< زەكەرىيا 13 >

شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ. 1
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. 2
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. 3
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ 4
ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. 5
ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 6
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. 7
زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. 8
ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ. 9

< زەكەرىيا 13 >