< زەكەرىيا 14 >

مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ [ئۇ كۈنى] ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. 1
مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ. 2
ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ. 3
ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. 4
ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ! 5
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛ 6
بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ. 7
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ. 8
پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ. 9
گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ 10
ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. 11
ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ. 12
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ. 13
يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ ــ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ. 14
ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ. 15
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ. 16
شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ. 17
مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ. 18
بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ. 19
شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛ 20
يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ. 21

< زەكەرىيا 14 >