< Yuhanna 7 >

1 Bu ishlardin kéyin, Eysa Galiliyede aylinip yürdi. U Yehudiyede aylinip yürüshni xalimaytti, chünki [shu yerdiki] Yehudiylar uninggha qest qilmaqchi idi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى [شۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى.
2 Bu chaghda, Yehudiylarning «kepiler héyti»gha az qalghanidi.
بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى.
3 Shunga Eysaning iniliri uninggha: — Mushu yerdin ayrilip Yehudiyege barghin, shuning bilen muxlisliringmu [karamet] emelliringni köreleydu!
شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ [كارامەت] ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!
4 Chünki özini xelq-alemge tonutmaqchi bolghan héchkim yoshurun jayda ish qilmaydu. Bu emellerni qiliwatqanikensen, özüngni dunyagha körset! — déyishti.
چۈنكى ئۆزىنى خەلق-ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى.
5 Chünki uning inilirimu uninggha étiqad qilmighanidi.
چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
6 Shunga Eysa ulargha: — Méning waqit-saitim téxi kelmidi. Lékin silerge nisbeten herwaqit munasiptur.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.
7 Bu dunyadiki kishiler silerge hergiz öch bolmaydu; lékin méni öch köridu. Chünki men ularning qilmishlirini rezil dep guwahliq bériwatimen.
بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.
8 Siler bu héytqa bériwéringlar. Men bu héytqa barmaymen, chünki méning waqit-saitim téxi yétip kelmidi, — dédi.
سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.
9 Eysa bu sözlerni qilip, Galiliyede qaldi.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى.
10 Eysaning iniliri héytqa chiqqandin kéyin, u özimu uninggha bardi. Emma ashkara emes, yoshurun bardi.
ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
11 Héytta Yehudiylar uni izdep: «U qeyerdidur?» dep sorawatatti.
ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.
12 Kishiler arisida uning toghrisida köp ghulghula boldi. Beziler uni: «Yaxshi adem!» dése, yene beziler: «Yaq, u xalayiqni azduruwatidu!» déyishti.
كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.
13 Biraq Yehudiy [chongliridin] qorqup, héchkim ochuq-ashkare uning gépini qilmaytti.
بىراق يەھۇدىي [چوڭلىرىدىن] قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.
14 Héytning yérimi ötkende, Eysa ibadetxana hoylilirigha kirip xelqqe telim bérishke bashlidi.
ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
15 Yehudiylar: — Bu adem héchqandaq telim almighan turuqluq, uning qandaqmu munche köp bilimi bolsun? — dep hang-tang qélishti.
يەھۇدىيلار: ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.
16 Eysa ulargha: — Bu telimler méning emes, belki méni Ewetküchiningkidur.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر.
17 Uning iradisige emel qilishqa öz iradisini baghlighan herkim bu telim toghruluq — uning Xudadin kelgenlikini yaki özlükümdin éytiwatqanliqimni bilidu.
ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.
18 Öz aldigha sözligen kishi öz shan-sheripini izdeydu, lékin özini ewetküchining shan-sheripini izdeydighan kishi heq-sadiqtur, uningda heqqaniysizliq yoqtur.
ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر.
19 Musa [peyghember] silerge Tewrat qanunini tapshurghan emesmu? Lékin héchqaysinglar bu qanun’gha emel qilmaywatisiler! Némishqa méni öltürmekchi bolisiler? — dédi.
مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى.
20 Köpchilik: — Sanga jin chaplishiptu! Séni öltürmekchi bolghan kim iken? — déyishti.
كۆپچىلىك: ــ ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ ــ دېيىشتى.
21 Eysa ulargha mundaq jawab berdi: — Men bir karametni yaritishim bilen hemminglar hang-tang qélishtinglar.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار.
22 — Emdi Musa [peyghember] silerge xetne qilish toghruluq emr qaldurghan (emeliyette bolsa xetne qilish Musa peyghemberdin emes, ata-bowilardin qalghan), shunga siler shabat künige [toghra kélip qalsimu] shu künide ademning xetnisini qiliwérisiler.
ــ ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە [توغرا كېلىپ قالسىمۇ] شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.
23 Emdi Tewrat qanunigha xilapliq qilinmisun dep shabat künide adem xetne qilin’ghan yerde, men shabat künide bir ademni sellimaza saqaytsam, siler néme dep manga achchiqlinisiler?
ئەمدى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنمىسۇن دەپ شابات كۈنىدە ئادەم خەتنە قىلىنغان يەردە، مەن شابات كۈنىدە بىر ئادەمنى سەللىمازا ساقايتسام، سىلەر نېمە دەپ ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟
24 Sirtqi qiyapetke qarap höküm qilmanglar, belki heqqaniy höküm qilinglar!
سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار!
25 U waqitta Yérusalémliqlarning beziliri: — [Chonglar] öltürmekchi bolghan kishi bu emesmidi?
ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: ــ [چوڭلار] ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشى بۇ ئەمەسمىدى؟
26 Ashkara sözlewatsimu, uninggha qarshi héch nerse démidighu! Derweqe, aqsaqallarning uning Mesih ikenlikini bilip yetkenmu?
ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمىدىغۇ! دەرۋەقە، ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنمۇ؟
27 Halbuki, bu ademning qeyerdin kelgenlikini biz éniq bilimiz. Lékin Mesih kelgende, uning qeyerdin kelgenlikini héchkim bilmestighu, — déyishti.
