< Yuhanna 1 3 >

1 Qaranglar, Ata bizge shundaq chongqur méhir-muhebbet körsetkenki, biz «Xudaning eziz baliliri» dep atalduq — we biz heqiqetenmu shundaq. Bu dunya shu sewebtin bizni tonup yetmeyduki, chünki bu dunya Uni tonumidi.
قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.
2 Söyümlüklirim, biz hazir Xudaning eziz baliliridurmiz; kelgüside qandaq bolidighanliqimiz téxi ochuq ayan qilinmighan. Biraq U [qaytidin] ayan qilin’ghanda, Uninggha oxshash bolidighanliqimizni bilimiz; chünki shu chaghda biz Uning eynen Özini körimiz.
سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ [قايتىدىن] ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز.
3 We [Mesihge] ümid baghlighan herbir kishi U pak bolghandek özini paklimaqta.
ۋە [مەسىھگە] ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا.
4 Gunah sadir qilghan kishi [Xudaning] qanunigha xilapliq qilghan bolidu. Chünki gunah sadir qilghanliq [Xudaning] qanunigha xilapliq qilghanliqtur.
گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.
5 Halbuki, siler Uni gunahlarni élip tashlash üchün dunyagha kélip ayan qilin’ghan we shundaqla Uningda héchqandaq gunah yoqtur, dep bilisiler.
ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر.
6 Uningda yashawatqan herbir kishi gunah sadir qilmaydu; kimdekim gunah sadir qilsa, Uni körmigen we Uni tonumighan bolidu.
ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ.
7 Eziz balilirim, héchkimning silerni aldishigha yol qoymanglar. Heqqaniyliqqa emel qilghuchi kishi U heqqaniy bolghinidek heqqaniydur.
ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.
8 Lékin gunah sadir qilghuchi Iblistindur. Chünki Iblis elmisaqtin tartip gunah sadir qilip kelmekte. Xudaning Oghlining dunyada ayan qilinishidiki meqset Iblisning emellirini yoqitishtur.
لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.
9 Xudadin tughulghuchi gunah sadir qilmaydu; Xudaning uruqi uningda orun alghachqa, u gunah sadir qilishi mumkin emes, chünki u Xudadin tughulghandur.
خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر.
10 Xudaning baliliri bilen Iblisning baliliri shuning bilen perqliniduki, kimdekim heqqaniyliqqa emel qilmisa we yaki öz qérindishigha méhir-muhebbet körsetmise Xudadin emestur.
خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.
11 Chünki siler desleptin anglap kéliwatqan xewer mana del shuki, bir-birimizge méhir-muhebbet körsitishimiz kérektur.
چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر.
12 U u rezildin bolghan, inisini öltürgen Qabilgha oxshash bolmasliqimiz kérek; u némishqa inisini qetl qildi? Uning özining qilghanliri rezil, inisining qilghanliri heqqaniy bolghanliqi üchün shundaq qilghan.
ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
13 Shunga, i qérindashlar, bu dunya silerni öch körse, buninggha heyran qalmanglar.
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار.
14 Biz qérindashlarni söygenlikimizdin, ölümdin hayatliqqa ötkenlikimizni bilimiz. Öz qérindishini söymigüchi téxi ölümde turuwatidu.
بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ.
15 Qérindishigha öchmenlik qilghan kishi qatildur we héchqandaq qatilda menggülük hayatning bolmaydighanliqini bilisiler. (aiōnios g166)
قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. (aiōnios g166)
16 Biz shuning bilen méhir-muhebbetning néme ikenlikini bilimizki, u biz üchün Öz jénini pida qildi; shuningdek bizmu qérindashlirimiz üchün öz jénimizni pida qilishqa qerzdardurmiz.
بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز.
17 Emma kimki bu dunyada mal-mülki turup, qérindishining mohtajliqini körüp turup, uninggha köksi-qarnini achmisa, bundaq kishide nedimu Xudaning méhir-muhebbiti bolsun?
ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
18 Eziz balilirim, söz bilen we til bilen emes, belki emelde we heqiqette méhir-muhebbet körsiteyli.
ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.
19 Biz shundaq ishlar bilen özimizning heqiqettin bolghanliqimizni bileleymiz we [Xudaning] aldida qelbimizni xatirjem qilalaymiz.
بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە [خۇدانىڭ] ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز.
20 Shundaqtimu, mubada qelbimiz bizni yenila eyiblise, Xuda yenila qelbimizdin üstün we hemmini bilgüchidur.
شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
21 Söyümlüklirim, eger qelbimiz bizni eyiblimise, Xudaning aldida yüreklik turimiz
سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز
22 we shundaqla Uningdin némini tilisek shuninggha érisheleymiz; chünki biz Uning emrlirige emel qilip, Uni xursen qilidighan ishlarni qilimiz.
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.
23 We Uning emri shuki, uning Oghli Eysa Mesihning namigha étiqad qilishimiz hemde Uning bizge tapilighinidek bir-birimizge méhir-muhebbet körsitishimizdin ibarettur.
ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.
24 Uning emrlirige emel qilidighan kishi [Xudada] yashaydighan we [Xudamu] uningda yashaydighan bolidu. Emdi Xudaning bizde yashaydighanliqini bilginimiz bolsa, U bizge ata qilghan Rohtindur.
ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى [خۇدادا] ياشايدىغان ۋە [خۇدامۇ] ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر.

< Yuhanna 1 3 >