< Rosullarning paaliyetliri 13 >

1 Antakyadiki jamaet ichide bezi peyghemberler we telim bergüchiler bar idi. Ular Barnabas, «Qara» depmu atilidighan Shiméon, Kurinilik Lukius, Hérod xan bilen bille chong bolghan Manaen we Saullar idi.
ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى.
2 Ular Rebning ibaditide bolup roza tutuwatqan bir mezgilde, Muqeddes Roh ulargha: — Barnabas bilen Saulni Men ularni qilishqa chaqirghan xizmet üchün Manga ayrip qoyunglar, — dédi.
ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
3 Shuning bilen, ular yene roza tutup dua qilghandin kéyin, ikkiylenning üstige qollirini tegküzüp uzitip qoydi.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
4 Ular Muqeddes Roh teripidin ewetilgen bolup, Selyukiye shehirige bérip, u yerdin kémige chiqip Siprus ariligha qarap yolgha chiqti.
ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.
5 Salamis shehirige yétip kélip, ular Yehudiylarning sinagoglirida Xudaning söz-kalamini yetküzüshke bashlidi. Yuhanna ularning yardemchisi idi.
سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.
6 Ular pütün aralni arilap chiqip, Pafos shehirige keldi. Ular u yerde Baryeshua isimlik bir kishi bilen uchriship qaldi. U séhirger bolup, saxta peyghember bolghan bir Yehudiy idi.
ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى.
7 U kishi bu [aralning] rimliq waliyisi Sérgiyus Pawlusning hemrahi idi. Waliy uqumushluq bir kishi bolup, Barnabas bilen Saulni chaqirtip, Xudaning söz-kalamini anglimaqchi boldi.
ئۇ كىشى بۇ [ئارالنىڭ] رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى.
8 Lékin héliqi séhirger (uning grékche ismi Elimas bolup, «séhirger» dégen menide) ulargha qarshi chiqip, waliyning rayini étiqadtin qayturushni urunmaqta idi.
لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى.
9 Biraq Muqeddes Rohqa toldurulghan Saul (yene «Pawlus» depmu atilidu) héliqi séhirgerge tikilip qarap
بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ
10 uninggha: — Ey, qelbing herxil hiyligerlik we aldamchiliq bilen tolghan Iblisning oghli, hemme heqqaniyliqning düshmini! Perwerdigarning tüz yollirini burmilashni zadi toxtatmamsen?!
ئۇنىڭغا: ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!
11 Emdi Rebning qoli üstüngge chüshti! Közliring kor bolup, bir mezgil künning yoruqini körelmeysen! — dédi. Shuan, bir xil tuman we qarangghuluq uni basti. U yolni silashturup, kishilerdin méni qolumdin yétilenglar, dep iltija qilatti.
ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى. شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى.
12 Yüz bergen ishni körgen waliy Rebning telimige qattiq heyran bolup, Uninggha étiqad qildi.
يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
13 Pawlus bilen uning hemrahliri kémige chiqip, Pafostin Pamfiliye ölkisidiki Perge shehirige bardi. U yerde Yuhanna ulardin ayrilip Yérusalémgha qaytti.
پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.
14 Pawluslar bolsa Perge shehiridin chiqip, dawamliq méngip Pisidiye rayonidiki Antakya shehirige bérip, shabat küni sinagogqa kirdi.
پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى.
15 Tewrat qisimliridin we peyghemberlerning yazmiliridin oqulghandin kéyin, sinagogning chongliri ularni chaqirtip: — Qérindashlar, eger xalayiqqa birer nesihet sözünglar bolsa, éytinglar, — dédi.
تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
16 Pawlus ornidin turup, qol ishiriti qilip, xalayiqqa mundaq dédi: — Ey Israillar we Xudadin qorqqanlar, qulaq sélinglar!
پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار!
17 Bu Israil xelqining Xudasi ata-bowilirimizni tallidi; ular Misirda musapir bolup yashighan waqitlarda ularni ulugh qildi, Özining égiz kötürgen biliki bilen ularni Misirdin qutquzup chiqti.
بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
18 U chölde ulargha texminen qiriq yil ghemxorluq qildi
ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى
19 andin Qanaan zéminidiki yette elni yoqitip, ularning zéminlirini ulargha miras qilip berdi.
ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى.
20 Bu ishlargha aldi-keyni bolup texminen töt yüz ellik yil ketti. Kéyin, taki Samuil peyghember otturigha chiqqiche, u ulargha batur hakimlarni tiklep berdi.
بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى.
21 Andin ular bizge bir padishahni bersiken, dep [Samuil peyghemberdin] tilidi. Shuning bilen Xuda ulargha Binyamin qebilisidin Kish isimlik ademning oghli Saulni tiklep berdi. U qiriq yil höküm sürdi.
ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ [سامۇئىل پەيغەمبەردىن] تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى.
22 Biraq [Xuda] Saulni seltenitidin chüshürüp, ulargha Dawutni padishah qilip turghuzup berdi. Xuda uning heqqide guwahliq bérip: «Könglümdikidek bir ademni, yeni Yessening oghli Dawutni taptim. U Méning toluq irademge emel qilidu», — dédi.
بىراق [خۇدا] سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى.
23 Özi wede qilghandek Xuda bu ademning neslidin Israil xelqige bir Qutquzghuchi tiklep berdi — u bolsa Eysaning özidur!
ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر!
24 U xelqning otturisigha chiqishtin alwwal, Yehya [peyghember] chiqip, barliq Israil xelqini towa qilishni [bildüridighan] chömüldürüshni qobul qilinglar, dep jakarlidi.
ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا [پەيغەمبەر] چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى [بىلدۈرىدىغان] چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى.
25 Yehya [peyghember] wezipini tamamlighanda, xalayiqqa mundaq dégenidi: «Siler méni kim dep bilisiler? Men siler kütken zat emesmen. Biraq mana, mendin kéyin birsi kélidu, men hetta uning ayagh keshlirini yéshishkimu layiq emesmen!»
يەھيا [پەيغەمبەر] ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»
26 Ey qérindashlar, Ibrahimning jemetining nesilliri we aranglardiki Xudadin qorqqanlar, bu nijatliqning söz-kalami silerge ewetildi!
ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى!
27 Yérusalémda turuwatqanlar we ularning hakimliri [Eysani] tonumay, uning üstidin gunahkar dep höküm chiqarghini bilen, her shabat küni oqulidighan peyghemberlerning aldin éytqan sözlirini emelge ashurdi.
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
28 Gerche ular uningdin ölüm jazasigha höküm qilishqa tégishlik birer gunah tapalmighan bolsimu, waliy Pilatustin yenila uni ölümge mehkum qilishni ötündi.
گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى.
29 Ular [bu] [ishlarni qilip] muqeddes yazmilarda uning heqqide aldin pütülgenlerning hemmisini [özliri bilmigen halda] emelge ashurghandin kéyin, uning jesitini krésttin chüshürüp, bir qebrige qoydi.
ئۇلار [بۇ] [ئىشلارنى قىلىپ] مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى [ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا] ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى.
30 Lékin Xuda uni ölümdin tirildürdi!
لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى!
31 Tirilgendin kéyin, u burun özi bilen Galiliyedin Yérusalémghiche egiship kelgenlerge köp künler ichide [nechche qétim] körünüp turdi. Bu kishiler hazir [Israil] xelqige uning guwahchiliri boluwatidu.
تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە [نەچچە قېتىم] كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر [ئىسرائىل] خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ.
32 Bizmu ata-bowilirimizgha qilin’ghan wedining xush xewirini silerge hazir jakarlaymiz — Xuda Eysani [arimizda] tiklep, bu wedini ularning ewladliri bolghan bizlerge emelge ashurdi. Bu heqte Zeburning ikkinchi küyide aldin’ala mundaq pütülgen: «Sen Méning Oghlum, Özüm séni bügünki künide tughdurdum».
بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى [ئارىمىزدا] تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم».
34 Emdilikte Xudaning Eysagha chirishni qayta körgüzmey ölümdin tirildüridighanliqi heqqide u [muqeddes yazmilarda] mundaq aldin éytqan: «Dawutqa wede qilghan méhir-shepqetlerni silerge ata qilimen!»
ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!»
35 Shunga yene bu heqte yene bir ayette: — «[I Xuda], Séning muqeddes Bolghuchunggha ténining chirishini körgüzmeysen».
شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «[ئى خۇدا]، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن».
36 Chünki Dawut derweqe Xudaning iradisi boyiche öz dewri üchün xizmet qilip, öz ata-bowilirigha qoshulup ölümde uxlap uning téni chirip ketkenidi.
چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى.
37 Lékin Xuda ölümdin tirildürgüchi bolsa chirishni héch körmidi.
لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى.
38 Emdi shunga siler shuni bilishinglar kérekki, i qérindashlar, hazir gunahlardin kechürüm qilinish yoli del shu kishi arqiliq silerge jakarliniwatidu.
ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ.
39 Musa peyghemberge chüshürülgen Tewrat qanuni bilen siler xalas bolalmaywatqan ishlardin uninggha étiqad qilghuchilar u arqiliq xalas qilinip heqqaniy qilinidu!
مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ!
40 Shunga, peyghemberler aldin éytqan shu balayi’apet béshinglargha chüshmesliki üchün éhtiyat qilinglar! —
شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ
41 «Qaranglar, i mazaq qilghuchilar, heyranuhes bolup halak bolunglar! Chünki silerning künliringlarda bir ish qilimenki, Uni birsi silerge élan qilsimu siler shu ishqa hergiz ishenmeysiler!»
«قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»
42 Pawlus bilen Barnabas sinagogdin chiqiwatqanda, jamaet ulargha kélerki shabat küni bu ishlar heqqide yene sözleshni yélindi.
پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.
43 Sinagogtiki jamaet tarqalghanda, nurghun Yehudiylar we Xudadin qorqqan Tewratqa étiqad qilghan Yehudiy emeslermu Pawlus bilen Barnabasqa egeshti. Ikkisi ulargha söz qilip, ularni Xudaning méhir-shepqitide ching turushqa dewet qildi.
سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
44 Kéyinki shabat küni, pütün sheher xelqi dégüdek Xudaning söz-kalamini anglighili kélishti.
كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.
45 Biraq bundaq top-top ademlerni körgen Yehudiylar hesetke chömüp, Pawlusning sözlirige qarshi tetür gep qilip, uninggha töhmet qildi.
بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى.
46 Emdi Pawlus bilen Barnabas téximu yüreklik halda mundaq dédi: — Xudaning söz-kalamini aldi bilen siler [Yehudiy xelqige] yetküzüsh kérek idi. Lékin siler uni chetke qéqip özünglarni menggülük hayatqa layiq körmigendin kéyin, mana biz [silerdin] burulup ellerge yüzlinimiz! (aiōnios g166)
ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز! (aiōnios g166)
47 Chünki Perwerdigar [muqeddes yazmilarda] bizge mundaq buyrughan: — «Men Séni [yat] ellerge nur bolushqa, Yer yüzining chet-yaqilirighiche nijatliq bolushung üchün Séni atidim».
چۈنكى پەرۋەردىگار [مۇقەددەس يازمىلاردا] بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ «مەن سېنى [يات] ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».
48 Ellerdikiler bu sözni anglap, xushal bolushup Rebning söz-kalamini ulughlashti; menggülük hayatqa érishishke békitilgenlerning hemmisi étiqad qildi. (aiōnios g166)
ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى. (aiōnios g166)
49 Shundaq qilip, Rebning söz-kalami pütkül zémin’gha tarqaldi.
شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى.
50 Biraq Yehudiylar Xudadin qorqqan yuqiri tebiqilik ayallarni hem sheher mötiwerlirini qutritip, Pawlus bilen Barnabasqa ziyankeshlik qilghuzup, ular ikkisini öz yurtliridin qoghlap chiqardi.
بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
51 Emma Pawlus bilen Barnabas ulargha qarap ayaghliridiki topini qéqishturuwétip, Konya shehirige qarap mangdi.
ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى.
52 [Antakyadiki] muxlislar bolsa xushalliqqa hemde Muqeddes Rohqa tolduruldi.
[ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى.

< Rosullarning paaliyetliri 13 >