ھالبۇكى، بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز. لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.
28 Shunga Eysa ibadetxana hoylisida telim bériwétip, yuqiri awaz bilen mundaq dédi: — Siler méni tonuymiz hemde méning qeyerdin kelgenlikimnimu bilimiz, [dewatisiler]?! Biraq men özlükümdin emes, men méni Ewetküchidin [keldim], U heqtur; biraq siler Uni tonumaysiler.
شۇڭا ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، [دەۋاتىسىلەر]؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن [كەلدىم]، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر.
29 Men Uni tonuymen. Chünki men Uning yénidin keldim, méni U ewetti.
مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.
30 Shunga ular uni tutush yolini izdeytti, lékin héchkim uninggha qol salmidi; chünki uning waqit-saiti téxi yétip kelmigenidi.
شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.
31 Lékin xalayiq arisidiki nurghun kishiler uninggha étiqad qildi. Ular: «Mesih kelgende bu kishi körsetken möjizilik alametlerdin artuq [möjize] yaritalarmu?!» déyishti.
لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق [مۆجىزە] يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى.
32 Perisiyler xalayiqning u toghruluq ghulghula boluwatqan bu gep-sözlirini anglidi; shuning bilen Perisiyler bilen bash kahinlar uni tutush üchün birnechche qarawullarni ewetti.
پەرىسىيلەر خالايىقنىڭ ئۇ توغرۇلۇق غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن باش كاھىنلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بىرنەچچە قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى.
33 Shuning bilen Eysa: — Yene bir’az waqit siler bilen bille bolimen, andin méni Ewetküchining yénigha kétimen.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا: ــ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن، ئاندىن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن.
34 Méni izdeysiler, lékin tapalmaysiler. Men baridighan yerge baralmaysiler, — dédi.
مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، ــ دېدى.
35 Buning bilen, Yehudiylar bir-birige: — U biz tapalmighudek qeyerlerge barar? Grékler arisidiki tarqaq Yehudiy muhajirlarning yénigha bérip, gréklargha telim béremdighandu?
بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟
36 «Méni izdeysiler, lékin tapalmaysiler. Men baridighan yerge baralmaysiler» dégini némisidu? — déyishti.
«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
37 Héytning axirqi hem eng katta küni, Eysa ornidin turup, yuqiri awaz bilen: — Kimdekim ussisa, méning yénimgha kélip ichsun!
ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!
38 Manga étiqad qilghuchi kishining xuddi muqeddes yazmilarda éytilghinidek, ich-baghridin hayatliq süyining deryaliri éqip chiqidu! — dep jakarlidi
ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى
39 (u bu sözni özige étiqad qilghanlargha ata qilinidighan Muqeddes Rohqa qarita éytqanidi. [Xudaning] Rohi téxi héchkimge ata qilinmighanmidi, chünki Eysa téxi shan-sheripige kirmigenidi).
(ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. [خۇدانىڭ] روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى).
40 Xalayiq ichide beziler bu sözni anglap: — [Kélishi muqerrer bolghan] peyghember heqiqeten mushu iken! — déyishti.
خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ [كېلىشى مۇقەررەر بولغان] پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن! ــ دېيىشتى.
41 Beziler: «Bu Mesih iken!» déyishetti. Yene beziler bolsa: «Yaq, Mesih Galiliyedin kélettimu?
بەزىلەر: «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟
42 Muqeddes yazmilarda, Mesih [padishah] Dawutning neslidin hem Dawutning yurti Beyt-Lehem yézisidin kélidu, déyilmigenmidi?» — déyishti.
مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى.
43 Buning bilen, xalayiq uning wejidin ikkige bölünüp ketti.
بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
44 Beziliri uni tutayli dégen bolsimu, lékin héchkim uninggha qol salmidi.
بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.
45 Qarawullar [ibadetxanidin] bash kahinlar bilen Perisiylerning yénigha qaytip kelgende, ular qarawullargha: — Néme üchün uni tutup kelmidinglar? — dep sorashti.
قاراۋۇللار [ئىبادەتخانىدىن] باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا: ــ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ ــ دەپ سوراشتى.
46 Qarawullar: — Héchkim héchqachan bu ademdek sözligen emes! — dep jawab bérishti.
قاراۋۇللار: ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
47 Perisiyler ulargha jawaben: — Silermu azduruldunglarmu?
پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلدۇڭلارمۇ؟
48 Aqsaqallardin yaki Perisiylerdin uninggha étiqad qilghanlar bolghanmu?!
ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟!
49 Lékin Tewrat qanunini bilmeydighan bu chüprendiler lenetke qalidu! — déyishti.
لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى.
50 Ularning arisidin biri, yeni burun axshamda Eysaning aldigha kelgen Nikodim ulargha:
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا:
51 — Tewrat qanunimiz awwal kishining néme qilghinini özidin anglap bilmey turup, uninggha höküm chiqiramdu!
ــ تەۋرات قانۇنىمىز ئاۋۋال كىشىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرامدۇ!
52 Ular jawab qilip: — Senmu Galiliyedinmu? [Muqeddes yazmilarni] kör, qétirqinip oqup baq, Galiliyedin héchqandaq peyghember chiqmaydu! — dédi.
ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلارنى] كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى.
53 Shuning bilen [ularning] herbiri öz öyige ketti.
شۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ] ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى.

< Yuhanna 7 >