< زەكەرىيا 9 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت ــ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق ئۈستىگە قونىدۇ (چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى ئادەملەر ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئۈستىدىدۇر)؛ 1
ئۇ بۇلارغا چېگرىداش بولغان خاماتقا، تۇر ۋە زىدون ئۈستىگىمۇ قونىدۇ. تۇر تولىمۇ «دانا» بولغاچقا، 2
ئۆزى ئۈچۈن قورغان قۇرغان، كۈمۈشنى توپىدەك، ساپ ئالتۇننى كوچىلاردىكى پاتقاقتەك دۆۋىلەپ قويغان. 3
مانا، رەب ئۇنى مال-دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ كۈچىنى دېڭىزدا يوق قىلىدۇ؛ ئۇ ئوت تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ. 4
ئاشكېلون بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ؛ گازامۇ كۆرۈپ ئازابلىنىپ تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئەكرونمۇ شۇنداق، چۈنكى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى توزۇپ كېتىدۇ؛ پادىشاھ گازادىن يوقاپ كېتىدۇ، ئاشكېلون ئادەمزاتسىز قالىدۇ. 5
شۇنىڭ بىلەن ئاشدودتا ھارامدىن بولغان بىرسى تۇرىدۇ؛ مەن فىلىستىيلەرنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرىنى يوقىتىمەن. 6
مەن ئاغزىدىن قانلارنى، ئۇنىڭ ھارام يېگەن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىمەن؛ ئاندىن قېلىپ قالغانلار بولسا، ئۇلار خۇدايىمىزغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدادا يولباشچى بولىدۇ؛ ئەكروننىڭ ئورنى يەبۇس قەبىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. 7
مەن قوشۇن تۈپەيلىدىن، يەنى ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە قايتىپ كەلگۈچى تۈپەيلىدىن ئۆز ئۆيۈم ئەتراپىدا چېدىرىمنى تىكتۈرىمەن؛ ئەزگۈچى قايتىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆزىتىمەن. 8
زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛ 9
شۇنىڭ بىلەن مەن جەڭ ھارۋىلىرىنى ئەفرائىمدىن، ئاتلارنى يېرۇسالېمدىن مەھرۇم قىلىۋېتىمەن؛ جەڭ ئوقياسىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ بولسا ئەللەرگە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى جاكارلاپ يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە بولىدۇ. 10
ئەمدى سېنى بولسا، ساڭا چۈشۈرۈلگەن ئەھدە قېنى تۈپەيلىدىن، مەن ئاراڭدىكى مەھبۇسلارنى سۇسىز ئورەكتىن ئازادلىققا چىقىرىمەن. 11
مۇستەھكەم جايغا قايتىپ كېلىڭلار، ئى ئارزۇ-ئۈمىدنىڭ مەھبۇسلىرى! بۈگۈن مەن جاكارلاپ ئېيتىمەنكى، تارتقان جازالىرىڭنىڭ ئەكسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ساڭا قايتۇرىمەن. 12
چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن يەھۇدانى ئوقيادەك ئېگىلدۈردۈم، ئەفرائىمنى ئوق قىلىپ ئوقياغا سالدىم؛ مەن ئوغۇل بالىلىرىڭنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ئى زىئون ــ ئۇلار سېنىڭ ئوغۇل بالىلىرىڭغا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئى گرېتسىيە! ئى زىئون، مەن سېنى پالۋاننىڭ قولىدىكى قىلىچتەك قىلىمەن. 13
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئوقى چاقماقتەك ئېتىلىپ ئۇچىدۇ. رەب پەرۋەردىگار كاناينى چالىدۇ؛ ئۇ جەنۇبتىكى دەھشەتلىك قارا قۇيۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش قىلىدۇ. 14
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مۇداپىئە بولىدۇ؛ ئۇلار سالغا تاشلىرىنى كۇكۇم قىلىپ، دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئىچىۋېلىپ، شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار [قانغا] مىلەنگەن قۇربانگاھنىڭ بۈرجەكلىرىدەك، [قانغا] تولدۇرۇلغان قاچىلاردەك بولىدۇ. 15
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار بولغان ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى ئۆزۈم باققان پادام بولغان خەلقىم دەپ بىلىپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار تاج گۆھەرلىرىدەك ئۇنىڭ زېمىنى ئۈستىدە كۆتۈرۈلىدۇ. 16
شۇنچە زوردۇر ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنچە قالتىستۇر ئۇنىڭ گۈزەللىكى! زىرائەتلەر يىگىتلەرنى، يېڭى شاراب قىزلارنى ياشنىتىدۇ! 17

< زەكەرىيا 9 >