< Rosullarning paaliyetliri 8 >

1 Istipanning öltürülüshini Saulmu qollaytti. Shu kündin bashlap, Yérusalémdiki jamaetke qaritilghan dehshetlik ziyankeshlik qozghaldi. Rosullardin bashqa barliq jamaettikiler Yehudiye we Samariyening herqaysi yurtlirigha tarqilip kétishti.
ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.
2 Bezi ixlasmen kishiler Istipanni depne qilip, uninggha qattiq yigha-zarlarni kötürüshti.
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى.
3 Lékin Saul jamaetke weyranchiliq sélip, öymu-öy axturup, er-ayalgha qarimay ularni sörep chiqip zindan’gha tashlidi.
لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى.
4 Emdi tarqilip ketkenler tarqalghan yurtlarda kézip söz-kalamning xush xewirini jakarlidi.
ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى.
5 Ularning ichidin Filip bolsa Samariyening melum bir shehirige bérip, yerlik kishilerge Mesihni jakarlidi.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى.
6 Top-top kishiler uni anglap hemde u körsetken möjizilik alametlerni körüp, bir jan bir dili bilen uning sözlirige qulaq saldi.
توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى.
7 Chünki napak rohlar bolsa, chaplishiwalghan kishilerdin qattiq warqirighiniche chiqip ketti. Nurghun palech, tokurlarmu saqaytildi;
چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛
8 zor shad-xuramliq shu sheherni qaplidi.
زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى.
9 U sheherde esli jaduger-séhirgerlik bilen shughulliniwatqan Simon isimlik bir adem bar idi; u shu yol bilen pütkül Samariyedikilerni hang-tang qaldurup, özini qaltis zat körsetmekchi bolup kelgenidi.
ئۇ شەھەردە ئەسلى جادۇگەر-سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يول بىلەن پۈتكۈل سامارىيەدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس زات كۆرسەتمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى.
10 Péqirdin tartip ambalghiche ularning hemmisi uninggha ixlas qilip qaraytti we «Xudaning ulugh küch-qudriti mana shu!» déyishetti.
پېقىردىن تارتىپ ئامبالغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىپ قارايتتى ۋە «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ!» دېيىشەتتى.
11 Xalayiq uninggha shundaq ixlas qilishi uning uzundin béri jaduger-séhirgerliki bilen ularni hang-tang qaldurup kelgenliki tüpeylidin idi.
خالايىق ئۇنىڭغا شۇنداق ئىخلاس قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى جادۇگەر-سېھىرگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى.
12 Lékin emdi Filip Xudaning padishahliqi we Eysa Mesihning nami toghrisidiki xush xewerni jakarlighinida ular uning sözlirige ishendi we erler bolsun, ayallar bolsun chömüldürüshni qobul qildi.
لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
13 Simon özimu ishendi. U chömüldürülgen bolup, hemishe Filipning yénida yürdi hemde [Filip] körsitiwatqan möjizilik alametler we qudretlik ishlargha qarap, intayin heyran boldi.
سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.
14 Yérusalémdiki rosullar Samariyeliklerning Xudaning sözini qobul qilghanliqini anglap, Pétrus bilen Yuhannani ulargha ewetti;
يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛
15 ikkiylen u yerge chüshüshi bilenla, ularni Muqeddes Rohning ata qilin’ghuchisi bolsun dep dua qildi.
ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى.
16 Chünki Muqeddes Roh téxi ularning héchqaysisigha chüshmigenidi; ular peqet Reb Eysaning nami bilen chömüldürülgenidi.
چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى.
17 Pétrus bilen Yuhanna ularning üstige qolini tegküzüshi bilen, Muqeddes Roh ulargha ata qilindi.
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى.
18 Lékin Simon Muqeddes Rohning rosullarning qolini tegküzüp qoyushi bilen ata qilin’ghanliqini körüp, ulargha pul tenglep:
لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ:
19 — Bu küch-qudrettin mangimu béringlarki, menmu herkimning üstige qollirimni tegküzsem, uninggha Muqeddes Roh ata qilinsun, — dédi.
ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى.
20 Lékin Pétrus uninggha mundaq jawab berdi: — Xudaning bu iltipatini pulgha sétiwalghili bolidu, dep oylighining üchün, pulung sen bilen teng halaketke barsun!
