< Rosullarning paaliyetliri 6 >

1 Shu künlerde, muxlislarning sani barghanséri köpiyip, grékche sözleydighan Yehudiylar yerlik ibraniy qérindashlargha: — Kündilik ozuq-tülük teqsim qilinishta arimizdiki tul ayallar étibargha élinmidi, dep naraziliq bildürüshti.
شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
2 Shunga, on ikkiylen pütkül muxlislarni chaqirip yighip, ulargha mundaq dédi: — Bizning Xudaning söz-kalamini yetküzüsh xizmitini tashlap qoyup, ozuq-tülük teqsim qilish bilen bolup kétishimiz toghra bolmaydu.
شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بىزنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ.
3 Shuning üchün, i qérindashlar, aranglardiki nam-abruyi bar, Muqeddes Rohqa we danaliqqa tolghan yette kishini ilghap tallanglar, we biz ularni bu ishqa mes’ul qilimiz.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز.
4 Biz bolsaq, özimizni dua qilish we söz-kalamning xizmitide bolushqa béghishlaymiz.
بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز.
5 Bu meslihet xalayiqning hemmisini xush qildi. Shuning bilen ular iman-ishenchke we rohqa tolghan Istipan isimlik bir ademni tallidi, we yene Filip, Prokorus, Nikanor, Timon, Parménas hemde burun Tewrat étiqadigha kirgen Antakyaliq Nikolasni tallap,
بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ،
6 ularni rosullarning aldigha élip chiqti. Rosullar ularning [bu xizmetni qilishi üchün] qollirini ularning üstige tegküzüp turup, dua qilishti.
ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ [بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن] قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى.
7 We Xudaning söz-kalami dawamliq tarqaldi; Yérusalémdiki muxlislarning sanimu barghanséri zor derijide köpeydi. Nurghun kahinlarmu [Mesih] étiqadigha itaet qilishqa kirishiwatatti.
ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى.
8 We Istipan [Xudaning] méhir-shepqiti we küch-qudritige tolghan bolup, xelq ichide karametler we zor möjizilik alametlerni körsetti.
ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.
9 Biraq «Qulluqtin chiqqan hörler» dep atalghan sinagogtiki beziler, yeni Kurini we Iskenderiye sheherliri we Kilikiye hem Asiya ölkiliridin kelgen bezi [Yehudiylar] Istipan’gha qarshi chiqip, uning bilen munazire qilishqa bashlidi.
بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى [يەھۇدىيلار] ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.
10 Lékin ular u söz qilghanda uningda bolghan danaliq we rohqa taqabil turushqa amalsiz qaldi.
لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
11 Buning bilen ular bezi ademlerning aghzini maylap: — Biz bu ademning Musa we Xudagha qarita kupurluq sözligenlikini angliduq, — dégenni ularning aghzigha saldi.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى.
12 Ular mushundaq qilip xalayiqni, aqsaqallarni we Tewrat ustazlirini qutratti; andin Istipanning aldini tosup uni tutqun qilip, aliy kéngeshmige élip bardi.
ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى.
13 Ular saxta guwahchilarni otturigha chiqirip mundaq dégüzdi: — Bu adem bu muqeddes jaygha we Tewrat qanunigha qarshi sözlerni qilishtin toxtimaydu.
ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ.
14 Chünki biz uning héliqi Nasaretlik Eysa toghruluq: «U bu jayni weyran qilidu we Musa peyghember bizge tapshurghan en’eniwi qaide-yosunlirimizni özgertidu!» dégenlikini angliduq.
چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
15 Kéngeshmide olturghanlarning hemmisi Istipan’gha köz tikip qarighinida, uning chirayining perishtiningkidek parqiraq ikenlikini kördi.
كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى.

< Rosullarning paaliyetliri 6 >