< Korintliqlargha 2 9 >

1 Chünki muqeddes bendilerning bu yardem xizmiti toghruluq silerge yene yézishimning hajiti yoq.
چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
2 Chünki men silerning bu ishqa qattiq bel baghlighininglarni bilimen; men bu toghruluq: Axayadikiler ötken yildin béri xeyr-sediqe bérishke teyyar turuwatidu, dep Makédoniyediki [qérindashlargha] pexirlinip maxtap kelmektimen, shuning bilen silerning qizghinliqinglar ularning köpinchisining [xeyr-sediqe] [bérishige] türtke boldi.
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى [قېرىنداشلارغا] پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ [خەير-سەدىقە] [بېرىشىگە] تۈرتكە بولدى.
3 Lékin qérindashlarni ewetishtiki meqsitim silerning toghranglarda pexirlinip maxtishimning bu ishlarda bihude ish bolup qalmasliqi, silerning déginimdek teyyar bolup turushunglar üchündur.
لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.
4 Mubada Makédoniyedikiler men bilen bille barghinida, siler teyyarliqsiz bolsanglar, bu ishenchimiz wejidin biz xijaletke qaldurulimiz, siler sözsiz shundaq bolisiler.
مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر.
5 Shu sewebtin men qérindashlardin yéninglargha bérip silerdin bu wede qilghan xeyrlik ishni aldin’ala teyyarlap püttürüshini ötünüshni zörür dep hésablidim; shundaqla bu silerdin birer nerse ündüriwélish bolmisun, belki méhribanliqinglardin bolsun.
شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن.
6 Emma buni [eslenglar]: Béxilliq bilen az térighan az alidu, ochuq qolluq bilen térighini mol alidu.
ئەمما بۇنى [ئەسلەڭلار]: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ.
7 Her adem héch qiynilip qalmay yaki mejburen emes, belki öz könglide pükkiniche bersun; chünki Xuda xushalliq bilen bergüchini yaxshi köridu.
ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
8 Emma Xuda herbir iltipat-shapaetni silerge éship tashturushqa qadirdur; shuning bilen siler herdaim herterepte her éhtiyajqa teyyar quwwetlinisiler, kengrichilikte turup qolliringlar herxil güzel ishqa yétidu.
ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ.
9 [Muqeddes yazmilarda] pütülginidek: — «U öziningkini tarqatqan, U yoqsullargha sediqe bergen; Uning heqqaniyliqi menggüge turidu». (aiōn g165)
[مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگىنىدەك: ــ «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ». (aiōn g165)
10 Emdi térighuchigha térighili uruq, yégili nan ata qilghuchi silerning tériydighan uruqliringlarni teminlep mol qilidu, heqqaniyliqinglarning hosul-méwilirini köpeytidu.
ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ.
11 Shuning bilen siler herqandaq ehwalda qoli ochuq bolushqa her terepte béyitilisiler, shuningdek bu ish biz arqiliq Xudagha köp teshekkürlerni élip baridu;
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛
12 chünki bu xeyrlik xizmetni ada qilish peqet muqeddes bendilerning hajetlirini qandurupla qalmay, köp kishilerning Xudagha yetküzgen teshekkürlirini éship tashturidu.
چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ.
13 Bu yardem xizmiti özliringlarning Mesihning xush xewirini étirap qilishinglardiki méwe bolghan itaetmenlikinglargha delil-ispat bolidu, shundaqla silerning mushu [hajetmen] bendilerge, shundaqla barliq ademlerge körsetken ochuq qolluq séxiyliqinglardin ular Xudani ulughlaydu.
بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ [ھاجەتمەن] بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
14 We Xudaning silerde tashqinlatqan ajayib méhir-shepqiti tüpeylidin, ular siler üchün dua-tilawet qilghinida, ular silerge telpünüp qattiq séghinip esleydu.
ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ.
15 Uning til bilen ipadiligüsiz ajayib sowghisi üchün Xudagha teshekkür bolghay!
ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي!

< Korintliqlargha 2 9 >