< Korintliqlargha 1 6 >

1 Silerning aranglarda özara arazliq ish bolsa, uni muqeddes bendilerning bir terep qilishigha tapshurmay, heqqaniysizlarning aldida dewalishishqa pétinalamsiler?
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟
2 Muqeddes bendilerning dunyani soraq qilidighanliqini bilmemsiler? Eger dunyani siler soraq qilidighan ish bolsa, emdi zighirchilik ishlarni hel qilishqa yarimamsiler?
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟
3 Perishtiler üstidinmu höküm chiqiridighanliqimizni bilmemsiler? Shundaq bolghaniken, bu hayattiki ishlarni hel qilish qanchilik ish idi?
پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟
4 Silerde mushu hayattiki ishlar üstidin höküm qilish zörür tépilghanda, jamaet arisida töwen dep qaralghanlarni uni hel qilishqa salmamsiler?
سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟
5 Mushularni silerni xijaletke qaldurush üchün dewatimen. Ejeba, aranglarda öz qérindashliri otturisida höküm chiqarghudek dana kishi yoqmu, hetta birimu yoqmu?
مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟
6 Uning ornida, qérindash bilen qérindash dewalishiwatidu, — we kapirlar aldida shundaq qilidu!
ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ!
7 Emeliyette öz aranglarda dewalarning bolghanliqining özi silerge nisbeten bir eyibtur. Némishqa uwalchiliqqa chidimaysiler? Némishqa naheqchilikke yol qoymaysiler?
ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟
8 Eksiche, siler naheqchilik qiliwatisiler, xiyanet qiliwatisiler, yene kélip qérindashliringlargha shundaq qilisiler!
ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر!
9 Heqqaniysizlarning Xudaning padishahliqigha warisliq qilalmaydighanliqini bilmemsiler? Aldinip ketmenglar! Buzuqchiliq qilghuchilar, butperesler, zina qilghuchilar, bechchiwazlar, bashqa erler bilen buzuqluq qilghuchilar,
ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار،
10 oghrilar, nepsaniyetchiler, haraqkeshler, töhmetxorlar yaki aldamchi-kazzaplar Xudaning padishahliqigha warisliq qilalmaydu;
ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛
11 bezinglar derweqe shundaq bolghansiler; emma siler Reb Eysa Mesihning namida we Xudayimizning Rohi bilen yuyuldunglar, pak-muqeddes qilindinglar, heqqaniy qilindinglar.
بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.
12 «Hemme nerse manga halaldur», emma hemme nerse paydiliq boluwermeydu; «hemme nerse manga halaldur», emma men héchqandaq nersining xumarigha qul bolmaymen.
«ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن.
13 «Yémeklikler ashqazan üchün, ashqazan bolsa yémeklikler üchündur»; emma Xuda u we bu her ikkisini yoqqa chiqiridu; ten bolsa buzuqchiliq üchün emes, belki Reb üchündur; Reb ten üchündur.
«يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر.
14 Xuda Rebni tirildürdi, shuningdek biznimu Öz qudriti bilen ölümdin tirildüridu.
خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ.
15 Téninglarning Mesihning ezaliri ikenlikini bilmemsiler? Undaqta, Mesihning ezalirini élip, pahishe ayalning ezaliri qilsam bolamdu? Hergiz bolmaydu!
تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ!
16 Kim pahishe ayal bilen baghlan’ghan bolsa uning bilen bir ten bolidu, dep bilmemsiler? Chünki «[er-ayal] ikkisi bir ten bolidu» — déyilgenidi.
كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «[ئەر-ئايال] ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى.
17 Emma Rebge baghlan’ghuchi bolsa Uning bilen bir rohtur.
ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر.
18 Buzuqluqtin qéchinglar. «Insanlarning herbir sadir qilghan gunahi öz ténining sirtida bolidu!» — emma buzuqluq sadir qilghuchi öz ténige qarshi gunah qilidu.
بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ.
19 Silerning téninglar silerni turalghu qilghan, Xuda teripidin silerge iltipat qilin’ghan Muqeddes Rohning ibadetxanisi, siler özünglarni özümningki emes dep bilmemsiler?
سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟
20 Chünki siler chong bedel bilen sétiwélin’ghansiler; shunga téninglarda Xudani ulughlanglar.
چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

< Korintliqlargha 1 6 >