< Rosullarning paaliyetliri 21 >

1 Andin biz ulardin ajrilip chiqqandin kéyin, kéme bilen udul Qos ariligha qarap yol alduq. Etisi, Rodos ariligha, u yerdin Patara shehirige barduq.
ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق.
2 Patarada Fenikiye rayonigha baridighan bir kémini tépip, uninggha olturup yolgha chiqtuq.
پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق.
3 Siprus arili körün’gendin kéyin, uni sol teripimizde qaldurup ötüp, Suriyege qarap méngip, Tur shehiride quruqluqqa chiqtuq. Chünki kéme bu yerde yük chüshürmekchi idi.
سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى.
4 U yerde muxlislarni tépip, ularning yénida yette kün turduq. Ulargha Muqeddes Rohning wehiyisi kélip, ular Pawlusqa ayighing Yérusalémgha basmisun, dep nesihet qildi.
ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى.
5 Biraq biz u yerde turush waqtimiz toshqanda, sepirimizni dawamlashturduq. Ularning hemmisi, jümlidin xotun-baliliri bizni sheherning sirtighiche uzitip chiqti. Hemmimiz déngiz boyida tizlinip olturup bille dua qilduq.
بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق.
6 Quchaqliship xoshlashqandin kéyin, biz kémige chiqtuq, ular öylirige qaytishti.
قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
7 Tur shehiridin déngiz sepirimizni dawamlashturup, axirida Pitolimays shehirige kelduq. U yerdiki qérindashlar bilen körüshüp, ularning yénida bir kün turduq.
تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق.
8 Etisi, u yerdin ayrilip, Qeyseriye shehirige kelduq. Biz burun [Yérusalémdiki] «yette xizmetkar»din biri bolghan, xush xewerchi Filipning öyige bérip qonduq.
ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن [يېرۇسالېمدىكى] «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق.
9 Bu kishining téxi yatliq qilinmighan, bésharet-wehiylerni yetküzidighan töt qizi bar idi.
بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى.
10 Biz u yerde birnechche kün turghandin kéyin, Agabus isimlik bir peyghember Yehudiye ölkisidin chüshti.
بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى.
11 Bu kishi bizning aldimizgha kélip, Pawlusning belwéghini qoligha élip, özining put-qolini baghlap: — Muqeddes Roh mundaq deydu: — Yehudiylar bu belwaghning igisini Yérusalémda mushundaq baghlap, yat elliklerning qoligha tapshuridu! — dédi.
بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى.
12 Bularni anglap, hem biz hem shu yerlik kishiler bilen birlikte Pawlustin Yérusalémgha barmighin dep ötünduq.
بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق.
13 Lékin Pawlus jawaben: — Siler némishqa bunchiwala yighlap, yürikimni ézisiler? Men Yérusalémda Reb Eysaning nami üchün tutqun bolushla emes, shu yerde ölüshkimu teyyarmen, — dédi.
لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى.
14 Biz uni qayil qilalmay, axirida süküt qilip: — Rebning iradisi ada qilinsun! — déduq.
بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق.
15 Bu künlerdin kéyin, yük-taqimizni yighishturup, Yérusalémgha chiqip barduq.
بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق.
16 Qeyseriyelik muxlislardin birnechchisi biz bilen seperdash boldi; ular Minason isimlik bir kishining öyide qonimiz dep uni birge élip mangdi; bu kishi Siprusluq, qéri muxlis idi.
قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى.
17 Yérusalémgha yetkende qérindashlar bizni xushalliq bilen qarshi aldi.
يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
18 Etisi, Pawlus biz bilen bille Yaqupni körgili bardi. Yaqup bilen aqsaqallarning hemmisi u yerge yighilghanidi.
ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى.
19 Pawlus ular bilen salamlashqandin kéyin, Xudaning özining xizmiti arqiliq eller arisida qilghan ishlirini bir-birlep ulargha tepsiliy éytip berdi.
پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى.
20 Bularni anglighanda, ular Xudagha medhiye oqudi, andin Pawlusqa: — Körüwatisen, i qérindishim, Yehudiylar ichide qanche minglighan étiqad qilghuchilar bar! Ularning hemmisi Tewrat qanunigha [emel qilishqa] intayin qizghin iken.
بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا: ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا [ئەمەل قىلىشقا] ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن.
21 Ular séning toghrangda: «U ellerning arisida yashighan pütün Yehudiylargha Musa [peyghemberge] tapshurulghinidin yénishni, yeni balilirini xetne qildurmasliqni, Yehudiylarning en’enilirige riaye qilmasliqni ögitidu» dep anglidi.
ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى.
22 Emdi qandaq qilish kérek? Chünki xalayiq choqum séning bu yerge kelgenlikingni anglap qalidu.
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ.
23 Shunga bizning déginimizdek qilghin: Arimizda qesem ichken töt adem bar.
شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار.
