< Luqa 9 >

1 Eysa on ikkiylenni chaqirip, ulargha barliq jinlarni heydiwétish we késellerni saqaytishqa qudret we hoquq berdi.
ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى.
2 Andin ularni Xudaning padishahliqini jar qilish we késellerni saqaytishqa ewetti.
ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.
3 U ulargha: — Siler seper üchün héch nerse almanglar, ne hasa, ne xurjun, ne nan, ne pul éliwalmanglar; birer artuq yektekmu éliwalmanglar.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار.
4 We qaysi öyge [qobul qilinip] kirsenglar, u yurttin ketküche shu öyde turunglar.
ۋە قايسى ئۆيگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار.
5 Emdi qaysi yerdiki kishiler silerni qobul qilmisa, u sheherdin chiqqininglarda ulargha agah-guwah bolsun üchün ayighinglardiki topinimu qéqiwétinglar! — dédi.
ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
6 Muxlislar yolgha chiqip, yéza-qishlaqlarni arilap xush xewerni élan qilip, hemme yerde késellerni saqaytti.
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
7 Emdi Hérod hakim uning barliq qilghanliridin xewer tépip, qaymuqup qaldi. Chünki beziler: «Mana Yehya ölümdin tiriliptu!» dése,
ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە،
8 yene beziler: «Ilyas peyghember [qayta] peyda boldi» we yene bashqilar: «Qedimki peyghemberlerdin biri qaytidin tiriliptu!» deytti.
يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر [قايتا] پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى.
9 Hérod: «Men Yehyaning kallisini aldurghanidim, emdi men mushu gépini anglawatqan zat zadi kimdu?» — dédi. Shuning bilen u uni körüsh pursitini izdidi.
ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.
10 Rosullar bolsa qaytip kélip, özlirining qilghan ishlirining hemmisini Eysagha melum qildi. U ularni élip, xupiyane halda Beyt-Saida dégen sheherdiki xilwet bir yerge keldi.
روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى.
11 Biraq xalayiq buningdin xewer tépip uninggha egiship keldi. U ularni qarshi élip, ulargha Xudaning padishahliqi toghrisida sözlidi we shipagha mohtajlarni saqaytti.
بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى.
12 Kün olturay dégende, on ikkiylen uning aldigha kélip uninggha: — Xalayiqni yolgha salsang, ular etraptiki yéza-qishlaqlargha we étizlargha bérip qon’ghudek jaylar we ozuq-tülük tapsun; chünki mushu yer chöllük iken, — dédi.
كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى.
13 Lékin u ulargha: — Ulargha özünglar ozuq béringlar, — dédi. — Bizde peqet besh nan bilen ikki béliqtin bashqa nerse yoq. Bu barliq xelqke ozuq-tülük sétiwélip kélemduq?! — déyishti ular.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار.
14 Chünki shu yerde yighilghan erlerningla sani besh mingche idi. U muxlislargha: — Xalayiqni elliktin-elliktin bölüp olturghuzunglar, — dédi.
چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى.
15 Ular uning déginiche qilip hemmeylenni olturghuzdi.
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى.
16 Eysa besh nan bilen ikki béliqni qoligha élip, asman’gha qarap [Xudagha] teshekkür éytip bularni beriketlidi. Andin ularni oshtup, xalayiqqa sunup bérish üchün muxlislirigha berdi.
ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى.
17 Hemmeylen yep toyundi. Andin shulardin éship qalghan parchilirini on ikki séwetke yighip qachilidi.
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى.
18 We shundaq boldiki, u özi yalghuz dua qiliwatqanda, muxlisliri yénida turatti. U ulardin: — Xalayiq méni kim deydu? — dep soridi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن: ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
19 Ular jawaben: — Beziler séni Chömüldürgüchi Yehya, beziler Ilyas [peyghember], we yene beziler qedimki peyghemberlerdin biri tiriliptu deydu, — dédi.
ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر]، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى.
20 U ulardin: — Silerchu? Siler méni kim dep bilisiler? — dep soridi. Pétrus jawab bérip: — Sen Xudaning Mesihidursen, — dédi.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى.
21 U ulargha qattiq jékilep, bu ishni héchkimge tinmanglar, dep tapilidi.
ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى.
