< Yeremiya 9 >

1 Ah, méning béshim suning béshi, Közüm yashning buliqi bolsiidi! Undaqta xelqimning qizi arisidiki öltürülgenler üchün kéche-kündüz yighlayttim!
ئاھ، مېنىڭ بېشىم سۇنىڭ بېشى، كۆزۈم ياشنىڭ بۇلىقى بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنىڭ قىزى ئارىسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يىغلايتتىم!
2 Ah, men üchün chöl-bayawanda yoluchilar chüshkidek bir turalghu bolsiidi! Undaqta xelqimni tashlap, ulardin ayrilghan bolattim! Chünki ularning hemmisi zinaxorlar, Munapiqlarning bir jamaitidur!»
ئاھ، مەن ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا يولۇچىلار چۈشكىدەك بىر تۇرالغۇ بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنى تاشلاپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان بولاتتىم! چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار، مۇناپىقلارنىڭ بىر جامائىتىدۇر!»
3 — Ular oqyachi leshkerler oqyayini égildürgendek tilini yalghanchiliqqa égildürüshke teyyarlighan; ular zéminda üstünlük qazan’ghan, biraq bu semimiylik bilen bolghan emes; ular rezillik üstige rezillik qilghan, Méni héch tonup bilmigen» — deydu Perwerdigar.
ــ ئۇلار ئوقياچى لەشكەرلەر ئوقيايىنى ئېگىلدۈرگەندەك تىلىنى يالغانچىلىققا ئېگىلدۈرۈشكە تەييارلىغان؛ ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس؛ ئۇلار رەزىللىك ئۈستىگە رەزىللىك قىلغان، مېنى ھېچ تونۇپ بىلمىگەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4 — Herbiringlar öz yéqininglardin hézi bolunglar, qérindashliringlargha héch tayanmanglar; chünki herbir qérindash peqetla aldighuchi, xalas, herbir yéqinliring bolsa töhmetxorluqta yürmekte.
ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلاردىن ھېزى بولۇڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارغا ھېچ تايانماڭلار؛ چۈنكى ھەربىر قېرىنداش پەقەتلا ئالدىغۇچى، خالاس، ھەربىر يېقىنلىرىڭ بولسا تۆھمەتخورلۇقتا يۈرمەكتە.
5 Ular herbiri öz yéqinlirigha aldamchiliq qilmaqta, héchkim heqiqetni sözlimeydu; ular öz tilini yalghan sözleshke ögitidu, ular qebihlikte özlirini upritidu.
ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ.
6 Ular jebir-zulum üstige jebir-zulum qilmaqta, aldamchiliqtin yene bir aldamchiliqqa ötmekte; ular Méni tonushni ret qilidu, — deydu Perwerdigar.
ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
7 Shunga samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar mundaq deydu: — Mana, Men ularni éritip tawlap sinaymen; xelqimning qizining rezillikige Manga bashqa yol qalmidimu?
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاپ سىنايمەن؛ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ رەزىللىكىگە ماڭا باشقا يول قالمىدىمۇ؟
8 Ularning tili ejel oqidur; u aldamchiliqni sözleydu; herbir éghiz sözide yéqini bilen tinch-amanliqni sözleydu, lékin könglide qiltaq teyyarlaydu.
ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ.
9 Bu ishlar tüpeylidin ularni jazalimay qoyamdim? — deydu Perwerdigar, — Méning jénim mushundaq bir eldin qisas almay qoyamdu?
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟
10 «Taghlardiki yaylaqlar üchün yigha we nale-peryad kötürimen, Daladiki otlaqlar üchün mersiye oquymen; Chünki ular köyüp kettiki, héchkim u yerdin ötmeydu; Kalilarning hörkireshliri anglanmaydu; Hem asmandiki uchar-qanatlar hem haywanatlarmu qéchip, Shu yerdin ketti!».
«تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، شۇ يەردىن كەتتى!».
11 — Men Yérusalémni xarablashqan top-top döwe, chilbörilerning bir turalghusi qilimen; Yehuda sheherlirini adem turmaydighan derijide wayrane qilimen.
ــ مەن يېرۇسالېمنى خارابلاشقان توپ-توپ دۆۋە، چىلبۆرىلەرنىڭ بىر تۇرالغۇسى قىلىمەن؛ يەھۇدا شەھەرلىرىنى ئادەم تۇرمايدىغان دەرىجىدە ۋايرانە قىلىمەن.
12 — Kim bu ishlarni chüshinishke danishmen bolidu? Kim Perwerdigarning aghzidin söz élip bularni chüshendüreleydu? Némishqa zémin weyrane, héchkim ötmigüdek, köyüp chöl-bayawandek bolup ketti?