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن!
21 Séning bu ishta héch hesseng yaki nésiweng yoqtur! Chünki séning niyiting Xuda aldida durus emes!
سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس!
22 Shunga, bu rezillikingdin towa qilip, Rebtin, mumkin bolsa könglümdiki bu niyitim kechürüm qilin’ghay, dep ötün!
شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن!
23 Chünki séning achchiq hesetke tolup, heqqaniysizliqning asaritida ikenliking manga melum.
چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم.
24 Simon ulargha: — Men üchün Rebdin ötününglarki, siler éytqan ishlardin héchbiri béshimgha kelmigey! — dédi.
سىمون ئۇلارغا: ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى.
25 Pétrus bilen Yuhanna yene shu yerde agah-guwahliq bérip Rebning söz-kalamini yetküzgendin kéyin, Samariyening nurghun yéza-kentlirige bérip xush xewer yetküzgech, Yérusalémgha qaytip ketti.
پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
26 Shu waqitta, Xudaning bir perishtisi Filipqa: — Ornungdin turup jenubqa qarap Yérusalémdin Gaza shehirige mangidighan yol bilen mang! — dédi (shu yol chöldiki yoldur).
شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر).
27 Shunga Filip ornidin turup yolgha chiqti. We mana, yolda Éfiopiye ayal padishahi Kandasning bir emeldari, pütkül xezinige mes’ul Éfiopiyelik aghwat wezir turatti. U Yérusalémgha Xudagha ibadet qilghili barghanidi; hazir qaytish yolida özining jeng harwisida olturup, Yeshaya peyghemberning yazmisini oquwatatti.
شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى.
29 Roh Filipqa: — Bu harwining yénigha bérip uninggha yéqinlashqin, — dédi.
روھ فىلىپقا: ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى.
30 Filip yügürüp bérip, [wezirning] Yeshaya peyghemberning yazmisidin oquwatqanlirini anglap, uningdin: — Oquwatqiningizni chüshiniwatamsiz? — dep soridi.
فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، [ۋەزىرنىڭ] يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى.
31 Wezir uninggha: — Biri manga chüshendürüp bermise, men qandaqmu chüshineleymen?! — dep, Filipni harwisigha chiqip yénida olturushqa ötündi.
ۋەزىر ئۇنىڭغا: ــ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! ــ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئۆتۈندى.
32 U oquwatqan yazma qismi bolsa: «U goya boghuzlashqa yétilep méngilghan qoydek boghuzlashqa élip méngildi, Qirqighuchi aldida ün-tinsiz yatqan qozidek, u zadila éghiz achmidi.
ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.
33 U xorlinidu, u heq soraqtin mehrum boldi, Emdi uning ewladini kimmu bayan qilalisun?! Chünki hayati yer yüzidin élip kétildi».
ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».
34 Aghwat Filiptin: — Dep bersingiz, peyghemberning bu sözi kimge qaritip éytilghan? Özigimu yaki bashqa birsigimu? — dep soridi.
ئاغۋات فىلىپتىن: ــ دەپ بەرسىڭىز، پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقا بىرسىگىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
35 Filip aghzini échip shu yazmining shu qismidin bashlap, uninggha Eysa toghrisidiki xush xewerni jakarlap berdi.
فىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ شۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى.
36 Ular yolda kétiwétip, su bar bir yerge kelgende, aghwat: — Mana bu yerde su bar iken. [Mushu yerdila] chömüldürülüshümge qandaq tosalghu bar? — dédi.
ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى.
38 U harwini toxtitishni buyrudi. Filip we aghwat ikkisi bille sugha chüshüp, uni chömüldürdi.
ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى.
39 Ular sudin chiqqanda, Rebning Rohi Filipni kötürüp élip ketti. Aghwat uni qayta körmidi, emma u shadlinip yolini dawamlashturdi.
ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى.
40 Filip bolsa Ashdod shehiride peyda boldi; u shu yurtni kézip, shu yerdin Qeyseriye shehirige kelgüche bolghan hemme sheherlerde xush xewer jakarlidi.
فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى.

< Rosullarning paaliyetliri 8 >