22 — Chünki Insan’oghlining nurghun azab-oqubet tartishi, aqsaqallar, bash kahinlar we Tewrat ustazliri teripidin chetke qéqilishi, öltürülüshi we üch kündin kéyin tirildürülüshi muqerrer, — dédi.
ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى.
23 Andin u ularning hemmisige mundaq dédi: — Kimdekim manga egishishni niyet qilsa, özidin kéchip, her küni özining kréstini kötürüp manga egeshsun!
ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
24 Chünki kimdekim öz hayatini qutquzimen deydiken, choqum uningdin mehrum bolidu, lékin men üchün öz hayatidin mehrum bolghan kishi hayatini qutquzidu.
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ.
25 Chünki bir adem pütün dunyagha ige bolup, özini halak qilsa yaki özidin mehrum qalsa, buning néme paydisi bolsun?!
چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
26 Chünki kimdekim mendin we méning sözlirimdin nomus qilsa, Insan’oghli özining shan-sheripi ichide, uning Atisining we muqeddes perishtilerning shan-sheripi ichide qaytip kelginide uningdinmu nomus qilidu.
چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ.
27 Lékin men derheqiqet silerge shuni éytip qoyayki, bu yerde turghanlarning arisidin ölümning temini tétishtin burun jezmen Xudaning padishahliqini köridighanlar bardur.
لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
28 Bu sözlerdin texminen sekkiz kün kéyin shundaq boldiki, u Pétrus, Yuhanna we Yaqupni élip, dua qilish üchün bir taghqa chiqti.
بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى.
29 U dua qiliwatqinida, uning yüzining qiyapiti özgerdi we kiyimliri ap’aq bolup chaqmaqtek chaqnidi.
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى.
30 We mana, ikki adem peyda bolup uning bilen sözlishishiwatqanidi; ular Musa we Ilyas [peyghemberler] idi.
ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئىدى.
31 Ular parlaq jula ichide ayan bolup, uning bilen Yérusalémda ada qilidighan «dunyadin ötüp kétish»i toghrisida söhbetleshti.
ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
32 Emdi Pétrus we uning hemrahlirini xéli ügidek basqanidi; lékin ularning uyqusi toluq échilghanda ular uning shan-sheripini we uning bilen bille turghan ikki ademzatni kördi.
ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى.
33 We shundaq boldiki, bu ikkisi Eysadin ayriliwatqanda, Pétrus özining némini dewatqanliqini bilmigen halda Eysagha: — Ustaz, bu yerde bolghinimiz intayin yaxshi boldi! Birini sanga, birini Musagha, yene birini Ilyasqa atap bu yerge üch kepe yasayli, — dédi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى.
34 Lékin u bu geplerni qiliwatqanda, bir parche bulut peyda bolup ularni qapliwaldi; ular bulut ichige kirip qalghinida qorqushup ketti.
لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى.
35 Buluttin tuyuqsiz bir awaz anglinip: — Bu Méning söyümlük Oghlumdur. Uninggha qulaq sélinglar! — dédi.
بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى.
36 Awaz anglan’ghandin kéyin, qarisa, Eysa özi yalghuz qalghanidi. Ular süküt qilip qélishti we shu künlerde özliri körgen ishlardin héchqaysisini héchkimge éytmidi.
ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.
37 Etisi, ular taghdin chüshken waqtida, zor bir top kishiler uni qarshi aldi.
ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى.
38 Mana, topning arisidin bireylen warqirap: — Ustaz, ötünüp qalay, oghlumgha ichingni aghritip qarap qoyghaysen! Chünki u méning birla balam idi.
مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى.
39 Mana, uni daim bir roh tutuwélip, u özichila warqirap-jarqirap kétidighan bolup qaldi; u uning bedinini tartishturup, aghzidin aq köpük keltürüwétidu. [Jin] uni daim dégüdek qiynap, uninggha héch aram bermeydu.
مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ.
40 Men muxlisliringizdin rohni heydiwétishni ötünüwidim, biraq ular undaq qilalmidi, — dédi.
مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى.
41 Eysa jawaben: — Ey étiqadsiz we tetür dewr, siler bilen qachan’ghiche turup, silerge sewr qilay? — Oghlungni aldimgha élip kelgin — dédi.
ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى.
42 Bala téxi yolda kéliwatqanda, jin uni yiqitip, pütün bedinini tartishturdi. Eysa napak rohqa tenbih bérip, balini saqaytti we uni atisigha qayturup berdi.
بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى.
43 Hemmeylen Xudaning shereplik küch-qudritige qin-qinigha patmay teejjüplendi. Hemmisi Eysaning qilghanlirigha heyran qéliship turghanda, u muxlislirigha mundaq éytti:
ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى:
44 — Bu sözlerni qulaqliringlargha obdan singdürüp qoyunglar. Chünki Insan’oghli pat arida [satqunluqtin] insanlarning qoligha tapshurup bérilidu, — dédi.
ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
45 Biraq ular bu sözni chüshinelmidi. Buning menisi ular chüshinip yetmisun üchün ulardin yoshurulghanidi. Ular uningdin bu söz toghruluq sorashqimu pétinalmidi.
بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
46 Emdi muxlislar arisida ulardin kimning eng ulugh bolidighanliqi toghruluq talash-tartish peyda boldi.
ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى.
47 Emma Eysa ularning könglidiki oylarni körüp yétip, kichik bir balini élip yénida turghuzup,
ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ،
48 ulargha: — Kim méning namimda bu kichik balini qobul qilsa, méni qobul qilghan bolidu we kim méni qobul qilsa, méni ewetküchini qobul qilghan bolidu. Aranglarda özini eng töwen tutqini bolsa ulugh bolidu, — dédi.
ئۇلارغا: ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى.
49 Yuhanna jawaben uninggha: — Ustaz, séning naming bilen jinlarni heydewatqan birsini körduq. Lékin u biz bilen birge sanga egeshmigenliki tüpeylidin, uni tostuq, — dédi.
يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.
50 Lékin Eysa uninggha: — Uni tosmanglar. Chünki kim silerge qarshi turmisa silerni qollighanlardindur, — dédi.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى.
51 We shundaq boldiki, uning asman’gha élip kétilidighan künlirining toshushigha az qalghanda, u qet’iylik bilen yüzini Yérusalémgha bérishqa qaratti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى.
52 [Shuning üchün] u aldin elchilerni ewetti. Ular yolgha chiqip, uning kélishige teyyarliq qilish üchün Samariye ölkisidiki bir yézigha kirdi.
[شۇنىڭ ئۈچۈن] ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى.
53 Biraq u yüzini Yérusalémgha qaratqanliqi tüpeylidin yézidikiler Eysani qobul qilmidi.
بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى.
54 Uning muxlisliridin Yaqup bilen Yuhanna bu ishni körüp: — I Reb, ularni köydürüp yoqitish üchün Iliyas peyghemberdek asmandin ot yéghishini chiqirishimizni xalamsen? — dédi.
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى.
55 Lékin u burulup ularni eyiblep: «Siler qandaq rohtin bolghanliqinglarni bilmeydikensiler» — dédi.
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى.
56 Andin ular bashqa bir yézigha ötüp ketti.
ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى.
57 We shundaq boldiki, ular yolda kétiwatqanda, birsi uninggha: — I Reb, sen qeyerge barma, men sanga egiship mangimen, — dédi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى.
58 Eysa uninggha: — Tülkilerning öngkürliri, asmandiki qushlarning uwiliri bar. Biraq Insan’oghlining béshini qoyghudek yérimu yoq, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
59 U yene bashqa birsige: — Manga egeshkin! — dédi. Lékin u: — Reb, awwal bérip atamni yerlikke qoyghili ijazet bergeysen, — dédi.
ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. لېكىن ئۇ: ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
60 Lékin Eysa uninggha — Ölükler öz ölüklirini kömsun! Biraq sen bolsang, bérip Xudaning padishahliqini jakarlighin, — dédi.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى.
61 Yene birsi: — Ey Reb, men sanga egishimen, lékin awwal öyümge bérip, öydikilirim bilen xoshlishishimgha ijazet bergeysen, — dédi.
يەنە بىرسى: ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
62 — Kim qolida qoshning tutquchini tutup turup keynige qarisa, u Xudaning padishahliqigha layiq emestur, — dédi.
ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى.

< Luqa 9 >