ــ كىم بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە دانىشمەن بولىدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئېلىپ بۇلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ نېمىشقا زېمىن ۋەيرانە، ھېچكىم ئۆتمىگۈدەك، كۆيۈپ چۆل-باياۋاندەك بولۇپ كەتتى؟
13 Perwerdigar deydu, — Chünki ular Men ular aldigha qoyghan Tewrat-qanunni tashliwetken, Méning awazimgha qulaq salmighan we uningda mangmighan,
پەرۋەردىگار دەيدۇ، ــ چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان،
14 Belki öz qelbidiki jahilliqqa egeshken, ata-bowiliri ulargha ögetkendek Baallarning keynige egiship ketken,
بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن،
15 Shunga samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar, Israilning Xudasi mundaq deydu: — Mana, Men bu xelqqe kekrini yégüzimen, ulargha öt süyini ichküzimen,
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلققە كەكرىنى يېگۈزىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن،
16 ularni ular yaki ata-bowiliri ilgiri héch tonumaydighan eller arisigha tarqitimen; Men ularni yoqatquche ularning keynidin qoghlashqa qilichni ewetimen.
ئۇلارنى ئۇلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى ھېچ تونۇمايدىغان ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا قىلىچنى ئەۋەتىمەن.
17 Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Perwerdigar mundaq deydu: — Köngül qoyunglar, matemchi ayallarni kélishke chaqiringlar, yighlashqa eng usta bolghan qiz-ayallarni chaqirip kélishke adem ewetinglar!
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار!
18 — Berheq, ular téz kelsun, biz üchün zor yigha kötürsunki, bizning közlirimizdinmu yashlar taramlap tökülsun, chanaqlirimizdinmu yash tamchiliri aqsun —
ــ بەرھەق، ئۇلار تېز كەلسۇن، بىز ئۈچۈن زور يىغا كۆتۈرسۇنكى، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىنمۇ ياشلار تاراملاپ تۆكۈلسۇن، چاناقلىرىمىزدىنمۇ ياش تامچىلىرى ئاقسۇن ــ
19 chünki Ziondin yigha awazi anglinip: — «Biz qanchilik bulang-talang qilinduq! Qanchilik shermende bolduq! Ular turalghulirimizni örüwetti, biz zéminimizni tashliduq!» — déyilidu.
چۈنكى زىئوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ: ــ «بىز قانچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق! قانچىلىك شەرمەندە بولدۇق! ئۇلار تۇرالغۇلىرىمىزنى ئۆرۈۋەتتى، بىز زېمىنىمىزنى تاشلىدۇق!» ــ دېيىلىدۇ.
20 Perwerdigarning sözini anglanglar, i ayallar, Uning aghzidiki sözge qulaq sélinglar; Qizinglargha yighlashni ögitinglar, Herbiringlar yéqininglargha mersiye oqutunglar;
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛
21 Chünki ölüm bolsa dérizilirimizdin yamiship kirgen, Orda-istihkamlirimizghimu kirgen; U balilarni kochilardin, Yigitlerni reste-meydanlardin yulup tashlighan.
چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان.
22 [Yéqinliringlargha] uqturup: «Perwerdigar mundaq deydu: — Berheq, jesetler dalada tézektek yiqilidu; Ular ormichining orghiqining astigha yiqilghan, Lékin héchkim yighmaydighan bashaqtek yerge chéchilidu!» — denglar!
[يېقىنلىرىڭلارغا] ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار!
23 Perwerdigar mundaq deydu: — Dana kishi danaliqi bilen, küchlük kishi küchlükliki bilen, bay bayliqliri bilen pexirlinip maxtanmisun;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دانا كىشى دانالىقى بىلەن، كۈچلۈك كىشى كۈچلۈكلىكى بىلەن، باي بايلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ماختانمىسۇن؛
24 pexirlinip maxtighuchi bolsa shuningdin, yeni Méni, yer yüzide méhir-muhebbet, adalet we heqqaniyliqni yürgüzgüchi Men Perwerdigarni tonup yetkenlikidin pexirlinip maxtansun; chünki Méning xursenlikim del mushu ishlardindur, — deydu Perwerdigar.
پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
25 Mana, shundaq künler kéliduki, — deydu Perwerdigar, — Men xetne qilmighanlarni xetne qilin’ghanlar bilen bille jazalaymen;
مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەتنە قىلمىغانلارنى خەتنە قىلىنغانلار بىلەن بىللە جازالايمەن؛
26 yeni Misir, Yehuda, Édom, Ammoniylar we Moabiylar, jümlidin chöl-bayawanda turuwatqan, chéke chachlirini chüshürüwetken ellerni jazalaymen; chünki bu ellerning hemmisi xetnisizdur; Israilning barliq jemetimu könglide xetnisizdur.
يەنى مىسىر، يەھۇدا، ئېدوم، ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار، جۈملىدىن چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان، چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر.

< Yeremiya 9 >