< Luqa 5 >

1 Shundaq boldiki, u Ginnisaret kölining boyida turghanda, xalayiq Xudaning söz-kalamini anglash üchün uning etrapigha oliship qistiliship turatti.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى.
2 U köl boyida turghan ikki kémini kördi. Béliqchilar bolsa kémidin chüshüp, [qirghaqta] torlirini yuyushuwatatti.
ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، [قىرغاقتا] تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى.
3 U kémilerdin birige, yeni Simonningkige chiqip, uningdin kémini qirghaqtin sel yiraqlitishni iltimas qildi. Andin u kémide olturup top-top xalayiqqa telim berdi.
ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى.
4 Sözi tügigendin kéyin, u Simon’gha: — Kémini chongqurraq yerge heydep bérip, béliqlarni tutushqa torliringlarni sélinglar, — dédi.
سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى.
5 Simon uninggha jawaben: — Ustaz, biz pütün kéchiche japa tartip héch nerse tutalmiduq. Biraq séning sözüng bilen torni salsam salay, dédi.
سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى.
6 Ular shundaq qiliwidi, nurghun béliqlar torgha chüshti; tor sökülüshke bashlidi.
ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى.
7 Shuning bilen ular bashqa kémidiki shériklirini yardemge kélishke isharet qilishti. Ular kélip, [béliqlarni] ikki kémige liq qachiliwidi, kémiler chöküp kétey dep qaldi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، [بېلىقلارنى] ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى.
8 Simon Pétrus bu ishni körüp, Eysaning tizliri aldida yiqilip: — Mendin yiraqlashqaysen, i Reb! Chünki men gunahkarmen! — dédi.
سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى.
9 Chünki bunche köp béliq tutulghanliqidin u we uninggha hemrah bolghanlirini heyranliq basqanidi.
چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى.
10 We Simonning shérikliri — Zebediyning oghulliri Yaqup bilen Yuhannamu hem shundaq heyran qaldi. Emdi Eysa Simon’gha: — Qorqmighin, buningdin kéyin sen adem tutquchi bolisen — dédi.
ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا: ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى.
11 Ular kémilerni qirghaqqa chiqirip, hemme nersini tashlap qoyup, uninggha egiship mangdi.
ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12 Shundaq boldiki, u sheher-yézilarning biride bolghanda, mana shu yerde, pütün bedinini maxaw bésip ketken bir adem bar idi; u Eysani körüpla uning ayighigha özini étip uningdin: — Teqsir, eger sen xalisang, méni saqaytip pak qilalaysen! — dep yalwurdi.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
13 Eysa qolini sozup uninggha tegküzüp turup: — Xalaymen, paklan’ghin! — déwidi, bu ademning maxaw késili derhal uningdin ketti.
ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى.
14 Eysa uninggha: — Hazir bu ishni héchkimge éytma, belki udul bérip kahin’gha özüngni körsitip, ularda bir guwahliq bolush üchün, Musa bu ishta emr qilghandek özüngning saqaytilghining üchün bir [qurbanliqni] sun’ghin, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر [قۇربانلىقنى] سۇنغىن، ــ دېدى.
15 Lékin u toghrisidiki xewer téximu tarqilip pur ketti; shuning bilen top-top xelq uning sözini anglash we öz aghriq-késellirini saqaytishi üchün uning aldigha yighilip kéletti.
لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى.
16 Halbuki, u pat-pat ulardin chékinip chöllük yerlerge bérip dua qilatti.
ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
17 Shu künlerning biride shundaq boldiki, u telim bériwatqanda, yénida Perisiyler we Tewrat ehliliri olturatti. Ular Galiliye, Yehudiye ölkilirining herqaysi yéza-qishlaqliri we Yérusalémdin kelgenidi. Perwerdigarning késellerni saqaytish küch-qudriti uninggha yar boldi.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى.
18 Shu peytte, mana birqanche kishi zembilge yatquzulghan bir palechni kötürüp keldi. Ular uni uning aldigha ekirishke intilishti.
شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى.