24 Sen ularni élip, ular bilen birlikte [Tewrattiki] tazilinish qaidisidin ötüp, ularning [qurbanliq] chiqimlirini özüng kötürgin, andin ular chachlirini chüshüreleydu. Buning bilen, hemmeylen sen toghruluq anglighanlirining hemmisining rast emeslikini we séning özüng Tewratqa tertipi boyiche riaye qiliwatliqingni bilip yétidu.
سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە [تەۋراتتىكى] تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ [قۇربانلىق] چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ.
25 Emma ellerdin bolghan étiqadchilargha kelsek, biz ulargha peqetla butlargha atalghan nersilerni yémeslik, qanni we boghup soyulghan haywanning göshinimu yéyishtin we jinsiy buzuqluqtin özlirini saqlash toghruluq qararimizni ötkenki xet arqiliq uqturduq.
ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق.
26 Buning bilen, Pawlus u kishilerni élip, etisi özi ular bilen bille tazilinish qaidisini ötküzüshti; andin u ibadetxanigha kirip, [kahinlargha] özlirining paklinish mudditining qachan toshudighanliqi, yeni herqaysisi üchün qurbanliq qilinishning qaysi küni bolidighanliqini uqturup qoydi.
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، [كاھىنلارغا] ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.
27 Yette künlük muddet toshushqa az qalghanda, Asiya ölkisidin kelgen bezi Yehudiylar Pawlusni ibadetxanida körüp, xalayiqni qutritip, uninggha qol sélip:
يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ:
28 — Ey Israillar, yardemde bolunglar! Hemme yerdila, hemme ademge xelqimizge, Tewrat qanunigha we ibadetxanigha qarshi sözlerni ögitiwatqan adem del shu. Uning üstige, u yene Gréklerni ibadetxanimizgha bashlap kirip, bu muqeddes jayni bulghidi! — dep chuqan kötürdi
ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى
29 (ularning bundaq déyishining sewebi, eslide ular sheherde Efesusluq Trofimusning Pawlus bilen bille bolghanliqini körgenidi we Pawlus uni ibadetxanigha bashlap kirgen, dep oylighanidi).
(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى).
30 Shuning bilen, pütün sheher zilzilige keldi. Xalayiq terep-tereptin yügürüp kélip, Pawlusni tutup, ibadetxanidin sörep élip chiqti. Ibadetxanining derwaziliri derhal taqiwétildi.
شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى.
31 Bu top adem Pawlusni [urup] öltürüwetmekchi bolup turghanda, pütkül Yérusalémni malimanchliq qaplap ketkenliki toghrisidiki bir xewer u yerde turushluq [Rim] qismining mingbéshigha yetküzüldi.
بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى.
32 Mingbéshi derhal leshker we birnechche yüzbéshini élip, top-top ademlerni basturushqa yügürüp keldi. Mingbéshi we eskerlerni körgen xalayiq Pawlusni urushtin toxtidi.
مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى.
33 Mingbéshi aldigha ötüp, leshkerlerni Pawlusni tutup ikki zenjir bilen baghlashqa buyrudi. Andin u: — Bu adem kim? U néme gunah qildi? — dep soridi.
مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ: ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى.
34 Lékin [topilangchilarning] ichide beziler uni dése, beziler buni déyiship warqirishatti. Malimanchiliq tüpeylidin mingbéshi heqiqiy ehwalni éniqlashqa amalsiz qélip, axir Pawlusni qel’ege élip kétishni buyrudi.
لېكىن [توپىلاڭچىلارنىڭ] ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى.
35 Lékin Pawlus qel’ening pelempiyige kelgende, topilangchilar téximu zorawanliship ketkechke, leshkerler uni kötürüshke mejbur boldi.
لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
36 Chünki ularning keynidin top-top ademler egiship méngip: — U yoqitilsun! — dep warqirishatti.
چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ: ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
37 Kelege ekirilishige az qalghanda, Pawlus mingbéshigha: — Sizge bir éghiz söz qilsam bolamdikin? — dep soridi. Mingbéshi: — Grékche bilemsen?
قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا: ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟
38 Undaqta, ilgiri isyan kötürüp, «xenjerchi qatillar»din töt ming ademni bashlap chölge qéchip ketken héliqi Misirliq emesmusen? — dep soridi.
ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
39 Lékin Pawlus: — Men Yehudiy, Kilikiye ölkisidiki ulugh sheher Tarsusning puqrasimen. Xalayiqqa birnechche éghiz söz qilishimgha ijazet qilishingizni ötünimen, — dédi.
لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
40 [Mingbéshi] ijazet bériwidi, Pawlus pelempeyde turup, xalayiqqa qol ishariti qildi. Qattiq jimjitliq basqanda, u ibraniy tilida sözleshke bashlap: —
[مىڭبېشى] ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ

< Rosullarning paaliyetliri 21 >