< زەفانىيا 2 >

يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»، 1
התקוששו וקושו--הגוי לא נכסף
يارلىق چىققۇچە، كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، 2
בטרם לדת חק כמץ עבר יום בטרם לא יבוא עליכם חרון אף יהוה--בטרם לא יבוא עליכם יום אף יהוה
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر. 3
בקשו את יהוה כל ענוי הארץ אשר משפטו פעלו בקשו צדק בקשו ענוה--אולי תסתרו ביום אף יהוה
چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ. 4
כי עזה עזובה תהיה ואשקלון לשממה אשדוד בצהרים יגרשוה ועקרון תעקר
دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى! ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن. 5
הוי ישבי חבל הים--גוי כרתים דבר יהוה עליכם כנען ארץ פלשתים והאבדתיך מאין יושב
دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار، قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛ 6
והיתה חבל הים נות כרת רעים--וגדרות צאן
دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛ ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. 7
והיה חבל לשארית בית יהודה--עליהם ירעון בבתי אשקלון בערב ירבצון--כי יפקדם יהוה אלהיהם ושב שבותם (שביתם)
مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. 8
שמעתי חרפת מואב וגדפי בני עמון--אשר חרפו את עמי ויגדילו על גבולם
شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ. 9
לכן חי אני נאם יהוה צבאות אלהי ישראל כי מואב כסדם תהיה ובני עמון כעמרה ממשק חרול ומכרה מלח ושממה עד עולם שארית עמי יבזום ויתר גוי ינחלום
ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى. 10
זאת להם תחת גאונם כי חרפו ויגדלו על עם יהוה צבאות
پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. 11
נורא יהוה עליהם כי רזה את כל אלהי הארץ וישתחוו לו איש ממקומו כל איי הגוים
ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر. 12
גם אתם כושים חללי חרבי המה
ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ. 13
ויט ידו על צפון ויאבד את אשור וישם את נינוה לשממה ציה כמדבר
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛ چۆل ھۇۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛ دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛ بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛ 14
ורבצו בתוכה עדרים כל חיתו גוי--גם קאת גם קפד בכפתריה ילינו קול ישורר בחלון חרב בסף כי ארזה ערה
مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ. 15
זאת העיר העליזה היושבת לבטח האמרה בלבבה אני ואפסי עוד איך היתה לשמה מרבץ לחיה--כל עובר עליה ישרק יניע ידו

< زەفانىيا 2 >