< Luqa 21 >

1 U béshini kötürüp qariwidi, baylarning öz sediqilirini [ibadetxanidiki] iane sanduqigha tashlighinini kördi.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى [ئىبادەتخانىدىكى] ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى.
2 U yene sanduqqa ikki tiyinni tashlawatqan bir namrat tul ayalnimu kördi.
ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى.
3 Shuning bilen u: — Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, bu namrat tul ayalning tashlighini hemmeylenningkidin köptur.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر.
4 Chünki ularning hemmisi özlirining ashqanliridin iane qilip, Xudagha atighan sadiqilerge qoshup tashlidi; lékin bu ayal namratliqigha qarimay, özining tirikchilik qilidighinining hemmisini iane qilip tashlidi.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى.
5 We beziler ibadetxanining nepis tashlar we Xudagha sunulghan hediyeler bilen qandaq bézelgenliki toghrisida sözlishiwatatti. U:
ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ:
6 — Siler körüwatqan bu barliq nersilerge nisbeten, shu künler kéliduki, hetta bir tal tashmu tash üstide qaldurulmay, hemmisi gumran qilinidu, — dédi.
ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى.
7 Ular uningdin: — Ustaz, bu dégenliring qachan yüz béridu? Bu ishlarning yüz béridighanliqini ayan qilidighan qandaq alamet bolidu? — dep soridi.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8 U mundaq dédi: — Azdurulup kétishtin hézi bolunglar. Chünki tola kishiler méning namimni sétip: «Mana özüm shudurmen!» we «Ashu waqit yéqinlashti!» deydu. Shunga ularning keynige kirmenglar.
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.
9 Siler urush we topilanglarning xewirini anglighan waqtinglardimu wehimige chüshmenglar; chünki bu ishlarning awwal yüz bérishi muqerrer. Lékin bular, zaman axiri yétip keldi, dégenlik emes.
سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
10 Andin u yene mundaq dédi: — Bir millet yene bir millet bilen urushqa chiqidu, bir padishahliq yene bir padishahliq bilen urushqa chiqidu.
ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ.
11 Jay-jaylarda shiddetlik yer tewreshler, acharchiliqlar we wabalar bolidu, [yer yüzide] wehshetler we asmanda heywetlik alametler körünidu.
جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.
12 Biraq bu herbir weqeler yüz bérishtin ilgiri, kishiler silerge qol sélip tutqun qilidu we silerge ziyankeshlik qilip, silerni sinagoglarning soraqlirigha tapshuridu, zindanlargha tashlaydu; ular méning namim tüpeylidin silerni padishah we hökümdarlarning aldigha élip baridu,
بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ،
13 we buning bilen [ularning aldida] guwahliq bérish pursitinglar chiqidu.
ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ.
14 Uning üchün erzge qandaq jawab bérish toghrisida aldin’ala héch oylanmasliqqa qelbinglarda qet’iy niyet qilinglar.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار.
15 Chünki men silerge barliq düshmenliringlar reddiye we ret qilalmighudek pasahetlik til we danishmenlik ata qilimen.
چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.
16 Hetta ata-ana, aka-uka, uruq-tughqan we yar-buraderliringlarmu silerge xainliq qilip tutup béridu we ular aranglardiki beziliringlarni öltüridu.
ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
17 Siler méning namim tüpeylidin hemme ademning nepritige uchraysiler.
سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر.
18 Halbuki, béshinglardiki bir tal chachmu halak bolmaydu!
ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ!
19 Sewr-chidamliq bolghininglarda, jéninglargha ige bolalaysiler.
سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.
20 — Lékin Yérusalémning [düshmen] qoshunliri teripidin qorshiwélin’ghanliqini körgininglarda, uning weyran bolush waqti yéqinliship qaptu, dep bilinglar.
ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار.
21 U chaghda Yehudiye ölkiside turuwatqanlar taghlargha qachsun, sheher ichide turuwatqanlar uningdin chiqip ketsun, yézilarda turuwatqanlar sheherge kirmisun.
ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن.
22 Chünki shu chagh «intiqam jazasini tartidighan künler»dur; shuning bilen [muqeddes yazmilarda] barliq pütülgenler emelge ashurulidu.
چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
23 Emdi shu künlerde hamilidar ayallar we bala émitidighanlarning haligha way! Chünki bu zéminda éghir qischiliq bolidu we [ershtiki] ghezep bu xelqning béshigha chüshidu;
ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛
24 Ular qilichning bisida yiqitilidu we tutqun qilinip, barliq ellerge élip kétilidu; «yat ellerning waqti» toshquche, Yérusalém yat ellerning ayagh astida qalidu.
ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.
25 — Quyash, ay, yultuzlardimu alametler bolidu; yer yüzidiki eller arisida déngiz-okyanlarning güldürlishidin we dolqunlarning dawalghushliridin parakendichilik bolidu.
ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ.
26 Ademler qorqup, yer yüzige kélidighan apetlerni wehime ichide kütüp es-hoshini yoqitidu; chünki asmandiki küchler lerzige kélidu.
ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ.
27 Andin kishiler Insan’oghlining küch-qudret we ulugh shan-sherep bilen bir bulut ichide kéliwatqanliqini köridu.
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
28 Lékin bu alametler körünüshke bashlighanda, qeddinglarni ruslap béshinglarni kötürünglar, chünki bu silerni azad qilishtiki nijat yéqinlashti, dégenliktur.
لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.
29 U ulargha mundaq bir temsilni sözlep berdi: — Enjür derixi we bashqa barliq derexlerge qaranglar.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار.
30 Ularning yéngidin bixlan’ghanda ulargha qarap, özünglar yazning yétip kélishige az qalghanliqini bilisiler.
ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.
31 Shuningdek, baya déyilgen alametlerning yüz bériwatqanliqini körgininglarda, Xudaning padishahliqining yéqin qalghalnliqini bilinglar.
شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار.
32 Men silerge berheq shuni éytip qoyayki, bu alametlerning hemmisi emelge ashurulmay turup, bu dewr ötmeydu.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ.
33 Asman-zémin yoqilidu, biraq méning sözlirim hergiz yoqalmaydu.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
34 — Lékin özünglargha agah bolunglarki, köngülliringlar eysh-ishret, meyxorluq we tirikchilikning ghem-endishiliri bilen bixudlashmisun, shu küni üstünglargha tuyuqsiz chüshmisun.
ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن.
35 Chünki u goya tuzaqtek barliq yer yüzide herbir turuwatqanlarning béshigha chüshidu.
چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
36 Shunga herqandaq waqitlarda hoshyar bolunglar, yüz bérish aldida turuwatqan bu ishlardin özünglarni qachurup Insan’oghli aldida hazir bolup turushqa layiq hésablinish üchün herdaim dua qilinglar, — dédi.
شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى.
37 Emdi u kündüzliri ibadetxanida telim béretti, axshamliri sheherdin chiqip, kéchini Zeytun téghi dep atalghan taghda ötküzetti.
ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى.
38 We barliq xelq uning telimini anglighili tang seherde ibadetxanigha kirip, uning yénigha kéletti.
ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى.

< Luqa 21 >