19 Biraq ademlerning toliliqidin késelni ekirishke amal tapalmay, ular ögzige élip chiqip, ögzidiki kahishlarni échip, késelni öyning ichige zembilde yatqan halda xalayiqning otturisigha, Eysaning aldigha chüshürdi.
بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
20 U ularning ishenchini körüp [palechke]: — Burader, gunahliring kechürüm qilindi! — dédi.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى.
21 Tewrat ustazliri bilen Perisiyler köngülliride: — Bundaq kupurluq sözligen bu adem kimdur?! Xudadin bashqa gunahlarni kechüreleydighan kim bar? — dep oylashti.
تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.
22 Biraq Eysa ularning könglide eyib izdeshlirini bilip yétip, jawaben: — Siler könglünglarda némishqa eyib izdeysiler?
بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟
23 «Gunahliring kechürüm qilindi!» déyish asanmu yaki «Ornungdin tur, mang!» déyishmu?
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟
24 Emma hazir silerning Insan’oghlining yer yüzide gunahlarni kechürüm qilish hoquqigha ige ikenlikini bilishinglar üchün, — U palech késelge: — Sanga éytayki, ornungdin tur, ornungni yighishturup öyüngge qayt! — dep buyrudi.
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى.
25 Héliqi adem derhal ularning aldida ornidin des turup, özi yatqan zembilni élip, Xudani ulughlighiniche öyige qaytti.
ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
26 Hemmeylenni dehshetlik heyranliq basti; ular Xudani ulughliship, qorqunchqa chömgen halda: — Biz bügün tilsimat ishlarni körduq! — déyishti.
ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى.
27 Bu ishlardin kéyin, u yolgha chiqip, Lawiy isimlik bir bajgirni kördi. U baj yighidighan orunda olturatti. U uninggha: — Manga egeshkin! — dédi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
28 U ornidin turup, hemmini tashlap, uninggha egeshti.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
29 Lawiy öyide uninggha katta bir ziyapet berdi. Ular bilen zor bir top bajgirlar we bashqilarmu shu yerde hemdastixan bolghanidi.
لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى.
30 Biraq Perisiyler we ularning éqimidiki Tewrat ustazliri ghudungshup uning muxlislirigha: — Siler némishqa bajgir we gunahkarlar bilen bir dastixanda yep-ichip olturisiler?! — dep aghrinishti.
بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى.
31 Eysa ulargha jawaben: — Saghlam ademler emes, belki késel ademler téwipqa mohtajdur.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر.
32 Men heqqaniylarni emes, belki gunahkarlarni towigha chaqirghili keldim, — dédi.
مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.
33 Andin ular uningdin: — Némishqa Yehyaning muxlisliri daim roza tutup dua-tilawet qilidu, Perisiylerning muxlislirimu shundaq qilidu, lékin séning muxlisliring yep-ichipla yüridighu! — dep sorashti.
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى.
34 U ulargha: — Toyi boluwatqan yigit toyda toy méhmanliri bilen hemdastixan olturghan chaghda ularni roza tutquzalamsiler?
ئۇ ئۇلارغا: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟
35 Emma shu künler kéliduki, yigit ulardin élip kétilidu, ular shu künlerde roza tutidu.
ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ.
36 U ulargha bir temsilmu keltürdi: — Héchkim yéngi könglektin yirtip, uni kona könglekke yamaq qilmaydu. Undaq qilsa, yéngi köngleknimu yirtqan bolidu, shundaqla yéngidin alghan yamaqmu kona könglekke mas kelmeydu.
ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى: ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ.
37 Shuningdek, héchkim yéngi sharabni kona tulumlargha qachilimaydu. Undaq qilsa, yéngi sharabning [köpüshi bilen] tulumlar yérilidu-de, sharabmu tökülüp kétidu; tulumlarmu kardin chiqidu.
شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ [كۆپۈشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ.
38 Shunga yéngi sharab yéngi tulumlargha qachilinish kérek, shundaqta ikkilisi saqlinip qalidu.
شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
39 Uning üstige, héchkim kona sharabtin kéyin yéngisini ichishni xalimaydu, chünki u: «Boldi, konisi yaxshi!» deydu.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ: «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ.

< Luqa 5 >