< زەكەرىيا 5 >

ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم. 1
ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم. 2
ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». 3
ــ «مەن بۇ [يازمىنى] چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ». 4
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى. 5
مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا [شۇ رەزىللەرنىڭ] پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. 6
ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. 7
ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى. 8
بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. 9
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. 10
ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 11

< زەكەرىيا 5 >