< Yuhanna 21 >

1 Bu ishlardin kéyin, Eysa Tibériyas déngizining boyida muxlislirigha yene bir qétim köründi. Uning bu qétimqi körünüshi mundaq boldi:
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى:
2 Simon Pétrus, «qoshkézek» dep atalghan Tomas, Galiliyediki Kanaliq Nataniyel, Zebediyning oghulliri we bashqa ikki muxlis bille idi.
سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى.
3 Simon Pétrus: Men béliq tutqili barimen, — dédi. Köpchilik: Bizmu sen bilen bille barimiz, — déyishti. Ular tashqirigha chiqip, kémige olturdi, lékin shu bir kéche héchnerse tutalmidi.
سىمون پېترۇس: مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، ــ دېدى. كۆپچىلىك: بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، ــ دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى.
4 Tang atay déginide, Eysa qirghaqta turatti, biraq muxlislar uning Eysa ikenlikini bilmidi.
تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.
5 Shunga Eysa: — Balilar, silerde yégüdek bir nerse yoqqu? — dep soridi. — Yoq, — dep jawab berdi ular.
شۇڭا ئەيسا: ــ بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
6 Eysa ulargha — Torni kémining ong teripige tashlanglar, shundaq qilsanglar tutisiler, — dédi. Shuning bilen ular torni [shu yaqqa] tashlap, shundaq köp béliq tuttiki, hetta torni tartip chiqiralmay qaldi.
ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى [شۇ ياققا] تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.
7 Eysa söygen muxlis Pétrusqa: — Bu Rebqu! — dédi. Simon Pétrus uning Eysa ikenlikini anglap, tonini özige yögep (chünki [bélining asti] yalingach idi) özini déngizgha tashlidi.
ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى.
8 Qirghaqtin anche yiraq emes bolup, texminen ikki yüz gez yiraqliqta bolghachqa, qalghan muxlislar béliq bilen tolghan torni tartip kichik kémisi bilen qirghaqqa keldi.
قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى.
9 Ular qirghaqqa chiqqanda, shaxardin yéqilghan, üstide béliq qoyuqluq gülxanni we nanni kördi.
ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى.
10 Eysa: — Emdi tutqan béliqinglardin ekélinglar, — dédi.
ئەيسا: ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى.
11 Simon Pétrus [kémige] chiqip, torni qirghaqqa tartip chiqardi. Tor chong béliqlar bilen tolghan bolup, jemiy bir yüz ellik üch béliq bar idi. Béliq shunche köp bolghini bilen, tor yirtilmighanidi.
سىمون پېترۇس [كېمىگە] چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى.
12 Eysa: — Kélinglar, nashta qilinglar, — dédi. Muxlislarning ichidin héchkim uningdin: — Sen kim bolisen? — dep sorashqa pétinalmidi. Chünki ular uning Reb ikenlikini bildi.
ئەيسا: ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى.
13 Eysa nanni ekilip ulargha berdi hem béliqlarnimu shundaq qildi.
ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
14 Mana bu Eysaning ölgendin kéyin tirilip, özini muxlislirigha üchinchi qétim ayan qilishi idi.
مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى.
15 Ular nashta qilghandin kéyin, Eysa Simon Pétrustin: — Yunusning oghli Simon, sen méni bulardinmu chongqur söyemsen? — dep soridi. — Shundaq Reb, méning séni söyidighanliqimni sen bilisen! — dédi Pétrus. Eysa uninggha: Undaqta, qozilirimni otlitip baq! — dédi.
ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.
16 U ikkinchi qétim yene uningdin: — Yunusning oghli Simon, méni söyemsen? — dep soridi. Pétrus yene: — Shundaq, Reb, méning séni söyidighanliqimni bilisen, — dédi. Eysa uninggha: — Undaqta, qoylirimni baq, — dédi.
ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.
17 Üchinchi qétim uningdin yene: — Yunusning oghli Simon, méni söyemsen? — dep soridi. Pétrus Eysaning üchinchi qétim özidin: «Méni söyemsen?» dep sorighanliqigha köngli yérim bolup: — Reb, sen hemmini bilisen, séni söyidighanliqimnimu bilisen, — dédi. Eysa uninggha: — Undaqta, qoylirimni otlat.
ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.
18 Berheq, berheq, sanga shuni éytip qoyayki, yash waqtingda bélingni özüng baghlap, qeyerge baray déseng shu yerge mangatting; lékin yashan’ghanda, qolliringni uzitisen we bashqa birsi séni baghlap, sen xalimaydighan yerge élip kétidu, — dédi.
بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى.
19 Eysa bu sözni Pétrusning qandaq ölüsh arqiliq Xudagha shan-sherep keltüridighanliqini éniq bildürüsh üchün éytti. Andin, uninggha yene: — Manga egeshküchi bolghin, — dédi.
ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
20 Pétrus keynige burulup, Eysa söyidighan muxlisning egiship kéliwatqanliqini kördi (bu muxlis kechlik tamaqta Eysaning quchiqigha yölinip: «I Reb, séni tutup béridighan kimdu?» dep sorighan muxlis idi).
پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى).
21 Pétrus uni körüp, Eysadin: — I Reb, bu adem kéyin qandaq bolar? — dep soridi.
پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن: ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى.
22 Eysa uninggha: — Eger men qayta kelgüche uning turup qélishini xalisammu, séning buning bilen néme karing?! Manga egeshküchi bolghin, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
23 Buning bilen qérindashlar arisida «Héliqi muxlis ölmeydu» dégen gep tarqaldi. Lékin Eysa Pétrusqa: «U ölmeydu» démigenidi, belki peqet: «Eger men qayta kelgüche uning turup qélishini xalisammu, séning buning bilen néme karing?!» dégenidi.
بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.
24 Bu ishlargha guwahliq bergüchi hemde bu ishlarni xatiriligüchi ene shu muxlistur. Uning guwahliqining heqiqet ikenlikini bilimiz.
بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
25 Eysa bulardin bashqa nurghun ishlarnimu qilghanidi; eger ularning hemmisi bir-birlep yézilghan bolsa, méningche yézilghan kitablar pütkül alemning özige sighmaytti!
ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى!

< Yuhanna 21 >