< زەفانىيا 1 >

ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ 1
مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 2
ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 3
ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ 4
شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى، 5
پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن. 6
رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛ 7
پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ 8
شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن. 9
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. 10
«ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!» 11
ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن، ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن. 12
ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ. 13
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. 14
شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن، 15
ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ. 16
مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛ 17
پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. 18

< زەفانىيا 1 >