuwatqan kishi bolsa chapinini alghili öyige yanmisun.
ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن.
17 U künlerde hamilidar ayallar we bala émitiwatqanlarning haligha way!
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
18 [Qachidighan] waqtinglarning qishqa toghra kélip qalmasliqi üchün dua qilinglar.
[قاچىدىغان] ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
19 Chünki u chaghda Xuda yaratqan dunyaning apiride qilin’ghandin buyan mushu chaghqiche körülüp baqmighan hem kelgüsidimu körülmeydighan zor azab-oqubet bolidu.
چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ.
20 Eger Perwerdigar u künlerni azaytmisa, héchqandaq et igisi qutulalmaydu. Lékin U Öz tallighanliri üchün u künlerni azaytidu.
ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ.
21 Eger u chaghda birsi silerge: «Qaranglar, bu yerde Mesih bar!» yaki «Qaranglar, u ene u yerde!» dése, ishenmenglar.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
22 Chünki saxta mesihler we saxta peyghemberler meydan’gha chiqidu, möjizilik alametler we karametlerni körsitidu; shuning bilen eger mumkin bolidighan bolsa, ular hetta [Xuda] tallighanlarni hem azduridu.
چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ.
23 Shuning üchün, siler hoshyar bolunglar. Mana, men bu ishlarning hemmisini silerge aldin’ala uqturup qoydum.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
24 Emdi shu künlerde, shu azab-oqubet ötüp ketken haman, quyash qariyidu, ay yoruqluqini bermeydu,
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ،
25 yultuzlar asmandin tökülüp chüshidu, asmandiki küchler lerzige kélidu.
يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ.
26 Andin kishiler Insan’oghlining ulugh küch-qudret we shan-sherep bilen bulutlar ichide kéliwatqanliqini köridu.
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
27 U öz perishtilirini ewetidu, ular uning tallighanlirini dunyaning töt teripidin, zéminning chetliridin asmanning chetlirigiche yighip jem qilidu.
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ.
28 — Enjür derixidin mundaq temsilni biliwélinglar: — Uning shaxliri kökirip yopurmaq chiqarghanda, yazning yéqinlap qalghanliqini bilisiler.
ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.
29 Xuddi shuningdek, [men baya dégenlirimning] yüz bériwatqanliqini körgininglarda, uning yéqinlap qalghanliqini, hetta ishik aldida turuwatqanliqini biliwélinglar.
خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار.
30 Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, bu alametlerning hemmisi emelge ashurulmay turup, bu dewr ötmeydu.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ.
31 Asman-zémin yoqilidu, biraq méning sözlirim hergiz yoqalmaydu.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
32 Lékin shu küni yaki waqit-saiti toghruluq xewerni héchkim bilmeydu — hetta ne ershtiki perishtilermu bilmeydu, ne oghul bilmeydu, uni peqet Atila bilidu.
لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ.
33 Hoshyar bolunglar, segek bolup dua qilinglar, chünki u waqit-saetning qachan kélidighanliqini bilmeysiler.
ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر.
34 Bu xuddi yaqa yurtqa chiqmaqchi bolghan ademning ehwaligha oxshaydu. Yolgha chiqidighan chaghda, u qullirigha öz hoquqini béqitip, herbirige öz wezipisini tapshuridu we derwaziwenningmu segek bolushini tapilaydu.
بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ.
35 Shuningdek, silermu segek bolunglar; chünki öyning igisining [qaytip] kélidighan waqtining — kechqurunmu, tün yérimimu, xoraz chillighan waqitmu yaki seher waqtimu — uni bilelmeysiler;
شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ [قايتىپ] كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ ــ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ــ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛
36 u tuyuqsiz kelgende, silerning uxlawatqininglarning üstige chüshmisun!
ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن!
37 Silerge éytqinimni men hemmeylen’ge éytimen: Segek turunglar!
سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار!

< Markus 13 >