< Korintliqlargha 1 3 >

1 Lékin men, i qérindashlar, Rohqa tewe kishilerge söz qilghandek silerge söz qilalmay kéliwatimen; eksiche silerni etke tewe kishiler, Mesihde bolghan bowaq hésablap silerge sözleshke mejbur boldum.
لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.
2 Men silerge süt ichküzdüm, göshni yégüzmidim; chünki siler göshni hezim qilalmayttinglar, shundaqla hazirmu téxi hezim qilalmaysiler;
مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛
3 Chünki siler yenila etke tewedursiler. Aranglarda hesetxorluq we talash-tartishlar bar bolghachqa, siler etke tewe emesmu, insanlarche méngiwatmamsiler?
چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟
4 Chünki birsi «Men Pawlus terepdari», bashqa birsi «Men Apollos terepdari» dése, siler peqet insanlarning yolida mangghan bolup qalmamsiler?
چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟
5 Apollos dégen kim? Pawlus kim idi? Biz peqet silerning étiqadinglargha wasitichi bolduq, xalas; herbirimiz peqet Reb bizge teqsim qilghini boyiche wezipe ada qilidighan xizmetkarlar, xalas, shundaq emesmu?
ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
6 Men tiktim, Apollos sughardi; emma östürgüchi bolsa Xudadur.
مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر.
7 Shunga tikküchi héchnémige hésab emes, sugharghuchimu héchnémige hésab emes, peqet östürgüchi Xuda Özi hemmidur.
شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر.
8 Emma tikküchi we osa qilghuchi bolsa bir meqsettidur; shundaqtimu herbiri öz ejri boyiche in’amini qobul qilidu.
ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ.
9 Chünki biz Xudagha tewe méhnetdashturmiz; siler bolsanglar Xudaning bagh-étizi, Xudaning qurulushisiler.
چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر.
10 Xudaning manga teqsim qilghan méhir-shepqiti boyiche, xuddi usta mémardek ul saldim, andin bashqa birsi uning üstige quruwatidu. Emma herbir qurghuchi qandaq quruwatqanliqigha éhtiyat qilsun.
خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن.
11 Chünki sélin’ghan ulni, yeni Eysa Mesihdin bashqa héchqandaq ulni sélishqa bolmaydu.
چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ.
12 Emdi birsi bu ul üstige altun, kümüsh, qimmetlik tashlar, yaghach, chöpler, saman salsa,
ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا،
13 herbirining singdürgen ejrining qandaqliqi körünidu; chünki shu küni uni ashkare qilidu, chünki uning mahiyiti otta körülidu; ot herbir kishining ejrini, qandaq mahiyettin bolghanliqini sinaydu.
ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ.
14 Birsining ul üstige qurghan ishi puxta saqlinip qalsa, u in’amgha érishidu;
بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛
15 Birsining qurghini köyüp ketse, u ziyan tartidu; u özi qutulidu, emma goya ottin ötüp qutulghan birsige oxshap qalidu.
بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
16 Ejeba, özünglarning Xudaning ibadetxanisi ikenlikinglarni we Xudaning Rohining silerde turghanliqini bilmemsiler?
ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
17 Birsi Xudaning ibadetxanisini xarab qilsa, Xuda uni xarab qilidu; chünki Xudaning ibadetxanisi pak-muqeddestur, siler del shundaqsiler.
بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر.
18 Héchkim öz-özini aldimisun; birsi özini bu dewrde dana dep sanisa, nadan bolup qalsun; shuning bilen u dana bolidu. (aiōn g165)
ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. (aiōn g165)
19 Chünki bu dunyadiki danaliq Xudagha nisbeten exmeqliqtur; chünki: — «U danishmenlerni öz hiyligerlikining tuziqigha alidu», dep we yene: «Reb danishmenlerning oy-xiyallirining tutami yoqluqini bilidu» dep pütüklüktur.
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر.
21 Shunga héchkim insan dégenlerni pexirlinip danglimisun; chünki hemme mewjudatlar silerge tewedur;
شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛
22 Pawlus bolsun, Apollos bolsun, Kéfas bolsun, dunya-jahan bolsun, hayat bolsun, ölüm bolsun, hazirqi ishlar bolsun, kelgüsi ishlar bolsun, hemmisi silerge mensuptur;
پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛
23 siler bolsanglar Mesihning, Mesih bolsa Xudaningkidur.
سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر.

< Korintliqlargha 1 3 >