< Yaqup 1 >

1 Xudaning we Rebbimiz Eysa Mesihning quli bolghan menki Yaquptin tarqaq turuwatqan muhajir on ikki qebilige salam!
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام!
2 I qérindashlirim, herqandaq sinaqlargha duch kelsenglar, buni zor xushalliq dep bilinglar.
ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار.
3 Chünki silerge melumki, bundaq étiqadinglarning sinilishi silerde sewr-chidamliq shekillendüridu;
چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛
4 sewr-chidamliqning xisliti qelbinglarda turup shundaq piship yétilsunki, shuning bilen siler pishqan, mukemmel we kem-kutisiz bolisiler.
سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر.
5 Biraq eger aranglardiki birsi danaliqqa mohtaj bolsa, hemmige séxiyliq bilen béridighan shundaqla eyiblimeydighan Xudadin tilisun. Shuning bilen uninggha choqum ata qilinidu.
بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.
6 Biraq u héch délighul bolmay ishench bilen tilisun; chünki délighul kishi xuddi shamalda urulup uyan-buyan yelpün’gen déngiz dolqunigha oxshaydu.
بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ.
7 Undaq kishi Rebdin birer nersige érishimen, dep héch xiyal qilmisun;
ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛
8 undaqlar üjme köngül bolup, barliq yollirida tutami yoq ademdur.
ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر.
9 Namrat bolghan qérindash özining yuqirigha kötürülgenlikige tentene qilsun; bay bolghan qérindash bolsa, özining töwen qilin’ghanliqigha tentene qilsun, chünki u ot-chöplerning chéchekliridek tozup kétidu.
نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ.
11 Quyash chiqip qizighanda, ot-chöplerni qurutidu, gülliri tozup kétidu-de, uning güzelliki yoqilidu; bay ademler xuddi shuninggha oxshash, öz helekchilikide yoqilidu.
قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ.
12 Sinaqlargha [sewrchanliq bilen] berdashliq bergen kishi neqeder bextlik-he! Chünki u sinaqtin ötkendin kéyin, [Xuda] Özini söygenlerge wede qilghan hayat tajigha muyesser bolidu.
سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
13 Adem azdurulushqa duch kelgende «Xuda méni azduruwatidu» démisun. Chünki Xuda yaman ishlar bilen azdurulushi mumkin emes hem bashqilarni azdurmaydu.
ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.
14 Belki birsi azdurulghanda, öz hewes-nepsi qozghilip, ularning keynige kirgen bolidu;
بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛
15 andin hewes-neps hamilidar bolup gunahni tughidu; gunah ösüp yétilip, ölümge élip baridu.
ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
16 Shunga söyümlük qérindashlirim, aldinip qalmanglar!
شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار!
17 Barliq yüksek séxiyliq we herbir mukemmel iltipat yuqiridin, yeni [asmandiki] [barliq] yoruqluqlarning Atisidin chüshüp kélidu; Uningda héchqandaq özgirish bolmaydu yaki Uningda «aylinish» bilen hasil bolidighan kölenggilermu bolmaydu.
بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.
18 U bizni [Özi yaratqan barliq] mewjudatlarning ichide Özige deslep pishqan méwidek bolsun dep, Öz iradisi boyiche bizni heqiqetning söz-kalami arqiliq tughdurdi.
ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى.
19 Shuning bilen, i söyümlük qérindashlirim, her adem anglashqa téz teyyar tursun, sözleshke aldirimisun, ghezeplinishke aldirmisun.
شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن.
20 Chünki insanning ghezipi Xudaning heqqaniyliqini élip kelmeydu.
چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ.
21 Shuning üchün, barliq iplasliqlarni we qininglargha patmaywatqan rezillikni tashlanglar, [qelbinglarda] yiltiz tartquzulghan, silerni qutquzalaydighan söz-kalamni kemterlik-möminlik bilen qobul qilinglar.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار.
22 Emma öz-özünglarni aldap peqet söz-kalamni anglighuchilardin bolmanglar, belki uni ijra qilghuchilardin bolunglar.
ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.
23 Chünki birsi söz-kalamni anglap qoyupla, uni ijra qilmisa, u xuddi eynekte özining eyni qiyapitige qarap qoyup, kétip qalghan kishige oxshaydu; chünki u öz turqigha qarap bolup, chiqipla, shu haman özining qandaq ikenlikini untuydu.
چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ.
25 Lékin ashu kishilerni erkinlikke érishtüridighan mukemmel qanun’gha estayidilliq bilen dawamliq qarap, untughaq anglighuchi bolmay, belki uning ichide yashap ijra qilghuchi bolghan kishi ishlirida bextlik qilinidu.
لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.
26 Birsi özini ixlasmen ademmen dep hésablighan, lékin tilini tizginlimigen bolsa, özini özi aldaydu; bundaq kishining ixlasmenliki bihudiliktur.
بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر.
27 Xuda’Atimizning neziridiki pak we daghsiz ixlasmenlik shuki, qiyinchiliqta qalghan yétim-yésir, tul xotunlarni yoqlap, ulargha ghemxorluq qilish we özini bu dunyaning bulghishidin daghsiz saqlashtur.
خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر.

< Yaqup 1 >