< Rosullarning paaliyetliri 24 >

1 Besh kündin kéyin, bash kahin Ananiyas aqsaqallardin birnechcheylen we Tertullus isimlik bir adwokat bilen Qeyseriyege chüshüp, Pawlus toghrisidiki resmiy shikayetlirini waliygha sundi.
بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى.
2 Pawlus chaqirtilip, Tertullus uning üstidin shikayet qilip mundaq dédi: — Hörmetlik Féliks janabliri! Biz özlirining qol astilirida her tereptin aman-ésenlikke nésip bolup kelmektimiz we aldin körerlikliri bilen xelqimiz arisida dana islahatlar barliqqa keltürülmekte, biz bu ishlardin her waqit, her jayda toluq minnetdarliq bilen behriman boluwatimiz.
پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز ۋە ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز.
3
4 Biraq öz waqitlirini köp élip qoymasliqim üchün, shepqetliri bilen sözimizni qisqila anglashlirini ötünüp soraymen.
بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
5 Chünki biz shuni tonup yettuqki, bu adem balaxor bolup, pütkül jahandiki Yehudiylar arisida majira-topilang peyda qilishni küshkürtküchi, shundaqla «Nasaretlikler» dep atalghan mezhepning kattiwashliridin biridur.
چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.
6 U bizning ibadetxanimiznimu bulghimaqchi bolghanidi. Shunga, biz uni tutuwalduq we uni öz qanunimiz boyiche sotlayttuq. Lékin mingbéshi Lisiyas esheddiy zorluq bilen uni qollirimizdin tartiwaldi we uninggha erz qilghuchilarni özlirining aldigha kélishke buyrughanidi.
ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى.
7
8 Uni soraq qilip körsile, bizning uninggha qilghan erzlirimizning toghriliqini bilip yétidila!
ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا!
9 Sorunda bolghan Yehudiylarmu uning éytqanlirigha qoshulup: Rast, rast, dep shikayetni kücheytti.
سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى.
10 Waliy Pawlusqa söz qilghin dep qol isharitini qilghanda, u mundaq dédi: — Men silining uzun yillardin béri bu xelqni sorap kelgenliklirini bilgechke, xatirjemlik bilen aldilirida özüm toghramda jawab bérimen.
ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن.
11 Asanla bileleydiliki, men Yérusalémgha ibadet qilishqa barghinimdin hazirghiche peqet on ikki künla ötti.
ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى.
12 Ular méning ibadetxanida birer adem bilen munazirileshkinimni körmigen, yaki sinagoglarda yaki sheherde ammini topilanggha qutratqanliqimnimu héch körmidi.
ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى.
13 Ular yene hazir janablirigha méning üstümdin qilghan shikayetlirige héch ispatmu keltürelmeydu.
ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ.
14 Biraq silige shuni étirap qilimenki, men ular «mezhep» dep atighan yol bilen méngip, Tewratta we peyghemberlerning yazmilirida pütülgenlerningmu hemmisige ishinip, ata-bowilirimning Xudasigha ibadet qilimen.
بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن.
15 Méning Xudagha baghlighan ümidim barki (bu kishilermu bu ümidni tutidu), kelgüside hem heqqaniylarning hem heqqaniysizlarning ölümdin tirilishi bolidu.
مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ.
16 Shu sewebtin, özüm hemishe Xuda aldidimu, insanlar aldidimu pak wijdanliq bolushqa intilimen.
شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن.
17 Men [Yérusalémdin] ayrilghili xéli yillar bolghan bolup, bu qétim u yerge öz xelqimge xeyr-sediqe yetküzüp bergili we Xuda aldigha hediye sun’ghili barghanidim.
مەن [يېرۇسالېمدىن] ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم.
18 Men bu ishlarda boluwatattim, beziler méni tazilinish qaidisini ada qilip bolghan chaghda ibadetxana hoylisida uchratti; lékin men etrapimgha adem toplighinimmu yoq, malimanchiliq chiqarghinimmu yoq.
مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق.
19 Emeliyette méni uchratqanlar bolsa Asiya ölkisidin kelgen bezi Yehudiylar idi; ularning üstümdin shikayetliri bar bolsa, esli ular özliri kélip, silining aldilirida erz qilishqa toghra kéletti.
ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
20 Bolmisa, mushu sorundikiler aliy kéngeshme aldida turghinimda, méningdin qandaq jinayet tapqanliqini éytip baqsun!
بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن!
21 Peqet mundaq bir ish bolghanidi: — Men ularning aldida, «Bügünki künde ölgenlerning qayta tirilishi toghruluq silerning soriqinglargha tartilghanmen!» dep warqirighanidim.
پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم.
22 [Rebning] yoli toghruluq tepsiliy xewiri bar bolghan Féliks soraqni toxtitip, ulargha: — Mingbéshi Lisiyas kelgende dewayinglar toghrisidiki hökümni chiqirimen, — dédi.
[رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى.
23 U yüzbéshigha Pawlusni nezerbend astigha élip, emma uninggha bir’az kengchilik qilip, dost-buraderlirining herqaysisining uning hajetliridin chiqishini tosmighin, dep buyrudi.
ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى.
24 Birnechche kündin kéyin, waliy Féliks ayali Drusila bilen bille keldi (Drusila Yehudiy idi). U Pawlusni chaqirtip, uningdin Mesih Eysagha étiqad qilish yoli toghruluq anglidi.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى.
25 Pawlus heqqaniy yashash, özini tutuwélish, qiyamet künidiki soal-soraq qilinishlar toghrisida sözlewatqanda, Féliks wehimige chüshüp uninggha: — Hazirche qaytip tursang bolidu. Kéyin manga peyt kelgende, yene chaqirtimen, — dédi.
پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى.
26 U shuning bilen bir waqitta Pawlusning para bérishini ümid qilatti. Shuning üchün, uni imkanqeder pat-pat chaqirtip, uning bilen sözlishetti.
ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى.
27 Lékin ikki yil toshqanda, Féliksning ornigha Porkiyus Féstus waliy boldi. Féliks Yehudiylargha iltipat körsitip ularning könglini élish üchün Pawlusni solaqta qaldurdi.
لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.

< Rosullarning paaliyetliri 24 >