< Yuhanna 15 >

1 — «Heqiqiy üzüm téli» özümdurmen, Atam bolsa baghwendur.
ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر.
2 Baghwen mendiki méwe bermeydighan herbir shaxni késip tashlaydu. Méwe bergenlirini bolsa téximu köp méwe bersun dep, pak qilip putap turidu.
باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ.
3 Emdi siler men silerge yetküzgen sözüm arqiliq alliburun pak boldunglar.
ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار.
4 Siler mende izchil turunglar, menmu silerde izchil turimen. Shax talda turmay, özi méwe bérelmeydighinidek, silermu mende izchil turmisanglar, méwe bérelmeysiler.
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.
5 «Üzüm téli» özümdurmen, siler bolsanglar shaxliridursiler. Kim mende izchil tursa, menmu shundaqla uningda turghinimda, u köp méwe béridu. Chünki mensiz héchnémini qilalmaysiler.
«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر.
6 Birsi mende turmisa, u [kéreksiz] shaxtek tashlinip, qurup kétidu. Bundaq shaxlar yighip kélinip otqa tashlinidu.
بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
7 Siler mende izchil tursanglar we sözlirim silerde izchil tursa, némini telep qilsanglar, silerge shu ijabet bolidu.
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.
8 Silerning köp méwi bérishinglar, shundaqla méning muxlislirim ikenlikinglarni ispatlishinglar bilen shan-sherep Atamgha keltürülidu.
سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.
9 Atam méni söyginidek, menmu silerni söydüm; méning méhir-muhebbitimde izchil turunglar.
ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار.
10 Eger emrlirimni tutsanglar, xuddi men Atamning emrlirini tutqan we hemishe uning méhir-muhebbitide turghinimdek, silermu hemishe méning méhir-muhebbitimde turisiler.
ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.
11 Méning xushalliqim silerde bolsun we shuningdek xushalliqinglar tolup tashsun dep, men bularni silerge éyttim.
مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
12 Méning emrim shuki, men silerni söyginimdek, silermu bir-biringlarni söyünglar.
مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
13 Insanlarning öz dostliri üchün jénini pida qilishtin chongqur méhir-muhebbiti yoqtur.
ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر.
14 Silerge buyrughan emrlirimni ada qilsanglar, méning dostlirim bolisiler.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
15 Emdi mundin kéyin men silerni «qul» dep atimaymen. Chünki qul xojayinining néme qiliwatqinini bilmeydu. Uning ornigha silerni «dost» dep atidim, chünki Atamdin anglighanlirimning hemmisini silerge yetküzdüm.
ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.
16 Siler méni tallighininglar yoq, eksiche men silerni tallidim we silerni bérip méwe bersun hemde méwiliringlar daim saqlansun, méning namim bilen Atidin néme tilisenglar, u silerge bersun dep silerni tiklidim.
سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم.
17 Silerge shuni emr qilimenki, bir-biringlarni söyünglar.
سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
18 Bu dunyadikiler silerdin nepretlense, silerdin awwal mendin nepretlen’genlikini bilinglar.
بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار.
19 Silermu bu dunyadikilerdin bolghan bolsanglar, bu dunyadikiler silerni özimizningki dep, söygen bolatti. Biraq siler bu dunyadin bolmighachqa, belki men silerni bu dunyadin ayrip tallighanliqim üchün, emdi bu dunyadikiler silerdin nepretlinidu.
سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
20 Men silerge éytqan sözni ésinglarda tutunglar: «Qul xojayinidin üstün turmaydu». Ular manga ziyankeshlik qilghan bolsa, silergimu ziyankeshlik qilidu. Méning sözümni tutqan bolsa, ular silerningkinimu tutidu.
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.
21 Biraq méning namim tüpeylidin ular silergimu shu ishlarning hemmisini qilidu, chünki ular méni Ewetküchini tonumaydu.
بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.
22 Eger men kélip ulargha söz qilmighan bolsam, ularda gunah yoq dep hésablinatti. Lékin hazir gunahi üchün ularning héch bahanisi yoqtur.
ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر.
23 Kimdekim mendin nepretlense Atamdinmu nepretlen’gen bolidu.
كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ.
24 Men ularning arisida bashqa héchkim qilip baqmighan emellerni qilmighan bolsam, ularda gunah yoq dep hésablinatti. Lékin ular hazir [emellirimni] körgen turuqluq, yenila hem mendin hem Atamdin nepretlendi.
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر [ئەمەللىرىمنى] كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى.
25 Lékin bu ishlar ulargha tewe bolghan Tewrat qanunida: «Héchqandaq sewebsizla mendin nepretlendi» dep pütülgen söz emelge ashurulushi üchün shundaq yüz berdi.
لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى.
26 Lékin men silerge Atining yénidin ewetidighan Yardemchi, yeni Atining yénidin chiqquchi Heqiqetning Rohi kelgende, U manga guwahliq béridu.
لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
27 Silermu manga guwahliq bérisiler, chünki siler bashtin tartip men bilen bille boldunglar.
سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.

< Yuhanna 15 >