< Korintliqlargha 2 2 >

1 Lékin men ichimde, qéshinglargha barsam yene azar élip barmaymen dégen qarargha keldim.
لېكىن مەن ئىچىمدە، قېشىڭلارغا بارسام يەنە ئازار ئېلىپ بارمايمەن دېگەن قارارغا كەلدىم.
2 Chünki eger men silerge azar bersem, méning tüpeylimdin azar yégenlerdin bashqa qaysibiri méni shadlanduralisun?
چۈنكى ئەگەر مەن سىلەرگە ئازار بەرسەم، مېنىڭ تۈپەيلىمدىن ئازار يېگەنلەردىن باشقا قايسىبىرى مېنى شادلاندۇرالىسۇن؟
3 Men esli méni shadlandurushi tégishlik bolghanlardin eksiche azar yep qalmay dégen meqsette shu xetni yazdim; chünki méning shadliqim siler hemminglarningmu shadliqidur dep siler hemminglargha ishench baghlidim.
مەن ئەسلى مېنى شادلاندۇرۇشى تېگىشلىك بولغانلاردىن ئەكسىچە ئازار يەپ قالماي دېگەن مەقسەتتە شۇ خەتنى يازدىم؛ چۈنكى مېنىڭ شادلىقىم سىلەر ھەممىڭلارنىڭمۇ شادلىقىدۇر دەپ سىلەر ھەممىڭلارغا ئىشەنچ باغلىدىم.
4 Chünki eslide özüm éghir azab ichide qelbimdiki derd-elemdin köp köz yashlirimni tökküzüp turup silerge shu xetni yazghanidim; meqsitim silerge azar bérish emes, belki silerge chongqur baghlan’ghan, éship tashqan muhebbitimni bilishinglar üchün idi.
چۈنكى ئەسلىدە ئۆزۈم ئېغىر ئازاب ئىچىدە قەلبىمدىكى دەرد-ئەلەمدىن كۆپ كۆز ياشلىرىمنى تۆككۈزۈپ تۇرۇپ سىلەرگە شۇ خەتنى يازغانىدىم؛ مەقسىتىم سىلەرگە ئازار بېرىش ئەمەس، بەلكى سىلەرگە چوڭقۇر باغلانغان، ئېشىپ تاشقان مۇھەببىتىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
5 Emma birersi azar yetküzgen bolsa, uning azar yetküzgini men emes deymen, u belki melum derijide (bu ishni ziyade éghir qilghum yoq) hemminglargha azar yetküzdi.
ئەمما بىرەرسى ئازار يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئازار يەتكۈزگىنى مەن ئەمەس دەيمەن، ئۇ بەلكى مەلۇم دەرىجىدە (بۇ ئىشنى زىيادە ئېغىر قىلغۇم يوق) ھەممىڭلارغا ئازار يەتكۈزدى.
6 Bundaq ademning köpinchinglar teripidin tenbihlen’gini yéterliktur;
بۇنداق ئادەمنىڭ كۆپىنچىڭلار تەرىپىدىن تەنبىھلەنگىنى يېتەرلىكتۇر؛
7 Shunga hazir eksiche, siler uninggha méhir-shepqet körsitip righbet-teselli bérishinglargha toghra kélidu; bolmisa bundaq bir kishi belkim ghayet zor derd-elemdin özini yoqitishimu mumkin.
شۇڭا ھازىر ئەكسىچە، سىلەر ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ رىغبەت-تەسەللى بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ؛ بولمىسا بۇنداق بىر كىشى بەلكىم غايەت زور دەرد-ئەلەمدىن ئۆزىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن.
8 Shunga men silerge uninggha muhebbitinglarni ispatlishinglarni jékileymen.
شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلارنى جېكىلەيمەن.
9 Shu xétimni yene bir meqsette, yeni silerning hemme ishlarda itaetmen yaki itaetmen emeslikinglarni sinap bilishim üchün yazdim.
شۇ خېتىمنى يەنە بىر مەقسەتتە، يەنى سىلەرنىڭ ھەممە ئىشلاردا ئىتائەتمەن ياكى ئىتائەتمەن ئەمەسلىكىڭلارنى سىناپ بىلىشىم ئۈچۈن يازدىم.
10 Lékin siler qaysibirini melum ish üchün kechürüm qilghan bolsanglar, menmu hem uni shundaq qilghan bolimen; menmu melum bir ishni kechürüm qilghinimda (birer ishni kechürüm qilghan bolsam), men silerni dep Mesihning huzurida shundaq qildim.
لېكىن سىلەر قايسىبىرىنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق قىلغان بولىمەن؛ مەنمۇ مەلۇم بىر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا (بىرەر ئىشنى كەچۈرۈم قىلغان بولسام)، مەن سىلەرنى دەپ مەسىھنىڭ ھۇزۇرىدا شۇنداق قىلدىم.
11 Shuning bilen Sheytan bizdin héch üstünlükke érishelmeydu; chünki biz uning hiyle-mikirliridin bixewer emesmiz.
شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز.
12 Emdi Mesihning xush xewirini jakarlashqa Troas shehirige kelginimde we shundaqla Reb teripidin [purset] ishiki manga échilghini bilen,
ئەمدى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا تروئاس شەھىرىگە كەلگىنىمدە ۋە شۇنداقلا رەب تەرىپىدىن [پۇرسەت] ئىشىكى ماڭا ئېچىلغىنى بىلەن،
13 qérindishim Titusni tapalmighinim tüpeylidin rohim aram tapmidi; shuning bilen men shu yerdikiler bilen xoshliship, Makédoniyege seper aldim.
قېرىندىشىم تىتۇسنى تاپالمىغىنىم تۈپەيلىدىن روھىم ئارام تاپمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە سەپەر ئالدىم.
14 Emma bizni Mesihde hemishe tentene bilen ghalibane bashlaydighan, biz arqiliq her yerde Özige dost tartquchi xushpuraqni chachquchi Xudagha teshekkür!
ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر!
15 Chünki biz Xudagha yetküzüliwatqan Mesihning xushpuriqidurmiz, hem qutquzuluwatqanlar arisida hem halaketke kétiwatqanlar arisida shundaqmiz;
چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛
16 kéyinkilerge ölümge bolghan ölümning puriqi, aldinqilargha hayatliqqa bolghan hayatliqning puriqidurmiz; emdi mushundaq ishlarning höddisidin kim chiqalaydu?
كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟
17 Chünki biz köp kishilerning qilghinidek Xudaning kalam-sözini soda-sétiq ishi qilmaymiz; eksiche biz semimiylik bilen Xuda aldida Xudadin [ewetilgenler] süpitide Mesihde sözleymiz.
چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز.

< Korintliqlargha 2 2 >